ھەج سەھىپىسى | قىز-خانىملار سەھىپىسى | زاكات، سەدىقە، ئېھسان، ئەخلاق | رامزانلىق ئەسەرلەر مەجمۇئەسى
بىسىپ چىقىرىش دوستقا يوللاش باشقۇرغۈچىغا يوللاش  ئىزاھات يوللاش  ئىزاھاتلارنى كۆرۇش html كودىنى بەتكە ئېلىش
مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئوخشاش مۇناسىۋەتلەر بىلەن ئائىلىدىكىلەرنىڭ يىغىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھۆكمى
پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
    ماۋزۇ: مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئوخشاش مۇناسىۋەتلەر بىلەن ئائىلىدىكىلەرنىڭ يىغىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھۆكمى
    تىل: ئۇيغۇرچە
    قوشۇلغان ۋاختى: Dec 31,2008
    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
    بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر : 2
    قىسقىچە چۈشەنچە: ھېيت-بايراملاردا، مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئوخشاش مۇناسىۋەتلەردە  ئائىلىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلار - قېرىنداشلار ۋە تاغا، ھاممىلارنىڭ بالىلىرى- بىرگە جۇغلىشىپ يېمەك-ئىچمەك يېگەچ ئولتۇرۇشساق بولامدۇ؟ بۇنداق قىلىشنىڭ ھۆكمى قانداق؟ قۇرئان ياد قىلغانلارنى مۇبارەكلەپ يىغىلساق بولامدۇ؟.
    كۆرۈلگەن قېتىم سانى: 1211
    ھۆججەت ئۇلىنىشى : http://www.islamhouse.com/p/190934
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئوخشاش مۇناسىۋەتلەر بىلەن ئائىلىدىكىلەرنىڭ يىغىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھۆكمى.docمۇھەررەمنىڭ 10-كۈنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ...
448 KB
مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئوخشاش مۇناسىۋەتلەر بىلەن ئائىلىدىكىلەرنىڭ يىغىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھۆكمى.docھۈججەتنى چۈشۈرۈش: مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئوخشاش مۇناسىۋەتلەر بىلەن ئائىلىدىكىلەرنىڭ يىغىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھۆكمى.doc
2.
مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئوخشاش مۇناسىۋەتلەر بىلەن ئائىلىدىكىلەرنىڭ يىغىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھۆكمى.pdfمۇھەررەمنىڭ 10-كۈنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ...
88.4 KB
مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئوخشاش مۇناسىۋەتلەر بىلەن ئائىلىدىكىلەرنىڭ يىغىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھۆكمى.pdfھۈججەتنى چۈشۈرۈش: مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئوخشاش مۇناسىۋەتلەر بىلەن ئائىلىدىكىلەرنىڭ يىغىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھۆكمى.pdf

 

 

 

مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئوخشاش مۇناسىۋەتلەر بىلەن ئائىلىدىكىلەرنىڭ يىغىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھۆكمى

 

20889- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

ھېيت-بايراملاردا، مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئوخشاش مۇناسىۋەتلەردە  ئائىلىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلار - قېرىنداشلار ۋە تاغا، ھاممىلارنىڭ بالىلىرى- بىرگە جۇغلىشىپ يېمەك-ئىچمەك يېگەچ ئولتۇرۇشساق بولامدۇ؟ بۇنداق قىلىشنىڭ ھۆكمى قانداق؟ قۇرئان ياد قىلغانلارنى مۇبارەكلەپ يىغىلساق بولامدۇ؟.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

قېرىنداشلار، تاغا-ھاممىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلار روزا ھېيت-قۇربان ھېيتقا ئوخشاش شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان بايراملاردا بىر جايغا توپلىشپ بىر-بىرىنى زىيارەت قىلىشسا گەرچە يېقىن تۇغقان بولسىمۇ ئەر- ئاياللار ئايرىم-ئايرىم ئورۇنلاردا ئولتۇرۇپ، كىتاب-سۈننەتكە زىت بولغان ئىشلارنى قىلماي، قىز-خانىملار مەھرەم بولالمايدىغان ئەر تۇغقانلار بىلەن يالغۇز قالماي، قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەي ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك پىتنىلەرگە سەۋەپ بولىدىغان ئىشلاردىن ساقلانسا، بۇ ئۇچۇرۇشۇش بىلەن ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىق مېھرى-مۇھەببەتلىرى كۈچىيىدۇ، خۇرسەنلىكى زىيادە بولىدۇ، ئائىلە مۇناسىۋەتلىرى ياخشى بولىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئۇرۇق-تۇغقان دەپ، ئەر- ئاياللار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە سەل قاراشتىن ئاگاھلاندۇرغان. بىر ھەدىستە: (تۇغقان بولسىمۇ توي قىلسا بولىدىغان) يالغۇز ئاياللارنىڭ يېنىغا كىرىشتىن ساقلىنىڭلار دېگەندە، ئەنسارىلاردىن بىرى: يا رەسۇلۇللاھ! ئەرنىڭ بىر تۇغقان قېرىندىشىمۇ كىرسە بولمامدۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: بۇ ئەڭ خەتەرلىك دەيدۇ.

لەيس ئىبنى سەئدى بۇ سۆزنى چۈشەندۈرۈپ: يالغۇز ئايالنىڭ يېنىغا ئېرىنىڭ بىر تۇغقانلىرى ياكى ئېرىنىڭ تاغا تەرەپ تۇغقانلىرى قاتارلىقلارنىڭ كىرىشىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى مەقسەت قىلىنىدۇ دېگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى دەپ ياكى مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنى دەپ بىر جايغا توپلىشپ ئولتۇرۇش ۋە بايرام قىلىش توغرا ئەمەس، ئىسلامدا پەقەت روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتلاردا بايرام قىلىش يولغا قويۇلغان.

قۇرئاننى يادلاپ تاماملىغان كىشىنى تەبرىكلەپ يىغىلىپ خۇرسەنلىك ئىزھار قىلىش دېگەن ئىسلامدا چەكلەنگەن بايرام كۈنلىرىدىن ئەمەس، لېكىن ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە بايرام قىلىپ توپلىشىش توغرا ئەمەس. شۇنىڭدەك قۇرئاننى ياد قىلغۇچى كىچىك بالىلاردىن بولسا ئۇ بالىنى روھلاندۇرۇپ  قۇرئاننى ئۇنتۇپ قالماسلىق ۋە دائىم ئوقۇپ تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

 

Go to the Top