ھەج سەھىپىسى | قىز-خانىملار سەھىپىسى | زاكات، سەدىقە، ئېھسان، ئەخلاق | رامزانلىق ئەسەرلەر مەجمۇئەسى
بىسىپ چىقىرىش دوستقا يوللاش باشقۇرغۈچىغا يوللاش  ئىزاھات يوللاش  ئىزاھاتلارنى كۆرۇش html كودىنى بەتكە ئېلىش
دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار
كىتابلار تېما كارتۇچكىسى
    ماۋزۇ: دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار
    تىل: ئۇيغۇرچە
    قوشۇلغان ۋاختى: Feb 21,2009
    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
    بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر : 2
    قىسقىچە چۈشەنچە: «دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار» ناملىق بۇ كىتابچىدا، ئاپتور ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلەنگەن ۋە يولغا قويۇلغان مۇھىم مەسىلىلەرنى، كىتابخانلارنىڭ چۈشىنىشىنىڭ قولايلىق بولىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇسۇلماننىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا بىلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان218 سوئال ۋە جاۋابنى، سوئال-جاۋاب شەكلىدە تەييارلاپ ھۆزۈرۈڭلارغا تەقدىم قىلدى.
    كۆرۈلگەن قېتىم سانى: 3989
    ھۆججەت ئۇلىنىشى : http://www.islamhouse.com/p/193302
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار.docدىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار
1.1 MB
دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار.docھۈججەتنى چۈشۈرۈش: دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار.doc: دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار.doc
2.
دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار.pdfدىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار
1007.4 KB
دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار.pdfھۈججەتنى چۈشۈرۈش: دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار.pdf: دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار.pdf

     

 بارچە مەدھىيە ۋە گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ۋە مۆمىنلەرنىڭ مەدەتكارى جانابى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

 

ئاللاھ تائالاغا مەۋجۇداتنىڭ سانىچە ھەمدۇ سانا ئېيتىمەن. ھەق دىننى ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنى كۇپرى، زالالەت ۋە ئازغۇنلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىمان، ھىدايەت ۋە ھەقىقەتنىڭ نۇرىغا يېتەكلىگەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە ـ تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ بىزگىچە يەتكۈزگەن ساھابىلىرىگە، شۇنداقلا تا قىيامەتكىچە ھەق يولدا يۈرگەن مۆمىنلەرگە سالام يوللايمەن.

ئىنسان روھى دۇنياسىنى گۈزەل ئەدەپ - ئەخلاق بىلەن زىننەتلىگەندىلا جەمئىيەتتە ئىش - ھەرىكىتى گۈزەل، سۆز - ئىپادىسى گۈزەل، مۇھىتى گۈزەل بولالايدۇ. ئىپپەت - ھايالىق، گۈزەل غايىلىك، قايتماس ئىرادىلىك، چىدام - غەيرەتلىك، سەۋرى - تاقەتلىك، تىرىشچان، سەمىمىي - ساداقەتلىك، كەمتەر، ئىشچان، ئەپۇچان، مۇلايىم، ئېغىر - بېسىق، روھىي دۇنياسى مۇكەممەل ئادەم بولالايدۇ. ئەكسىچە، ئەدەپ - ئەخلاق تەربىيىسىگە سەل قارالسا گۈزەللىك سەتلىككە، ياخشىلىق يامانلىققا ئايلىنىپ ئۆزگىرىدۇ. ئەخلاقسىز ئادەم يامان ئىش، يامان خۇي، يامان ئىللەتنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالىدۇ. مۇنداقلار ئىش - ھەرىكىتى ئەسكى، سۆزلىرى قوپال، بىھايا، پەسكەش، نومۇسسىز، ۋىجدانسىز، رەھىمسىز، ساختىپەز، ۋاپاسىز، يالغانچى، ئالدامچى، ئاچكۆز، نەپسانىيەتچى، مەنمەنچى، چېقىمچى، بېخىل، جېدەلخور .... قاتارلىق يامان يوللارغا كىرىپ قالىدۇ. نەتىجىدە، ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكى، جەمئىيەتنىڭ تەرتىپى بۇزۇلىدۇ. شۇڭا دۇنيادىكى بارچە دىنلار ئەڭ ئاۋۋال كىشىلەرنى گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن زىننەتلىنىشكە چاقىرىپ كەلگەن. مۇسۇلمانلاردا بولسا، گۈزەل ئەخلاق ئىبادەتتىن سانىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «مۇسۇلمان ئادەم گۈزەل ئەخلاقى بىلەن كېچە ئۇخلىماي ناماز ئوقۇغان ۋە كۈندۈزى روزا تۇتقاننىڭ ساۋابىغا ئېرىشەلەيدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغ دەستۇرى قۇرئان كەرىم ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى يورۇتۇپ تۇرىدىغان ئىلاھىي مەشئەلدۇر.

مەرھۇم ئۇستاز مۇھەممەد غازالى «مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى»ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئىمان كىشىنى پەسلىكتىن ساقلىغۇچى ۋە ئۇلۇغلۇققا قوزغاتقۇچى كۈچتۇر. ئۆزلىرىنى دىندارلاردىن سانايدىغان بىر قىسىم كىشىلەر بەزى ئىبادەتلەرنى ئورۇنلاپ قويغىنى بىلەن تەلەپ قىلىنغان ئەخلاقىي ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا سەل قارايدۇ. بۇنىڭ بىلەن قىلغان ئىبادەتلىرىدىن پايدا ئالالمايدۇ. بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: «يا رەسۇلەللاھ! بىر ئايال بار، ئۇ ناماز ئوقۇيدۇ، روزا تۇتىدۇ ۋە سەدىقىنى كۆپ قىلىدۇ. لېكىن قوشنىسىغا تىلى بىلەن ئەزىيەت بېرىدىكەن» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ دوزاخقا كىرىدۇ» دېگەن. ئۇ ئادەم يەنە: «يەنە بىر ئايال بار، ناماز، روزىسى ئاز، سەدىقىنىمۇ ئاز بېرىدىكەن. قوشنىسىغا ئەزىيەت بەرمەيدىكەن» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەن. بۇ جاۋابتا ئېسىل ئەخلاقنىڭ قىممىتىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلگەن. يەنە بىر ھەدىستە: «گۈزەل ئەخلاق خۇددى سۇ قىرونى ئېرىتكەندەك خاتالىقلارنى ئېرىتىدۇ. ناچار ئەخلاق سىركە ھەسەلنى بۇزغاندەك ھەممىنى بۇزىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن.»

دېمەك، ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىدا رەزىللىك چوڭقۇرلىشىپ، يامانلىقى كۆپەيگەنسېرى خۇددى ئادەم كىيىمىدىن ئايرىلغاندەكلا دىن - دىيانەتتىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئىخچاملاپ ئېيتقاندا، ئەخلاق ھەر قانداق ئادەمنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك غەلىبە ياكى مەغلۇبىيىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل.

ھۆرمەتلىك كىتابخان! قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن يېزىلدى. ئەستە قالدۇرۇشقا ئوڭاي بولسۇن ئۈچۈن سوئال ۋە جاۋابلىق قىلىپ، چوڭ - كىچىك، دىنىي مەلۇماتى بار ياكى يوق ھەممە كىشى ئۈچۈن ئاممىباب، چۈشىنىشلىك ھەم ئىخچام، قىسقا قىلىپ تەييارلاندى.

كىتابنى يېزىشتا ئۇلۇغ دەستۇرىمىز قۇرئان كەرىم بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ھەدىسلىرىگە، ئىسلام دۇنياسىدا تونۇلغان ۋە بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان مەشھۇر ئۆلىمالارنىڭ پىكىرلىرىگە ئاساسلاندىم.

بىرلەشمە ئۇلىنىش
    پەتىۋا چاچ چۈشۈرۈشنىڭ ھۆكمى ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    كىتابلار دىن ۋە ھايات ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    كىتابلار مۇھىم ئىشلارغا ئاگاھلاندۇرۇش ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئوردۇچە )
Go to the Top