Share/Save/Bookmark Print Send to your friend Contact the admin Send a comment Display Comments Embed Code
যে ইলমের বাহকের প্রশংসা আল্লাহ রাব্বুল আলামীন করেছেন
ফতোয়া বিষয়-বর্ণনা
বিষয়ের সংযুক্তিসমূহ ( 2 )
1.
قۇرئان ۋە سۈننەتتە ماختالغان ئىلىم ئەھلىلىرى.docقۇرئان ۋە سۈننەتتە ماختالغان ئىلىم ئەھلىلىرى
335 KB
قۇرئان ۋە سۈننەتتە ماختالغان ئىلىم ئەھلىلىرى.docDownload Item: قۇرئان ۋە سۈننەتتە ماختالغان ئىلىم ئەھلىلىرى.doc
2.
قۇرئان ۋە سۈننەتتە ماختالغان ئىلىم ئەھلىلىرى.pdfقۇرئان ۋە سۈننەتتە ماختالغان ئىلىم ئەھلىلىرى
127.2 KB
قۇرئان ۋە سۈننەتتە ماختالغان ئىلىم ئەھلىلىرى.pdfDownload Item: قۇرئان ۋە سۈننەتتە ماختالغان ئىلىم ئەھلىلىرى.pdf

 

قۇرئان ۋە سۈننەتتە ماختالغان ئىلىم ئەھلىلىرى

 

10675 نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

نۇرغۇنلىغان ھەدىسلەردە ئىلىمنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئالىمنىڭ ناھايىتى كۆپ   ئەجرگە ئېرىشىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئۇ ھەدىسلەردە كۆرسىتىلگەن قايسى ئىلىم؟ ئۇ پەقەت دىنىي ئىلىملارنىلا كۆزدە تۇتامدۇ؟ ياكى بىئولوگىيە، فىزىكا ۋە ئىلىكترون پەن-تېخنىكىغا ئائىت ھەرخىل بىلىملەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟

 جاۋاب:

مەدھىيە ئاللاھقا خاستۇر.

بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئىلىم قۇرئان ۋە سۈننەت ئاساسىدا يەكۈنلەنگەن شەرىئەت ئىلمىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ پەيغەمبەرلەردىن قالغان مىراستۇر. پەيغەمبەرلەر مال- دۇنيا قالدۇرۇپ كەتكىنى يوق، بەلكى بىلىم قالدۇرۇپ كەتتى.بۇ بىلىملەرنى ئۆگەنگۈچىلەر نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئېرىشىدۇ.ئەگەر كىتابلاردا بىلىمنى مەدھىيلەپ تىلغا ئېلىنسا بۇ يەردە كۆرسىتىلگىنى چوقۇم قۇرئان، سۈننەت ۋە شەرىئەت دائىرىسىدىكى ئىلىملارنى يەنى ئەرەب تىلى گرامماتىكىسى؛ چۈنكى ئۇ قۇرئان ھەدىسنىڭ ماھىيىتىنى چۈشۈنۈشنىڭ ئاساسىدۇر.ئىسلام مىراس قانۇنىغا دائىر بىلىملەر،ئىبادەت حپىرنسىپلىرى،ئىلىم-بىرىم مۇئامىلىسى، شەرىئەت جازا قانۇنى، شەرئي ئەرەب ئەدەبىياتى؛ چۈنكى ئۇنىڭدا ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىنىڭ بىئوگرافىيىسىگە ئالاقىدار مەدەنىيەتلەر سۆزلىنىدۇ. ئۇ يەنە ئۇسۇل فىقھى، تەۋھىد، ئەقىدە ۋە ئىسلام قائىدىلىرى قاتارلىق بىلىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  مۇسۇلمانلار بىلىشكە تېگىشلىك دۇنياۋى ئىلىملەرگە كەلسەك، بۇلارنى ئۆگىنىش فەرز كۇفايە بولۇپ، كىشىلەر بۇلارغا ئېھتىياجلىق بولغانلىقتىن ئۇنى ئۆگىنىش ئىمكانىيىتى بولغان كىشىلەرگە بۇلارنى ئۆگىنىش پەرزدۇر. ئەلۋەتتە ، بىئولوگىيە، خېمىيە قاتارلىق ئىلىملەردە ئىنسانلار ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەئەت بار، شۇنداق بولغانىكەن، دىنىمىز ئۇنى ئۆگىنىشنى چەكلىمەيدۇ، ئەكسىچە تەلەپ قىلىدۇ. (بەلكى، ئۇ بىلىم ساھىبى ئۈگەنگىنىنى مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش نېيىتى بىلەن بىلىم ئىگەللىسە ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۇنىڭغا يىتەرلىك ئەجىر ئاتا قىلغۇسى.-م-)  كۆپلىگەن ئالىملار مۇسۇلمانلار ئىچىدە زۆرۈر بولغان سانائەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش بىلىملىرىنى ئۆگىنىش پەرز دەپ قارايدۇ، يەنە يېتەرلىك ھالدا تىككۈچىلەر، تۆمۈرچىلەر ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ كۆندىلىك تۇرمۇشىدا ئېھتىياجلىق كەسىپلەرنى ئۈگەنگۈچىلەر بولىشى لازىم دەپ قارايدۇ.شەيخ ئابدۇللا ئىبن جىبرىن

 مۇسۇلمانلار ناھايىتى ئېھتىياجلىق بولغان ھەربىي ماھارەتلەرنى ئۆگىنىش، (ئۆزىنى تاجاۋۇزچە كۈچلارنىڭ يامانلىقىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن بۇنىڭغا دائىر بىلىملەرنى ئىگەللەش) مۇسۇلمان ئۈچۈن تېخىمۇ زۆرۈر ۋە بەكرەك مۇھىمدۇر.(شەيخ مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد).

ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

 

সম্মিলিত লিংক
    বই ইসলামী আকীদা শিক্ষা ( আনুষঙ্গিক বিষয়সমূহ ) - ( উইগুর )
    ফতোয়া পাগড়ী পরিধান করা কী সুন্নাত? ( আনুষঙ্গিক বিষয়সমূহ ) - ( উইগুর )
    প্রবন্ধমালা শাবান মাসের বেদআত ( আনুষঙ্গিক বিষয়সমূহ ) - ( উইগুর )
Go to the Top