ھەج سەھىپىسى | قىز-خانىملار سەھىپىسى | زاكات، سەدىقە، ئېھسان، ئەخلاق | رامزانلىق ئەسەرلەر مەجمۇئەسى
بىسىپ چىقىرىش دوستقا يوللاش باشقۇرغۈچىغا يوللاش  ئىزاھات يوللاش  ئىزاھاتلارنى كۆرۇش html كودىنى بەتكە ئېلىش
ناماز ئىچىدە  رەكئەت سانىدىن شەكلىنىش
پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
ناماز ئىچىدە  رەكئەت سانىدىن شەكلىنىش.pdfناماز ئىچىدە رەكئەت سانىدىن شەكلىنىش
126.4 KB
ناماز ئىچىدە  رەكئەت سانىدىن شەكلىنىش.pdfھۈججەتنى چۈشۈرۈش: ناماز ئىچىدە  رەكئەت سانىدىن شەكلىنىش.pdf
2.
ناماز ئىچىدە  رەكئەت سانىدىن شەكلىنىش.docناماز ئىچىدە رەكئەت سانىدىن شەكلىنىش
280.8 KB
ناماز ئىچىدە  رەكئەت سانىدىن شەكلىنىش.docھۈججەتنى چۈشۈرۈش: ناماز ئىچىدە  رەكئەت سانىدىن شەكلىنىش.doc

 

 

ناماز ئىچىدە  رەكئەت سانىدىن شەكلىنىش

 

سوئال نومۇرى: 33624

 

سوئال:

بەزى چاغدا ناماز ئوقۇۋاتقاندا خاتالىشىپ، ئۆزەمنىڭ نەچچە رەكئەت ناماز ئوقۇغانلىقىمنىمۇ بىلەلمەي قالىمەن. بۇنداق چاغلاردا نامازنى توختىتىپ قايتا ئوقۇشۇم كېرەكمۇ، ياكى داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇۋېرىشىم كېرەكمۇ؟

جاۋاب:

 مەدھىيە ئاللاھقا خاستۇر. شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل ئۇسەيمىندىن يۇقارقى سوئال سورالغاندا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەرگەن:

توغرا بولغان قاراشقا ئاساسلانغاندا خاتالىشىش بىلەن ئۇنىڭ نامىزى بىكار بولۇپ كەتمەيدۇ. كىشىلەر دائىم ئىختىيارسىزلا نامىزىدىن شەكلىنىپ قالىدۇ. پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە نامازدا شەكلىنىپ قېلىشقا دائىر شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن. شەك ئىككى خىل بولىدۇ:

بىرىنچى:قانچە رەكئەت ئوقۇغىنىنى بىلەلمەي قېلىش، لېكىن كۆڭلىدە مەلۇم بىر سانغا مايىل بولۇش. بۇنداق ئەھۋالدا شەكلەنگۈچى ئۆزى مايىل بولغان رەكئەت سانىنى مۇقىملاشتۇرۇپ نامىزىنى ئادا قىلىدۇ. سالام بېرىپ نامازدىن چىققاندىن كېيىن ئىككى سەجدە قىلىش بىلەن سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىدۇ.

ئىككىنچى: قانچە رەكئەت ئوقۇغىنىنى بىلەلمەي قېلىش، لېكىن كۆڭلىدە ھېچقايسى بىر سانغا مايىل بولماسلىق. بۇنداق ئەھۋالدا ئۆزى ئىشەنچ قىلغان ئاز ساندىكى رەكئەت سانىنى ئاساس قىلىپ نامىزىنى ئادا قىلىدۇ. چۈنكى بۇنى چوقۇم ئوقۇغان، بۇنىڭدىن كۆپىگە ئىشەنچ قىلالمايدۇ. ئاندىن سالام بېرىشتىن ئىلگىرى ئىككى قېتىم سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىپ ئاندىن نامازدىن چىقىدۇ.

 

بىرلەشمە ئۇلىنىش
    پەتىۋا جۇمە نامىزىدىن كېيىن پىشىن نامىزى ئوقۇشنىڭ ھۆكمى ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار ئىستىخارە نامىزى ھەققىدە چۇشەنچە ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار نەپلە نامازلارنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پەزىلىتى توغرىسىدا ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار ئىسلامدا نامازنىڭ ئورنى ۋە پەزىلىتى ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
Go to the Top