ھەج سەھىپىسى | قىز-خانىملار سەھىپىسى | زاكات، سەدىقە، ئېھسان، ئەخلاق | رامزانلىق ئەسەرلەر مەجمۇئەسى
بىسىپ چىقىرىش دوستقا يوللاش باشقۇرغۈچىغا يوللاش  ئىزاھات يوللاش  ئىزاھاتلارنى كۆرۇش html كودىنى بەتكە ئېلىش
قىز-خانىملار توي قىلىدىغان لايىقىنى ئۆزى ئىزدىشى دۇرۇس بولامدۇ؟
پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
    ماۋزۇ: قىز-خانىملار توي قىلىدىغان لايىقىنى ئۆزى ئىزدىشى دۇرۇس بولامدۇ؟
    تىل: ئۇيغۇرچە
    قوشۇلغان ۋاختى: Aug 05,2009
    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
    بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر : 1
    قىسقىچە چۈشەنچە: مەن بىر مۇسۇلمان قىز بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھىجابلىنىشىم ئۆزۈمگە مۇناسىپ بىر لايىق تېپىشىمنى چەكلىمەيدۇ دەپ قارايمەن، بىر قىسىم كىشىلەر لايىق تېپىشقا ھىجاب كىيمەسلىك ياخشىراق دەيدىكەن، ئۇنداقتا سىزدىن سوراپ باقسام: مىنىڭ ئىسلام ھەرقانداق بىر قىزنى لايىق ئىزدەشتىن توسمايدۇ، شۇنداقلا ھىجابلىنىشمۇ لايىق ئىزدەشكە توسقۇنلۇق قىلمايدۇ دەپ قارىشىم توغرىمۇ؟.
    كۆرۈلگەن قېتىم سانى: 654
    ھۆججەت ئۇلىنىشى : http://www.islamhouse.com/p/228797
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 1 )
1.
قىز-خانىملار توي قىلىدىغان لايىقىنى ئۆزى ئىزدىشى دۇرۇس بولامدۇ؟.docقىز-خانىملار توي قىلىدىغان لايىقىنى ئۆزى ئىزدىشى ...
606.5 KB
قىز-خانىملار توي قىلىدىغان لايىقىنى ئۆزى ئىزدىشى دۇرۇس بولامدۇ؟.docھۈججەتنى چۈشۈرۈش: قىز-خانىملار توي قىلىدىغان لايىقىنى ئۆزى ئىزدىشى دۇرۇس بولامدۇ؟.doc

 

قىز-خانىملار توي قىلىدىغان لايىقىنى ئۆزى ئىزدىشى دۇرۇس بولامدۇ؟

 

9694- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

مەن بىر مۇسۇلمان قىز بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھىجابلىنىشىم ئۆزۈمگە مۇناسىپ بىر لايىق تېپىشىمنى چەكلىمەيدۇ دەپ قارايمەن، بىر قىسىم كىشىلەر لايىق تېپىشقا ھىجاب كىيمەسلىك ياخشىراق دەيدىكەن، ئۇنداقتا سىزدىن سوراپ باقسام: مىنىڭ ئىسلام ھەرقانداق بىر قىزنى لايىق ئىزدەشتىن توسمايدۇ، شۇنداقلا ھىجابلىنىشمۇ لايىق ئىزدەشكە توسقۇنلۇق قىلمايدۇ دەپ قارىشىم توغرىمۇ؟.

جاۋاب:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

بىرىنچى: ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان ئايال  شەرىئەت بۇيرىغان بويۇنچە ھىجابلىنىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى بىلىشى لازىم، ئايال كىشىنىڭ يۈزىنى ئېچىپ پەداز قىلىپ يۈرۈشى دۇرۇس ئەمەس. بۇ بولسا چوڭ گۇناھلارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ، بۇنداق قىلغان كىشى ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ. ئايال كىشى بولسا بىر گۆھەردۇر، ناۋادا ئۇ ياسىنىپ پەردازلىنىپ يات ئەركەكلەرگە ئۆزىنى كۆرسەتسە قىممىتىنى يوقىتىدۇ، مەن مۇسۇلمان قىزلىرىغا شەرئى ھىجابنىڭ لازىملىقىنى نەسىھەت قىلىمەن. ئۇ بولسا ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەنلىك ۋە ئاللاھغا بويسۇنغانلىق، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ بەندىسىگە  تەۋپىق ئاتا قىلىپ، بۇنىڭغا ئوخشىغان دىندىكى زۆرۈر ئەمەللەرنى قىلىشقا مۇيەسسەر قىلغانلىقىنىڭ نامايەندىسى.

ئىككىنچى: ئەر-ئايالنىڭ توي قىلىشقا قۇدرىتى يەتسە ۋە ھارام ئىشلارغا چۈشۈپ قىلىشتىن قورقسا، توي قىلىش ئۇلارغا ۋاجىپ بولىدۇ، بۇ ھەم پەيغەمبەرلەرنىڭ تۇتقان يولىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بىز سەندىن ئىلگىرى ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارغا خوتۇنلارنى ۋە پەرزەنتلەرنى بەردۇق» سۈرە رەئد 38-ئايەت.

ئۈچىنچى: ئايال كىشى ئۆزى لايىق ئىزدەپ باشقىلارغا كۆرۈنىشى بىلەن تاسادىپىي بىر لايىق چىقىپ قىلىشنىڭ پەرقى بار. ئايال كىشىنىڭ ئۆزى لايىق ئىزدەپ باشقىلارغا كۆرۈنىشى ھايانى كۆتۈرۈۋېتىدۇ، ئايال كىشىنىڭ زىننىتى  ئىپپەت-ھايالىق بولۇشتۇر، ئەرەب تەمسىللىرىدە ھايانى يۈزى ئېچىلمىغان قىزچاققا ئوخشىتىدۇ. ئەبى سەئد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە ھايانىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۈزى ئېچىلمىغان قىزچاقتىنمۇ  بەكراق ھايالىق ئىدى، بىر شەيئىنى يامان كۆرسە ياكى خىجىل بولسا چىرايىدىن بىلىنەتتى» دەپ بايان قىلىدۇ.  

ئايال كىشى ئۆزىگە لايىق ئىزدەشتە ئەڭ ياخشى تايانچ بولغان ئاللاھغا دۇئا قىلىشى كېرەك. دۇئا بولسا مۇسۇلمان كىشىنىڭ ھاجەت تەلەپ قىلىشتىكى ياخشى تايانچىسى ۋە ۋاسىتىسىدۇر، ياكى قىز ئۆزى بىۋاسىتە لايىق ئىزدىمەي ئىشەنچلىك ئامانەتدار ئاياللارنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن لايىق تاپسا بۇ ھايا ۋە ئەخلاققا زىت كېلىدىغان ئىشلار بىلەن لايىق تاپقاندىن ياخشىراق بولىدۇ. ( ئەلۋەتتە ئاتا-ئانا چوڭ رول ئوينايدۇ).

تۆتىنچى: سىزگە ھىجابنى ئېلىۋېتىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلغان كىشى خاتالىشىپتۇ، ئايال كىشى قانداقمۇ ئاللاھ بۇيرىغان دىنى ۋە ھىجابىدىن ۋاز كېچىپ، ئاللاھنىڭ غەزىپى، ئازابى كېلىدىغان ۋە رازى بولمايدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ؟!.

مۇسۇلمان ئاياللىرى، ئىنسان دىنىنى خۇددى چوغنى ئالقىنىدا تۇتىۋاتقاندەك مۇشۇنداق زاماندا،  ئىپپەت-ھايانىڭ ئالامىتى بولغان، تەقۋالىق، راستچىللىق ۋە دىننى لازىم تۇتۇشنىڭ دەلىلى بولغان ھىجابتىن ئىبارەت بۇ پەزىلەتلىك ئەمەلنى قەدىرلىشى كېرەك.

سوئال سورىغۇچى سىڭىلچىقىم!: سىز دائىم ئاللاھغا تەقۋادارلىق قىلىپ، ھىجابنى لازىم تۇتسىڭىز، ئاللاھ تائالا سىزنى يېقىندا ياخشى بىر ھەمراھقا مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ھاياتتىكى يولىڭىزنى ئاسانلاشتۇرۇپ  بېرىدۇ. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ، كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ» سۈرە تەلاق 2-3-ئايەتلەرنىڭ بىر قىسمى.

ئاللاھ ھەممىگە ياردەم بەرگۈچىدۇر.

 

 

بىرلەشمە ئۇلىنىش
    خىزمەتىلىرىمىز قىز-خانىملار سەھىپىسى ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار نىكاھلىنىشتىكى سىر ۋە ھەقىقەت ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا مۇسۇلمان قىزنىڭ كاپىر بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشىنىڭ ھۆكمى ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
Go to the Top