ھەج سەھىپىسى | قىز-خانىملار سەھىپىسى | زاكات، سەدىقە، ئېھسان، ئەخلاق | رامزانلىق ئەسەرلەر مەجمۇئەسى
بىسىپ چىقىرىش دوستقا يوللاش باشقۇرغۈچىغا يوللاش  ئىزاھات يوللاش  ئىزاھاتلارنى كۆرۇش html كودىنى بەتكە ئېلىش
مېيتنىڭ روھى ئائىلىسىگە قايتمايدۇ
پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
مېيتنىڭ روھى ئائىلىسىگە قايتمايدۇ.docمېيتنىڭ روھى ئائىلىسىگە قايتمايدۇ
1.1 MB
مېيتنىڭ روھى ئائىلىسىگە قايتمايدۇ.docھۈججەتنى چۈشۈرۈش: مېيتنىڭ روھى ئائىلىسىگە قايتمايدۇ.doc
2.
مېيتنىڭ روھى ئائىلىسىگە قايتمايدۇ.pdfمېيتنىڭ روھى ئائىلىسىگە قايتمايدۇ
123 KB
مېيتنىڭ روھى ئائىلىسىگە قايتمايدۇ.pdfھۈججەتنى چۈشۈرۈش: مېيتنىڭ روھى ئائىلىسىگە قايتمايدۇ.pdf

 

مېيتنىڭ روھى ئائىلىسىگە قايتمايدۇ

 

13183 نومۇرلۇق سوئال

 

سوئال:

ئۆلگەنلەر ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خوشاللىقى، غەمكىنلىكى ۋە باشقا ئەھۋاللىرىدىن خەۋەردار بولامدۇ ؟ مۇسۇلماننىڭ روھى دۇنيادىكى ئىشلارنى بىلىش ئۈچۈن بۇ دۇنياغا كېلەمدۇ؟ ئۆلگەن كىشىنىڭ روھى 40 كۈنگىچە جان ئۆزگەن جايغا كېلىدۇ دەيدىغان سۆزلەر بار بۇ راستمۇ؟ھاياتلار ئۇلارنىڭ كەلگىنىنى ھىس قىلىمىزمۇ؟ئۇلار توغرىسىدا كۆرگەن چۈشلەرچۇ؟

جاۋاب:

 ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان  ۋە باشقا بىر دۇنياغا يۆتكەلگەن بولىدۇ. ئۇنىڭ روھى ئائىلىسىگە قايتمايدۇ ۋە ھېچنەرسىنى تۇيمايدۇ.  مېيتنىڭ روھى 40 كۈنگىچە ئۆلگەن جايغا كېلىدۇ، دېگەن سۆزلەر خۇراپاتتۇر. ئۇنىڭ ئاساسىي يوق. مېيتمۇ تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن ھېچ نەرسە بىلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ ئۇلاردىن ئايرىلغان. لېكىن ئاللاھ خالىغان بەندىسىگە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بەزى ئەھۋاللىرىدىن خەۋەر بېرىدۇ. بۇ ھەمىشە ۋە ھەممە كىشىگە شۇنداق ئەمەس. ئۆلۈكلەر ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرىدۇ دەيدىغان سۆزلەر بار. بۇنىڭغا ئىشىنىشكە بولمايدۇ.  ئەمما چۈشلەردىن بەزىسى ھەق بولۇپ، بەزىسى شەيتاننىڭ ئويۇنىدۇر. بەزى تىرىكلەر ياخشى چۈشلەر ئارقىلىق مېيتنىڭ ئەھۋالىنى بىلەلەيدۇ. لېكىن بۇمۇ چۈش كۆرگۈچىنىڭ ۋاستچىللىقىغا ، چۈشنى راست كۆرگەنلىكىگە ۋە تەبىر بەرگۈچىنىڭ سالاھىيىتىگە باغلىق. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭغا جەزم قىلىشقا بولمايدۇ. بەزى تىرىكلەر ئۆلۈك تۇغقىنىنى چۈشىدە كۆرىدۇ، ئۇنىڭغا بەزى تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ، ئەمەلىيەتكە مۇۋاپىق بولسا راستلىقىنى بىلگىلى بولىدىغان بەزى ئىشلاردىن خەۋەر بېرىدۇ. بۇخىلدىكى ئىشلار يۈز بەرگەن. بۇلاردىن ئەمەلىيەتكە مۇۋاپىق كەلگىنى، راستلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغىنى ۋە يالغانلىقىنى بىلگىلى بولىدىغىنى بولۇپ يۇقىرىدىكى ئۈچ تۈرلۈكتىن ئېبارەتتۇر.

 

Go to the Top