ھەج سەھىپىسى | قىز-خانىملار سەھىپىسى | زاكات، سەدىقە، ئېھسان، ئەخلاق | رامزانلىق ئەسەرلەر مەجمۇئەسى
بىسىپ چىقىرىش دوستقا يوللاش باشقۇرغۈچىغا يوللاش  ئىزاھات يوللاش  ئىزاھاتلارنى كۆرۇش html كودىنى بەتكە ئېلىش
لائىلاھە ئىللەللاھۇ  مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ نى ئېيتىش جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن يېتەرلىكمۇ؟
پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
لائىلاھە ئىللەللاھۇ  مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ نى ئېيتىش جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن يېتەرلىكمۇ؟.pdfلائىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ نى ...
133 KB
لائىلاھە ئىللەللاھۇ  مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ نى ئېيتىش جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن يېتەرلىكمۇ؟.pdfھۈججەتنى چۈشۈرۈش: لائىلاھە ئىللەللاھۇ  مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ نى ئېيتىش جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن يېتەرلىكمۇ؟.pdf
2.
لائىلاھە ئىللەللاھۇ  مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ نى ئېيتىش جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن يېتەرلىكمۇ؟.docلائىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ نى ...
1.1 MB
لائىلاھە ئىللەللاھۇ  مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ نى ئېيتىش جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن يېتەرلىكمۇ؟.docھۈججەتنى چۈشۈرۈش: لائىلاھە ئىللەللاھۇ  مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ نى ئېيتىش جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن يېتەرلىكمۇ؟.doc

 

لائىلاھە ئىللەللاھۇ  مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ نى ئېيتىش جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن يېتەرلىكمۇ؟

82857نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

مەلۇم بىر ئائىلە كىشىلىرى«لائىلاھە ئىللەللاھۇ  مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ»نى ئېيتىش دىنغا ئىتىقاد قىلىشقا يېتەرلىك دىگەن كۈز قاراشتا بۇلارنىڭ ئىتىقادى توغرىمۇ ۋە جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن يېتەرلىكمۇ؟

جاۋاب:

ئىسلام بۇ ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىشلا ئەمەس. بەلكى بۇ ئىككى شاھادەتنىڭ شەرتلىرىنى ئورۇنلاش لازىم. شۇ ۋاقىتتىلا ئۇنى ئېيتقان ئادەم ھەقىقىي مۇسۇلمان بولىدۇ. ئىسلامنىڭ پىرىنسىپى - ئېتىقاد، شاھادەت ئېيتىش ۋە ئەمەل قىلىشتۇر. ئۇبباد ئىبنى سامىتدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« كىمكى ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، ئۇنىڭ شېرىكى يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە بەندىسى، ئىسا ئەلەيھىسسالاممۇ ئاللاھنىڭ بەندىسى، بەندىسىنىڭ بالىسى، مەريەمگە تاشلىغان كەلىمىسى ۋە ئۇنىڭ تەرىپىدىن پۇۋلەنگەن روھ ، جەننەت ھەق، دۇزاخمۇ ھەق، دەيدىكەن، ئاللاھ ئۇكىشىنى سەككىز جەننەتنىڭ قايسى ئىشىكىدىن كىرىشنى خالىسا شۇ ئىشىكتىن كىرگۈزىدۇ».

ئىمام ئابدۇلۋەھھاب مۇنداق دېگەن:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ« كىمكى ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق..»دېگەن سۆزى بۇ كەلىمىنىڭ مەنىسىنى بىلىپ، مەزمۇنىغا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن پۈتۈن ھاللىرىدا تولۇق ئەمەل قىلغان ھالدا ئېيتسا دېگەنلىكتۇر. ئىككى شاھادەت ئۈچۈن ئىلىم، ئىشەنچ ۋە ئەمەل شەرت قىلىنىدۇ. شۇڭا ئاللاھ:« بىلگىنكى، ئۇ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھى مەبۇد يوقتۇر»دېگەن. ئەمما بۇ ئىككى شاھادەتنى مەنىسىنى بىلمەي، مەزمۇنىغا ئىشەنمەي ياكى ئۇنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىش كۆرمەي ئاغزاكى ئېيتىش پايدا بەرمەيدۇ.

قۇرتۇبىي « مۇسلىم ھەدىسلىرىغا چۈشەنچە»دېگەن كىتابىدا، «ئىككى شاھادەتنىلا ئېيتىش كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى قەلبتىن چىن ئىشىنىش شەرت» دەپ مەخسۇس باب توختىتىپ مۇنداق دېگەن: بۇئىككى شاھادەتنىلا ئېيتىش كۇپايە دەيدىغان مەزھەبنىڭ خاتالىقىنى ئەسكەرتىش ئۈچۈن تۇرغۇزۇلغان باب بولۇپ، بۇ بابنىڭ ھەدىسلىرى بۇ مەزھەبنىڭ ئازغۇنلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. چۈنكى ئۇ مۇناپىقنىڭ ئىمانىنى قوبۇل قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ توغرا ئەمەس. مۇناپىقلار كاپىرلاردۇر. يۇقىرىقى ھەدىس ئىككى شاھادەتنىڭ بىلىش، چىن ئىشىنىش ۋە ھەقىقىي ئىخلاس بىلەن مۇجەسسەملەنگەن بولىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. (فەتھۇلمەجىد 36- بەت).

« ئاللاھتىن باشقا ئىلاھي مەبۇد بەرھەق يوق» دېگەن شاھادەت كەلىمىسىنىڭ قوبۇل بولىشى ئۈچۈن يەتتە شەرت بار. بۇ شەرتلىرى تولۇق بولمىغان شاھادەت پايدا بەرمەيدۇ. ئۇلار مۇنداق:

1 - بۇ شاھادەتنىڭ مەنىسىنى تولۇق بىلىش.

2- شەكسىز ئىشىنىش.

3  - چىن يۈرەك بىلەن قوبۇل قىلىش.

4 -مەزمۇنىغا تولۇق بويسۇنۇش.

5 - چىن ئىخلاس قىلىش.

6  - ئىقرارىدا راستچىل بولۇش.

7  - بۇ كەلىمىگە مۇھەببەت باغلاش.

« مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ھەق ئەلچىسىدۇر»دېگەن شاھادەت كەلىمىسىنىڭ قوبۇل بولىشىنىڭ شەرتلىرىمۇ يۇقىرىقى شەرتلەرنىڭ ئۆزىدۇر.

 

بىرلەشمە ئۇلىنىش
    پەتىۋا گۇناھكارنىڭ قىلغان گۇناھلىرىنى تەقدىردىن كۆرۈشى توغرىمۇ؟ ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار جەننەت مۆمىنلەر ئۈچۈن بىشارەتتۇر ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار ئاخىرەت ئۈچۈن ئەمەل قىلىڭلار ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار دۇنياغا بېرىلىپ ئاخىرەتنى ئۇنۇتمايلى! ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
Go to the Top