ھەج سەھىپىسى | قىز-خانىملار سەھىپىسى | زاكات، سەدىقە، ئېھسان، ئەخلاق | رامزانلىق ئەسەرلەر مەجمۇئەسى
بىسىپ چىقىرىش دوستقا يوللاش باشقۇرغۈچىغا يوللاش  ئىزاھات يوللاش  ئىزاھاتلارنى كۆرۇش html كودىنى بەتكە ئېلىش
جەمئىيەتتىكى بۇزۇقچىلىق سەۋەبىدىن تۇغۇتنى كۆنتىرول قىلسا بولامدۇ؟  
پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
جەمئىيەتتىكى بۇزۇقچىلىق سەۋەبىدىن تۇغۇتنى كۆنتىرول قىلسا بولامدۇ؟.docجەمئىيەتتىكى بۇزۇقچىلىق سەۋەبىدىن تۇغۇتنى كۆنتىرول ...
972.5 KB
جەمئىيەتتىكى بۇزۇقچىلىق سەۋەبىدىن تۇغۇتنى كۆنتىرول قىلسا بولامدۇ؟.docھۈججەتنى چۈشۈرۈش: جەمئىيەتتىكى بۇزۇقچىلىق سەۋەبىدىن تۇغۇتنى كۆنتىرول قىلسا بولامدۇ؟.doc
2.
جەمئىيەتتىكى بۇزۇقچىلىق سەۋەبىدىن تۇغۇتنى كۆنتىرول ....pdfجەمئىيەتتىكى بۇزۇقچىلىق سەۋەبىدىن تۇغۇتنى كۆنتىرول ...
111.3 KB
جەمئىيەتتىكى بۇزۇقچىلىق سەۋەبىدىن تۇغۇتنى كۆنتىرول ....pdfھۈججەتنى چۈشۈرۈش: جەمئىيەتتىكى بۇزۇقچىلىق سەۋەبىدىن تۇغۇتنى كۆنتىرول ....pdf

 

جەمئىيەتتىكى بۇزۇقچىلىق سەۋەبىدىن تۇغۇتنى كۆنتىرول قىلسا بولامدۇ؟  

 

7205-نومۇرلۇق سوئال

 

سوئال:  جەمئىيەت ناھايىتى قالايمىقان بولغاچقا، بالىلارنىڭ يېشىنىڭ ئارىلىقى يېقىن بولسا بالىنى ياخشى تەربىيەلىيەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ھەر بەش يىلدا بىر بالا ئېلىشنى پىلان قىلىپ تۇرۇپ تۇغۇتنى كونترول قىلسا بولامدۇ؟  

جاۋاب:

مەدھىيە ئاللاھقا خاستۇر.

بىز بۇ سوئالنى شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىندىن سورىدۇق، ئۇ مۇنداق جاۋاپ بەردى

ئەگەر مۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت تۇغۇت چەكلەش بولسا، بۇنىڭغا يول قويۇلمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئاللاھقا ئىشىنىشنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقى بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ: « مېھرىبان ۋە تۇغۇمچان ئاياللار بىلەن تۇرمۇش قۇرۇڭلار...»

ئەگەر سەۋەب ئايال كىشىدە بولسا- ئۇ ئايال ئارقا-ئارقىدىن ھامىلىدار بولۇشقا بەرداشلىق بېرەلمىسە- بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا يول قويۇلۇشى مۇمكىن. لېكىن ئەڭ ياخشىسى بۇنداق قىلمىغىنى ياخشى.

 سوئال: ئۇنداقتا سىز ئاياللارنىڭ شارائىتىنى جەمئىيەتنىڭ قالايمىقان بولۇش ئەھۋالىدىن بەكرەك مۇھىم دەپ قارامسىز؟

جاۋاب: ئەلۋەتتە، چۈنكى ئۇ پەرزەنتىنىڭ ناچار ياكى ياخشى ئىنسان بولىشىنى بىلمەيدۇ، بەلكى ياخشى ئادەم بولۇپ جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشقا توھپە قوشۇشى مۇمكىن.

ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلىدۇ.


 

Go to the Top