ھەج سەھىپىسى | قىز-خانىملار سەھىپىسى | زاكات، سەدىقە، ئېھسان، ئەخلاق | رامزانلىق ئەسەرلەر مەجمۇئەسى
بىسىپ چىقىرىش دوستقا يوللاش باشقۇرغۈچىغا يوللاش  ئىزاھات يوللاش  ئىزاھاتلارنى كۆرۇش html كودىنى بەتكە ئېلىش
شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرى(ئون بەشىنچى كېچىسى) مەلۇم ئىبادەتلەرگە خاس قىلىنمىغان.
پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرى(ئون بەشىنچى كېچىسى) مەلۇم ئىبادەتلەرگە خاس قىلىنمىغان..docشەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرى(ئون بەشىنچى كېچىسى) مەلۇم ...
1.1 MB
شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرى(ئون بەشىنچى كېچىسى) مەلۇم ئىبادەتلەرگە خاس قىلىنمىغان..docھۈججەتنى چۈشۈرۈش: شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرى(ئون بەشىنچى كېچىسى) مەلۇم ئىبادەتلەرگە خاس قىلىنمىغان..doc
2.
شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرى(ئون بەشىنچى كېچىسى) مەلۇم ئىبادەتلەرگە خاس قىلىنمىغان..pdfشەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرى(ئون بەشىنچى كېچىسى) مەلۇم ...
97.1 KB
شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرى(ئون بەشىنچى كېچىسى) مەلۇم ئىبادەتلەرگە خاس قىلىنمىغان..pdfھۈججەتنى چۈشۈرۈش: شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرى(ئون بەشىنچى كېچىسى) مەلۇم ئىبادەتلەرگە خاس قىلىنمىغان..pdf

 

 

شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرى(ئون بەشىنچى كېچىسى) مەلۇم ئىبادەتلەرگە خاس قىلىنمىغان.

 

8907 نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

مەن بىر كىتابتا شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرى(ئون بەشىنچى كېچىسى)نىڭ كۈندۈزىدە روزا تۇتۇشنى بىدئەتنىڭ قاتارىدىن دەپ ئوقۇدۇم، يەنە بىر بىر كىتابتا شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرى(ئون بەشىنچى كېچىسى)نىڭ كۈندۈزىدە روزا تۇتۇشنىڭ ياخشى كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئوقۇدۇم، بۇ ھەقتىكى كەسكىن ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن ھۆكۈم قايسى، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىلگەن بولسا؟.

جاۋاپ:

شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرى(ئون بەشىنچى كېچىسى)نىڭ پەزىلىتى ھەققىدە سەھىھ ھەدىسلەر ئىسپاتلانمىغان، ھەتتا بۇنداق قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنىمۇ ئىسپاتلايدىغان دەلىل يوق، بەلكى تابىئىنلارنىڭ بەزىسىدىن ئىسنادى ئۈزۈك بولغان ئەسەرلەر سۆزلەنگەن، بۇ توغرىدا كەلگەن ھەدىسلەر توقۇلما ياكى زەئىپدۇر. دۇنيانىڭ جاھالەت قاپلىغان نۇرغۇن شەھەرلىرىدە، شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرى(ئون بەشىنچى كېچىسى)دە كىشىلەرنىڭ نام - ئەمەل سەھىيپىلىرى ئالمىشىپ ئۆمۈرلىرى يېزىلىدۇ........ دىگەندەك مەزمۇننى ئىپادىلەيدىغان رىۋايەتلەر مەشھۇر بولغان. بۇنىڭغا ئوخشاش، كېچىلەرنى ئۇخلىماي ئۆتكۈزۈش، كۈندۈزلىرى روزا تۇتۇش ۋە بۇ كۈنلەرگە مەلۇم ئىبادەتلەرنى خاس قىلىۋېلىشنى ئىسلام شەرىئىتى بېكىتمىگەن. بىلىمسىزلىكتىن بۇ ئىشنى قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

(ئەگەر شۇ كىچىدە يىلنىڭ باشقا كېچىلىرىدە تۇرغاندەك تۇرۇپ ئىلگىرىدىن تارتىپ قىلىۋاتقان ئىبادەتلىرىگە شۇ كىچىدە بىرەر ئىشنى زىيادە قىلماستىن ياكى مەلۇم بىر ئىشنى خاس قىلماستىن  ئىبادەت قىلسا بۇنىڭ ھىچ زىيىنى يوق. شۇنىڭدەك شەئبان ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كۈنىنى ھەر ئايدا روزا تۇتىدىغان كۈن دەپ ئون تۆت ۋە ئون ئۈچىنچى كۈنلەر بىلەن قېتىپ ئۈچ كۈن روزا تۇتسا، ياكى ھەر دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە روزا تۇتۇپ ئادەتلەنگەن بولسا، شەئبان ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كۈنى دۈشەنبە ياكى پەيشەنبە كۈنىگە مۇۋاپىق كېلىپ قالسا ۋە بۇنىڭ بىلەن ئارتۇقچە پەزىلەت ۋە زىيادە ساۋاپ بولۇشنى ئېتىقاد قىلماستىن بۇ كۈندە روزا تۇتسا بولىدۇ. توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.- شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مەنەججىد-).

 

 

بىرلەشمە ئۇلىنىش
    پەتىۋا ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشنىڭ ياخشىلىقى توغرىسىدا ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
Go to the Top