ھەج سەھىپىسى | قىز-خانىملار سەھىپىسى | زاكات، سەدىقە، ئېھسان، ئەخلاق | رامزانلىق ئەسەرلەر مەجمۇئەسى
بىسىپ چىقىرىش دوستقا يوللاش باشقۇرغۈچىغا يوللاش  ئىزاھات يوللاش  ئىزاھاتلارنى كۆرۇش html كودىنى بەتكە ئېلىش
ئىسلام دىنىدا ئاتا- ئانىغا ياخشىلىق قىلشنىڭ ئەھمىيىتى
پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
ئىسلام دىنىدا ئاتا- ئانىغا ياخشىلىق قىلشنىڭ ئەھمىيىتى.docئىسلام دىنىدا ئاتا- ئانىغا ياخشىلىق قىلشنىڭ ئەھمىيىتى ...
526.5 KB
ئىسلام دىنىدا ئاتا- ئانىغا ياخشىلىق قىلشنىڭ ئەھمىيىتى.docھۈججەتنى چۈشۈرۈش: ئىسلام دىنىدا ئاتا- ئانىغا ياخشىلىق قىلشنىڭ ئەھمىيىتى.doc
2.
ئىسلام دىنىدا ئاتا- ئانىغا ياخشىلىق قىلشنىڭ ئەھمىيىتى.pdfئىسلام دىنىدا ئاتا- ئانىغا ياخشىلىق قىلشنىڭ ئەھمىيىتى ...
84.7 KB
ئىسلام دىنىدا ئاتا- ئانىغا ياخشىلىق قىلشنىڭ ئەھمىيىتى.pdfھۈججەتنى چۈشۈرۈش: ئىسلام دىنىدا ئاتا- ئانىغا ياخشىلىق قىلشنىڭ ئەھمىيىتى.pdf

 

ئىسلام دىنىدا ئاتا- ئانىغا ياخشىلىق قىلشنىڭ ئەھمىيىتى

 

5326-نومۇرلۇق سوئال

سۇئال :

ئاتا - ئانىغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەتتىكى ئورنى نېمە؟

جاۋاپ :

ئاتا-  ئانىغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى :

1- ئاتا - ئانىغا ھۆرمەت قىلىش بولسا جانابى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسلامغا ئىتائەت قىلغانلىقتۇر. جانابى ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: « بىز ئىنساننى ئاتا-  ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرىدۇق».  يەنە بىر ئايەتتە: «پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا - ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى، ئۇلارنىڭ بىرى، يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا ئوھوي دېمىگىن (يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن)، ئۇلارنى دۈشكەلىمىگىن، ئۇلارغا ھۈرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن، ئۇلارغا كامالى مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە: «ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيىلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن، دېگىن» . ئىسرا سۈرىسى 23 ،24 - ئايەتلەر.

ھەدىس شەرىپتە: ئىبنى مەسئۇد پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: « پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن، ئەمەللەردىن قايسىسى ئەۋزەلرەك دەپ سورالغاندا: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئىمان كەلتۈرۈش،  ئاتا - ئانىغا ياخشىلىق قىلىش» دەپ جاۋاپ بەرگەن.  بۇنىڭدىن باشقا بۇ ھەقتە ئايەت ۋە ھەدىسلەر كۆپتۇر.

2- ئاتا-  ئانىغا ئىتائەت قىلىش، ئۇلارغا ئېھسان قىلىش ئىنساننىڭ جەننەتكە كىرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاتا- ئانىسى ياكى ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرى قېرىلىق ھالەتكىچە ياشىغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ جەننەتكە كىرەلمىگەن كىشىنىڭ بۇرنى توپىغا مىلىنىپ كەتسۇن، بۇرنى توپىغا مىلىنىپ كەتسۇن،  بۇرنى توپىغا مىلىنىپ كەتسۇن !» سەھىھ مۇسلىم 4627 -نومۇرلۇق ھەدىس.

3- ئاتا - ئانىنى ھۆرمەتلەش ۋە بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىش، ياخشى كۆرۈش بولسا، ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنى كۈچەيتىدۇ.

4- ئاتا - ئانىغا ھۆرمەت، بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىش ئۇلارغا رەھمەت ئېيتقانلىق سانىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار سىزنىڭ بۇ دۇنيادا مەۋجۇد بولۇپ تۇرىشىڭىزغا سەۋەبچىدۇر. سىزگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ سىزنى كىچىكىڭىزدىن تارتىپ ياخشى تەربىيىلىدى. جانابى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: « ماڭا ۋە ئاتا- ئاناڭغا رەھمەت ئېيتقىن».

5- پەرزەنتنىڭ ئاتا- ئانىسىغا ئېھسان قىلىشى، كەلگۈسىدە پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆزىگە ياخشىلىق قىلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. جانابى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: « ياخشىلىقنىڭ جازاسى ياخشىلىقلام بولىدۇ !».

جانابى ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۇچىدۇر.

 

مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر
    ماقالىلار ئېھسان توغرىسىدا ( ئۇيغۇرچە )
بىرلەشمە ئۇلىنىش
    پەتىۋا نەپىقە بېرىشتە ئەر ئۈچۈن ئانا ئەۋزەلمۇ ياكى خوتۇن ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا بۆرىكىنى دادىسىغا ئىئانە قىلىشقا مەجبۇرمۇ؟ ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار ئاتا-ئانىغا ئېھسان قىلىش تائەت-ئىبادەتنىڭ جۈملىسىدىندۇر ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    خىزمەتىلىرىمىز زاكات، سەدىقە، ئېھسان، ئەخلاق ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
Go to the Top