ھەج سەھىپىسى | قىز-خانىملار سەھىپىسى | زاكات، سەدىقە، ئېھسان، ئەخلاق | رامزانلىق ئەسەرلەر مەجمۇئەسى
بىسىپ چىقىرىش دوستقا يوللاش باشقۇرغۈچىغا يوللاش  ئىزاھات يوللاش  ئىزاھاتلارنى كۆرۇش html كودىنى بەتكە ئېلىش
ھەجگە تەييارلىق قىلىپ ھەجدىن بۇرۇن ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ھۆكمى
پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
ھەجگە تەييارلىق قىلىپ ھەجدىن بۇرۇن ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ھۆكمى.docھەجگە تەييارلىق قىلىپ ھەجدىن بۇرۇن ۋاپات بولغان ...
975.5 KB
ھەجگە تەييارلىق قىلىپ ھەجدىن بۇرۇن ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ھۆكمى.docھۈججەتنى چۈشۈرۈش: ھەجگە تەييارلىق قىلىپ ھەجدىن بۇرۇن ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ھۆكمى.doc
2.
ھەجگە تەييارلىق قىلىپ ھەجدىن بۇرۇن ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ھۆكمى.pdfھەجگە تەييارلىق قىلىپ ھەجدىن بۇرۇن ۋاپات بولغان ...
87 KB
ھەجگە تەييارلىق قىلىپ ھەجدىن بۇرۇن ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ھۆكمى.pdfھۈججەتنى چۈشۈرۈش: ھەجگە تەييارلىق قىلىپ ھەجدىن بۇرۇن ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ھۆكمى.pdf

 

ھەجگە تەييارلىق قىلىپ ھەجدىن بۇرۇن ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ھۆكمى

 

41849- نومۇرلۇق سوئال

ھەج ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلىنىپ، ھەج قىلىشتىن ئىلگىرى ۋاپات بولغان كىشى ھەج قىلدى دەپ ئېتىبارغا ئېلىنامدۇ؟.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

ھەجنى مەقسەت قىلىپ چىققان كىشىنىڭ ۋاپات بولىشى ئېھرامغا كېرىشتىن(يەنى ئىبادەتنى باشلاشتىن) بۇرۇن ياكى كېيىن بولىدۇ.

ئېھرامغا كېرىشتىن ئىلگىرى ۋاپات بولغان بولسا ئاللاھ ئۇكىشىنىڭ نىيىتىگە مۇۋاپىق ھالدا ساۋاپ بېرىدۇ، لېكىن ئۇ كىشى ئۈچۈن پەرزەنتلىرىنىڭ بىرى ھەج قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ.

ئەگەر ئېھرامغا كىرگەندىن كىيىن ۋاپات بولغان بولسا ئۇ كىشى ئۈچۈن ھەج قىلغاننىڭ ساۋابى بولىدۇ، بەلكى قىيامەت كۈنىدە تەلبىيە ئېيتقان ھالەتتە تۇرىدۇ، بۇ كىشى ئۈچۈن ھەج قىلىش كېرەك ئەمەس.

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھتىن ھەج قىلىش ئۈچۈن ئىقتىساد توپلاپ ھەج قىلىشتىن ئىلگىرى ۋاپات بولغان كىشى ھەققىدە سورالغاندا مۇنداق دەپ جاۋاپ بەرگەن: ھەجنى مەقسەت قىلىپ ئىقتىساد توپلاپ ھەج قىلىشتىن ئىلگىرى ۋاپات بولغان ئۇ كىشى ئۈچۈن ئاللاھدىن ھەج قىلغاننىڭ ساۋابىنى بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمىز. چۈنكى ئۇ كىشى ياخشى ئەمەلنى مەقسەت قىلىپ كۈچىنىڭ يېتىشچە بۇنىڭ سەۋەبىنى قىلدى. كىمىكى ياخشى ئەمەلنى مەقسەت قىلىپ كۈچىنىڭ يېتىشچە بۇنىڭ سەۋەبىنى قىلىدىكەن ئۇ كىشى ئۈچۈن شۇ ياخشى ئەمەلنىڭ ساۋابى يېزىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« كىمكى ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلىدىكەن، ئۇ زېمىندا چىقىش يولى ۋە كەڭچىلىك تاپىدۇ، كىمكى ئۆيىدىن ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ تەرىپىگە ھىجرەت قىلىپ چىقسا، ياكى بۇ يولدا ئۆلسە، ئۇنىڭ ئەجرىنى چوقۇم ئاللاھ بېرىدۇ».

بۇ كىشى ھەج قىلىش ئۈچۈن ئىقتىساد توپلاپ ئۆلۈپ كەتتى، بۇ كىشى ئۈچۈن ئىسلام بېكىتكەن پەرز ھەجنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇق -تۇغقانلىرى ياكى باشقا بىر كىشىنى تەيىنلەش كېرەك، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بىر ئايال كېلىپ: يا رەسۇلۇللاھ! ئانام ھەج قىلىشنى مەقسەت قىلىپ ھەج قىلالماي ئۆلۈپ كەتتى، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەج قىلسام بولامدۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بولىدۇ دېگەن. بۇ ئىش ئاخىرقى ۋىدالىشىش ھەججىدە بولغان.

«شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالىرى توپلىمى»11-توم 252-بەتكە قارالسۇن.


 

بىرلەشمە ئۇلىنىش
    خىزمەتىلىرىمىز ھەج سەھىپىسى ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەج قىلغۇچىلار ئۈچۈن پايدىلىق نەسىھەتلەر ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەجنىڭ ھاياتتا بىر قېتىم  پەرز بولىشىدىكى ھېكمەت ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا قىز-خانىملارغىمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش ھەج قىلىش پەرزدۇر ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ئېھرامدا دىققەت قىلىش مۇھىم دەپ قارالغان ئىشلار ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ئۆمرە پائالىيىتى توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا قىز-خانىملارغا خاس ھەج ئەھكاملىرى ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەجنىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدا ئەھمىيىتى ۋە رولى ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەج ئىبادىتىنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك مەنپەئەتلىرى ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەج تارىخىغا دائىر ئەھكاملار ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار بەيتۇللاھنى مەقسەت قىلىپ كەلگۇچىلەرنىڭ پەزىلىتى ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار ھاجىلار ئاللاھنىڭ ئىززەتلىك مېھمانلىرى ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
Go to the Top