ھەج سەھىپىسى | قىز-خانىملار سەھىپىسى | زاكات، سەدىقە، ئېھسان، ئەخلاق | رامزانلىق ئەسەرلەر مەجمۇئەسى
بىسىپ چىقىرىش دوستقا يوللاش باشقۇرغۈچىغا يوللاش  ئىزاھات يوللاش  ئىزاھاتلارنى كۆرۇش html كودىنى بەتكە ئېلىش
مۇسۇلمان روزىدا قانداق نىيەت قىلىدۇ؟
پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
مۇسۇلمان روزىدا قانداق نىيەت قىلىدۇ؟.docمۇسۇلمان روزىدا قانداق نىيەت قىلىدۇ؟
1 MB
مۇسۇلمان روزىدا قانداق نىيەت قىلىدۇ؟.docھۈججەتنى چۈشۈرۈش: مۇسۇلمان روزىدا قانداق نىيەت قىلىدۇ؟.doc
2.
مۇسۇلمان روزىدا قانداق نىيەت قىلىدۇ؟.pdfمۇسۇلمان روزىدا قانداق نىيەت قىلىدۇ؟
124.1 KB
مۇسۇلمان روزىدا قانداق نىيەت قىلىدۇ؟.pdfھۈججەتنى چۈشۈرۈش: مۇسۇلمان روزىدا قانداق نىيەت قىلىدۇ؟.pdf

 

مۇسۇلمان روزىدا قانداق نىيەت قىلىدۇ؟

 

22909-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

كىشى رامىزان روزىسىنى قايسى ۋاقىتتا  ۋە قانداق نىيەت قىلىدۇ؟ .

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر.

نىيەت قىلىش دېگەنلىك روزا تۇتۇشقا كەسكىن ئىرادە قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ھەر كېچىسى رامىزان روزىسىنى تۇتۇشنى ئىرادە قىلىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ( سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كۈمتىتىنىڭ پەتىۋا مەجمۇئەسى 10-توم 246-بەت).

بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا:  رامزاننىڭ ئەۋۋىلىدە تولۇق بىر ئاي روزا تۇتۇشنى ئىرادە قىلىپ نىيەت قىلسا ۋە بۇ جەرياندا روزا تۇتۇشتىن بىرەر سەۋەپ بىلەن ئۈزۈلۈپ قالمىسا ئاي بېشىدا قىلغان نىيىتى كۇپايە قىلىدۇ، ئەگەر ئۈزۈلۈپ قالسا يېڭىدىن نىيەت قىلىدۇ دېيىلگەن . ( يەنى كىشى رامزاننىڭ ئەۋۋىلىدە، مەن تولۇق بىر ئاي روزا تۇتىمەن دەپ نىيەت قىلسا، مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن روزا تۇتۇشتىن توختاپ قالمىسا مۇشۇ بىر قېتىم قىلغان نىيىتى كۇپايە قىلىدۇ، ئەگەر مەلۇم سەۋەبلەردىن بىر - ئىككى كۈن روزا تۇتالمىسا روزا تۇتقاندا يەنە يېڭىدىن نىيەت قىلىدۇ .) شۇنىڭدەك بىر ئادەم رامىزاندا سەپەرگە چىقىپ روزا تۇتمىغان بولسا، سەپەردىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن يېڭىدىن نىيەت قىلىپ روزا تۇتىدۇ، مانا بۇ توغرا قاراشتۇر.

چۈنكى ھەرقانداق مۇسۇلماندىن سورىسىڭىز،  بىر ئاي روزا تۇتۇشى تېخى ئەمەلىيلەشمىگەن بولسىمۇ، مەن بىر ئاي تولۇق روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلدىم دەيدۇ، گەرچە نىيەت رېئاللىققا ئايلانمىغان بولسىمۇ ھۆكۈمدە ئۇنىڭ جائىزلىقى بېكىتىلدى. ئەسلى قائىدىدە تولۇق روزا تۇتۇش، ئارىلىقنى ئۈزۈپ قويماسلىق،  شۇ سەۋەپتىن بىز، مۇسۇلماننىڭ مەلۇم سەۋەبلەردىن روزا تۇتۇشى ئۈزۈلۈپ قىلىپ كىيىن داۋاملاشسا يېڭىدىن نىيەت قىلش كېرەك دەيمىز. مانا بۇ ئىنساننىڭ قەلبى ئارام تاپىدىغان سۆزدىن ئىبارەت. ئەڭ توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

( شەرھى مۇمتىئ 6- توم 369 - 370 بەت) .

 

مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر
    پەتىۋا ئائىلە ۋە رامىزان ( ئۇيغۇرچە )
بىرلەشمە ئۇلىنىش
    خىزمەتىلىرىمىز رامزانلىق ئەسەرلەر مەجمۇئەسى ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
Go to the Top