ھەج سەھىپىسى | قىز-خانىملار سەھىپىسى | زاكات، سەدىقە، ئېھسان، ئەخلاق | رامزانلىق ئەسەرلەر مەجمۇئەسى
بىسىپ چىقىرىش دوستقا يوللاش باشقۇرغۈچىغا يوللاش  ئىزاھات يوللاش  ئىزاھاتلارنى كۆرۇش html كودىنى بەتكە ئېلىش
ئايال كىشىنىڭ باشقا بىر ئايالنىڭ چىرايلىق ھۆسنى - جامالىنى يولدىشىغا سۆزلەپ بېرىشىنىڭ مەنئى قىلىنىشى
پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
ئايال كىشىنىڭ باشقا بىر ئايالنىڭ چىرايلىق ھۆسنى - جامالىنى  يولدىشىغا سۆزلەپ بېرىشىنىڭ مەنئى قىلىنىشى.docئايال كىشىنىڭ باشقا بىر ئايالنىڭ چىرايلىق ھۆسنى ...
525.5 KB
ئايال كىشىنىڭ باشقا بىر ئايالنىڭ چىرايلىق ھۆسنى - جامالىنى  يولدىشىغا سۆزلەپ بېرىشىنىڭ مەنئى قىلىنىشى.docھۈججەتنى چۈشۈرۈش: ئايال كىشىنىڭ باشقا بىر ئايالنىڭ چىرايلىق ھۆسنى - جامالىنى  يولدىشىغا سۆزلەپ بېرىشىنىڭ مەنئى قىلىنىشى.doc
2.
ئايال كىشىنىڭ باشقا بىر ئايالنىڭ چىرايلىق ھۆسنى - جامالىنى  يولدىشىغا سۆزلەپ بېرىشىنىڭ مەنئى قىلىنىشى.pdfئايال كىشىنىڭ باشقا بىر ئايالنىڭ چىرايلىق ھۆسنى ...
77 KB
ئايال كىشىنىڭ باشقا بىر ئايالنىڭ چىرايلىق ھۆسنى - جامالىنى  يولدىشىغا سۆزلەپ بېرىشىنىڭ مەنئى قىلىنىشى.pdfھۈججەتنى چۈشۈرۈش: ئايال كىشىنىڭ باشقا بىر ئايالنىڭ چىرايلىق ھۆسنى - جامالىنى  يولدىشىغا سۆزلەپ بېرىشىنىڭ مەنئى قىلىنىشى.pdf

 

 

ئايال كىشىنىڭ باشقا بىر ئايالنىڭ چىرايلىق ھۆسنى - جامالىنى  يولدىشىغا سۆزلەپ بېرىشىنىڭ مەنئى قىلىنىشى

 

50526- نومۇرلۇق سوئال

سۇئال :

ئايال كىشى باشقا بىر ئايالنىڭ چىرايلىق ھۆسنى - جامالىنى  يولدىشىغا سۆزلەپ بېرىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكى توغرىسىدا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ھەدىس كەلگەنمۇ؟

جاۋاپ :

پۈتۈن ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر.

بۇ توغرىدا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد ( ئۇ كىشىدىن ئاللاھ رازى بولسۇن ) دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسىدە مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشى باشقا بىر ئايالنىڭ يالىڭاچ ھالىتىدە كۆرمەسلىكى،بىر ئايال يەنە بىر ئايالنىڭ بەدىنىنى تۇتماسلىقى، يولدىشىغا ئۇ ئايالنىڭ گۈزەللىكىنى سۆزلەپ بەرمەسلىكى،  ئەگەر ئۇنداق قىلسا خۇددى ئېرى ئۇ ئايالغا قارىغاندەك گۇناھكار بولىدۇ».

بۇ ھەدىسنى بۇخارى رىۋايەت قىلغان 5240 - ھەدىس.

ھاپىز بىن ھەجەر - ئەل قابىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: "بۇ مەسىلىدىكى توسۇشنىڭ ھېكمىتى سۈپەتلەنگۇچى ئايالنىڭ ھۆسنى - جامالى ئەرنىڭ كۆڭلىگە يېقىپ قىلىپ، سۈپەتلەنگۇچى توغرىسىدا قالايمىقان خىياللاردا بولۇپ، سۈپەتلەپ بەرگۈچى ئايالىنىڭ تالىقىنى بېرىشكە سەۋەپ بولىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق قىلمىشلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك.

پەتھۇلبارى 9- توم 338 -بەتتە مۇنداق بىر ھەدىس زىكىر قىلىنغان : «ھەرقانداق بىر ئايال يەنە بىر ئايالنىڭ بەدىنىنى تۇتمىسۇن» دېگەن .

بەدىنى تۇتۇش ئارقىلىق يەنە بىر ئايالنىڭ تېرىسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ، ئەگەر تىرە - تېرىگە سۈركەلسە بەدەننىڭ يۇمشاق ياكى ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ، ئايال كىشى ئۈچۈن باشقا بىر ئايالنىڭ بەدىنىگە قارىشى دۇرۇستۇر، لېكىن ئەر كىشىنىڭ نامەھرەم ئايالغا قارىشى چەكلىنىدۇ.

 

Go to the Top