ھەج سەھىپىسى | قىز-خانىملار سەھىپىسى | زاكات، سەدىقە، ئېھسان، ئەخلاق | رامزانلىق ئەسەرلەر مەجمۇئەسى
بىسىپ چىقىرىش دوستقا يوللاش باشقۇرغۈچىغا يوللاش  ئىزاھات يوللاش  ئىزاھاتلارنى كۆرۇش html كودىنى بەتكە ئېلىش
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى باشقىلارغا يەتكۈزۇش ئۈچۈن، مەلۇم بىر كۈننى تاللاپ بۇ كۈننى مەۋلۇت كۈنى دەپ ئاتىسا بولامدۇ؟.
پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
    ماۋزۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى باشقىلارغا يەتكۈزۇش ئۈچۈن، مەلۇم بىر كۈننى تاللاپ بۇ كۈننى مەۋلۇت كۈنى دەپ ئاتىسا بولامدۇ؟.
    تىل: ئۇيغۇرچە
    قوشۇلغان ۋاختى: Mar 03,2009
    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
    بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر : 2
    قىسقىچە چۈشەنچە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرلەپ مۇراسىم ئۆتكۈزۈش ئەسلى يوق بىدئەت ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ، لېكىن كۆپچىلىك كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئەمەس بەلكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيەت، ئىش-ئىزلىرىنى كىشىلەرگە تونۇشتۇرۇپ مۇراسىم ئۆتكۈزىدۇ، بۇ پائالىيەتلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدىن باشقا كۈنلەردە ئۆتكۈزۈشمۇ ھارام بولامدۇ؟، تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن ھەممە پائالىيەتلەر چەكلىنەمدۇ؟.
    كۆرۈلگەن قېتىم سانى: 1262
    ھۆججەت ئۇلىنىشى : http://www.islamhouse.com/p/193816
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى باشقىلارغا يەتكۈزۇش ئۈچۈن، مەلۇم بىر كۈننى تاللاپ بۇ كۈننى مەۋلۇت كۈنى دەپ ئاتىسا بولامدۇ؟..docپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى باشقىلارغا ...
529 KB
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى باشقىلارغا يەتكۈزۇش ئۈچۈن، مەلۇم بىر كۈننى تاللاپ بۇ كۈننى مەۋلۇت كۈنى دەپ ئاتىسا بولامدۇ؟..docھۈججەتنى چۈشۈرۈش: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى باشقىلارغا يەتكۈزۇش ئۈچۈن، مەلۇم بىر كۈننى تاللاپ بۇ كۈننى مەۋلۇت كۈنى دەپ ئاتىسا بولامدۇ؟..doc
2.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى باشقىلارغا يەتكۈزۇش ئۈچۈن، مەلۇم بىر كۈننى تاللاپ بۇ كۈننى مەۋلۇت كۈنى دەپ ئاتىسا بولامدۇ؟..pdfپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى باشقىلارغا ...
84.8 KB
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى باشقىلارغا يەتكۈزۇش ئۈچۈن، مەلۇم بىر كۈننى تاللاپ بۇ كۈننى مەۋلۇت كۈنى دەپ ئاتىسا بولامدۇ؟..pdfھۈججەتنى چۈشۈرۈش: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى باشقىلارغا يەتكۈزۇش ئۈچۈن، مەلۇم بىر كۈننى تاللاپ بۇ كۈننى مەۋلۇت كۈنى دەپ ئاتىسا بولامدۇ؟..pdf

 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى باشقىلارغا يەتكۈزۇش ئۈچۈن، مەلۇم بىر كۈننى تاللاپ بۇ كۈننى مەۋلۇت كۈنى دەپ ئاتىسا بولامدۇ؟.

 

117651-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرلەپ مۇراسىم ئۆتكۈزۈش ئەسلى يوق بىدئەت ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ، لېكىن كۆپچىلىك كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئەمەس بەلكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيەت، ئىش-ئىزلىرىنى كىشىلەرگە تونۇشتۇرۇپ مۇراسىم ئۆتكۈزىدۇ، بۇ پائالىيەتلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدىن باشقا كۈنلەردە ئۆتكۈزۈشمۇ ھارام بولامدۇ؟، تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن ھەممە پائالىيەتلەر چەكلىنەمدۇ؟، مەسىلەن: تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش دېگەن سۆزنى قوللانماستىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى سۆزلەپ ھاياتىنى تونۇشتۇرۇشمۇ چەكلىنەمدۇ؟، بۇ سورۇنغا ھازىر بولغانلارغا تاماق تارقىتىش ھاراممۇ؟. بۇ سوئالنى سورۇشۇمدا، كېلەر شەنبە ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ئىككى ياشنىڭ توي مۇناسىۋىتى بىلەن زىياپەت بېرىلىدۇ، كەچلىك تاماقتىن كىيىن بۇ يەرگە توپلاشقان كىشىلەرگە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، گەرچە بۇ كۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە مۇۋاپىق كەلمىسىمۇ بۇ كۈننى "مەۋلۇت" دەپ ئاتىشىدۇ. بۇ پائالىيەت توي-تۆكۈندە ئوينىلىدىغان ناخشا-ئۇسۇلنىڭ ئورنىدا ئىلىپ بېرىلىدۇ. كىشىلەر بۇ سورۇندا كۆپ دىنى مەلۇماتقا ئىگە بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ۋە پەزىلىتىنى تارقىتىش نىيىتى بىلەن، كىشىلەرنى مەسچىتكە زىياپەتكە چاقىرىپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيەتلىرىدىن جامائەتنى خەۋەردار قىلىشىمۇ چەكلىنەمدۇ؟.  

جاۋاب:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

مۇسۇلمانلارنىڭ، پەيغەمبەرلەر ياكى باشقىلارنىڭ بولسۇن ھېچ بىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپ مۇراسىم ئۆتكۈزۈشى توغرا ئەمەس. بەلكى بۇ يەھۇدىي-ناسارالار ۋە  ئۇلارنىڭ غەيرىدىكى دىنسىزلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن بولۇپ، دىن دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ شەخسىيىتىنى خۇنۇكلاشتۇرۇلىشى نىشانلانغاندۇر.

تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپ مۇراسىم ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت، مەلۇم بىر كىشىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپ مۇراسىم ئۆتكۈزۈش بولۇپ، خۇددى رەبىئۇل ئەۋۋەلنىڭ 12-كۈنىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى دەپ مۇراسىم ئۆتكۈزگەنگە ئوخشاش، ئەمما  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ۋە ئىش-ئىزلىرى، گۈزەل ئەخلاق پەزىلەتلىرىنى كىشىلەرگە تونۇشتۇرۇش، ھەر قانداق ۋاقىتتا قىلىشقا تېگىشلىك ياخشى ئەمەلدۇر. بۇ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش دەپ ئاتالمايدۇ. شۇنىڭدەك توي مۇراسىملىرىدا، دىنى تەشۋىقاتلارنى ئىلىپ بېرىشمۇ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش دەپ ئاتالمايدۇ، لېكىن بەزى مۇسۇلمان يۇرتلىرىدا، ناخشا-ئۇسۇل ۋە ئەر-ئاياللار ئارىلاش ئولتۇرمايدىغان، توي-تۆكۈن ۋە سۈننەت مەرىكىسى قاتارلىق مۇراسىملارنى تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش ( مەۋلۇت) دەپ ئاتاش كەڭ تارقالغان بولۇپ، ۋەز-نەسىھەتچىلەر ۋە قارىلار تەكلىپ قىلىنىپ، قۇرئان ئوقۇپ ۋەز نەسىھەت قىلىدۇ، بۇنداق قىلىش توغرا بولسىمۇ، بۇ كۈننى تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش دەپ ئاتاشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق. بۇ سىز سورىغان ئىشلارغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، چۈنكى ئۇ كۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئەمەس.

توي ۋە باشقا مۇراسىملاردا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيەتلىرىنى، گۈزەل ئەخلاق پەزىلەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، ۋەز نەسىھەت قىلىش، بىدئەت بولغان تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا كىرمەيدۇ. مەلۇم بىر كۈننى پەزىلەتكە خاس قىلىۋالماستىن باشقا ئادەتتىكى كۈنلەردە (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى، بارات ئېيىنىڭ تۈنەك كېچىسىنى، ئىسرا-مېراج كۈنلىرىدىن باشقا)  كىشىلەرنى مەسچىتكە توپلاپ زىياپەت بېرىپ، ۋەز نەسىھەت قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ۋە باشقا پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش، بىدئەت بولغان مەۋلۇت (تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش) پائالىيىتى ھېسابلانمايدۇ، ھەمدە كىشىلەرگىمۇ بىدئەت بولغان مەۋلۇت(تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش) پائالىيىتىنى يوللۇق ئىكەن دەيدىغان چۈشەنچە بەرمەيدۇ.

ئاللاھ ھەممەيلەننى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنىڭ نۇرى ئاستىدا، ياخشى ئەمەل قىلىشقا ۋە سۈننەتنى قوغداپ، بىدئەتكە قارشى تۇرۇشقا مۇيەسسەر قىلسۇن.

 

 

Go to the Top