ھەج سەھىپىسى | رامىزانلىق ئەسەرلەر مەجمۇئەسى
Share/Save/Bookmark بىسىپ چىقىرىش دوستقا يوللاش باشقۇرغۈچىغا يوللاش  ئىزاھات يوللاش  ئىزاھاتلارنى كۆرۇش html كودىنى بەتكە ئېلىش
شەئبان ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كۈنى (ئاتالمىش تۈنەك كۈنىدە) روزا تۇتۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
    ماۋزۇ: شەئبان ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كۈنى (ئاتالمىش تۈنەك كۈنىدە) روزا تۇتۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
    تىل: ئۇيغۇرچە
    قوشۇلغان ۋاختى: Aug 07,2008
    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : http://www.islam_qa.comسوئال-جاۋاپ تورى
    بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر : 2
    قىسقىچە چۈشەنچە: كۈندۈزى روزا تۇتۇپ كېچىسى ناماز ئوقۇش ئاللاھغا قىلىنىدىغان نەپلە ئىبادەتلەردىن بولۇپ بۇ پەزىلەتلىك ئەمەللەرنىڭ جۈملىسىدىن، " شەئبان ئېيىنىڭ ئۇتتۇرى(ئون بەشىنچى كۈنى) بولغاندا كېچىدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇڭلار، كۈندۈزدە روزا تۇتۇڭلار" دېگەن ھەدىسنىڭ زەئىپ ئىكەنلىكىنى بىلسەكمۇ لېكىن پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى قىلىش ئۈچۈن بۇ ھەدىسكە ئەمەل قىلساق بولامدۇ؟.  
    كۆرۇلگەن قىتىم سانى: 517
    ھۆججەت ئۇلىنىشى : http://www.islamhouse.com/p/171539
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
شەئبان ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كۈنى (ئاتالمىش تۈنەك كۈنىدە) روزا تۇتۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟.docشەئبان ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كۈنى (ئاتالمىش تۈنەك ...
1.1 MB
شەئبان ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كۈنى (ئاتالمىش تۈنەك كۈنىدە) روزا تۇتۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟.docھۈججەتنى چۈشۈرۈش: شەئبان ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كۈنى (ئاتالمىش تۈنەك كۈنىدە) روزا تۇتۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟.doc
2.
شەئبان ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كۈنى (ئاتالمىش تۈنەك كۈنىدە) روزا تۇتۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟.pdfشەئبان ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كۈنى (ئاتالمىش تۈنەك ...
128.6 KB
شەئبان ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كۈنى (ئاتالمىش تۈنەك كۈنىدە) روزا تۇتۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟.pdfھۈججەتنى چۈشۈرۈش: شەئبان ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كۈنى (ئاتالمىش تۈنەك كۈنىدە) روزا تۇتۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟.pdf

 

شەئبان ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كۈنى (ئاتالمىش تۈنەك كۈنىدە) روزا تۇتۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

 

49675نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

كۈندۈزى روزا تۇتۇپ كېچىسى ناماز ئوقۇش ئاللاھغا قىلىنىدىغان نەپلە ئىبادەتلەردىن بولۇپ بۇ پەزىلەتلىك ئەمەللەرنىڭ جۈملىسىدىن، " شەئبان ئېيىنىڭ ئۇتتۇرى(ئون بەشىنچى كۈنى) بولغاندا كېچىدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇڭلار، كۈندۈزدە روزا تۇتۇڭلار" دېگەن ھەدىسنىڭ زەئىپ ئىكەنلىكىنى بىلسەكمۇ لېكىن پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى قىلىش ئۈچۈن بۇ ھەدىسكە ئەمەل قىلساق بولامدۇ؟.  

جاۋاپ:

بىرىنچى: شەئبان ئېيىنىڭ ئۇتتۇرى( ئون بەشىنچى كۈنى) بولغاندا كېچىدە ناماز ئوقۇپ كۈندۈزدە روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا سۆزلەنگەن ھەدىسلەر پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان زەئىپ ھەدىسلەرنىڭ جۈملىسىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇ توقۇلما ۋە باتىل، ئەمەل قىلىنمايدىغان ھەدىسلەردىن، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەدىسلەرنى قوبۇل قىلىشقا ۋە ھۆكمىگە ئەمەل قىلىپ پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى قىلىشتا ئۇنىڭغا قىياس قىلىپ ئىبادەت خاراكتىرلىق ئەمەللەرنى قىلىشقا بولمايدۇ.

نۇرغۇن ئالىملار: بۇ مەزمۇندا سۆزلەنگەن ھەدىسلەرنىڭ توقۇلما ۋە ئەمەل قىلىنمايدىغان باتىل ھەدىسلەر ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلدى، ئۇلاردىن:

ئىبنى جەۋزىي ئۆزىنىڭ "موۋزۇئات"(توقۇلما ھەدىسلەر) دېگەن كىتابىنىڭ2- توم 440-445-بەتلىرىدە بۇ ھەقتە بايان قىلىدۇ.

ئبنى قەييىم جەۋزىيە ئۆزىنىڭ "مانارىل مۇنىيپ" دېگەن كىتابىدا 174 -177 نومۇرلۇق ئابزاستا توختىلىدۇ.

ئەبۇ شامەتە ئەششاپىئي "ئەلبائىس ئەلا ئىنكارىل بىدئە ۋەلھەۋادىس" دېگەن كىتابىنىڭ137-124 -بەتلىرىدە بۇ ھەقتە توختالغان .

ئەل ئىراقىي "تەخرىج ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىين" دېگەن كىتابىنىڭ 582-نومۇرلۇق بولۇمىدە بۇ ھەقتە سۆزلەيدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە"مەجمۇئەتىل پەتىۋا» دېگەن ئەسىرىنىڭ 28-138 بەتلىرىدە بۇ توغرىدىكى ھەدىسلەرنىڭ باتىل ئىكەنلىكىگە ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

شەيخ ئىبنى باز(ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن)" شەئبان ئېيىنىڭ ئۇتتۇرى(ئون بەشىنچى كۈنى) بولغاندا كېچىدە يېغىلىشنىڭ ھۆكمى" دە مۇنداق دېدى: ھەقىقەتەن شەئبان ئېيىنىڭ ئۇتتۇرى(ئون بەشىنچى كۈنى) بولغاندا كېچىدە يېغىلىپ ناماز ئوقۇش ۋە باشقا ئىبادەتلەرنى قىلىش، كۈندۈزنى روزا تۇتۇش بىلەن ئۆتكۈزۈش بولسا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا ئىنكار قىلىنىدىغان بىدئەتلەرنىڭ جۈملىسىدىن ۋە پاك شەرىئەتتە بۇنىڭ ھىچ قانداق ئاساسى يوق. يەنە مۇنداق دېدى: شەئبان ئېيىنىڭ ئۇتتۇرى(ئون بەشىنچى كۈنى) بولغاندا خاس ئىبادەتلەرنى قىلىشقا بۇيرۇلغان سەھىھ ھەدىسلەر يوق، ئەمما بۇ مەزمۇندا سۆزلەنگەن ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى توقۇلما ۋە دىندا ئەسلى بولمىغان زەئىپ ھەدىسلەردىن.

بۇ ئادەتتىكى بىر كېچە بولۇپ بۇ كېچىگە خاسلاشتۇرۇپ قۇرئان ئوقۇش، خاس نامازلارنى ئوقۇش ۋە بىر جايغا يېغىلىپ ئىبادەت قىلىش توغرا ئەمەس، ئەمما بەزەن ئالىملارنىڭ بۇ كېچىنىڭ خۇسۇسىيىتى توغرىسىدا دېگەن سۆزلىرى بولسا ئاساسى ئاجىز  سۆزلەر، ئىشنىڭ توغرىسى بۇ كېچىنى مەلۇم ئىبادەتلەرگە خاس قىلىۋېلىش توغرا ئەمەس. "پەتىۋا ئىسلامىيە"4-توم 511- بەت.

ئىككىنچى: ئەگەر بۇ ھەدىسلەرنىڭ توقۇلما ئەمەس بەلكى زەئىپ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغاندىمۇ: ئالىملارنىڭ سەھىھ توغرا سۆزلىرىگە ئاساسەن زەئىپ ھەدىسلەرنى گەرچە پەزىلەتلىك ئەمەللەردە بولسۇن ياكى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش ئىشلىرىدا بولسۇن مۇتلەق قوبۇل قىلماسلىق، زەئىپ ھەدىسلەرگە ئەمەل قىلمىسىمۇ مۇسۇلمانلارنى ئەمەللەردىن بىھاجەت قىلىدىغان سەھىھ ھەدىسلەر ناھايىتى كۆپ، شەئبان ئېيىنىڭ ئۇتتۇرى(ئون بەشىنچى كۈنى)نىڭ كېچىسى ياكى كۈندۈزىنى بىرەر ئىبادەتكە خاس قىلىۋېلىش بولسا ئىسلام شەرىئىتىدە، مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ ۋە ساھابىلارنىڭ قارىشىدىمۇ تونۇلمىغان بىر ئىش.

ئەللامە ئەھمەد شاكىر مۇنداق دەيدۇ: ھۆكۈملەردە ۋە پەزىلەتلىك ئەمەللەردە زەئىپ ھەدىسلەر ۋە شۇنىڭدەك ئاساسسىز ھەدىسلەرنى قوبۇل قىلماسلىقنىڭ ھىچ پەرقى يوق ئوخشاش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ياكى ھەسەن بولغان ھەدىسلەردىن باشقا ھەدىسلەر ھىچ قانداق كىشى ئۈچۈن ھۆججەت، دەلىل بولالمايدۇ. (ئەل بائىسۇل ھەسىس1-توم 278  - بەت).

يەنىمۇ ئارتۇقچە مەلۇمات ئېلىشنى مەقسەت قىلسىڭىز «ئەل قوۋلۇل مۇنىېپ، پى ھۆكمىل ئەمەلى بىل ھەدىس ئەززەئىپ» دېگەن كىتابقا مۇراجىئەت قىلىڭ. ئىشنىڭ توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

       

بىرلەشمە ئۇلىنىش
    پەتىۋا شەكلىك كۈندە روزا تۇتۇش ھەققىدە ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا روزىدارنىڭ كۈندۈزدە ئوكۇل سالدۇرىشىنىڭ ھۆكمى ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار بارلىق ئەر - ئايال مۇسۇلمانلار ئۈچۈن رامزانلىق سوۋغات ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار رامزاندا قىلىنىدىغان ياخشىلىقنىڭ تۈرلىرى ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا روزىدار ئېغىز ئاچسا دۇرۇس بولىدىغان ئۆزۈرلەر ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
Go to the Top