ھەج سەھىپىسى | قىز-خانىملار سەھىپىسى | زاكات، سەدىقە، ئېھسان، ئەخلاق | رامزانلىق ئەسەرلەر مەجمۇئەسى
بىسىپ چىقىرىش دوستقا يوللاش باشقۇرغۈچىغا يوللاش  ئىزاھات يوللاش  ئىزاھاتلارنى كۆرۇش html كودىنى بەتكە ئېلىش
زەھەرلىك چېكىملىككە ئادەتلىنىپ قالغان كىشى تەۋبە قىلىشنى خالايدۇ
پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
    ماۋزۇ: زەھەرلىك چېكىملىككە ئادەتلىنىپ قالغان كىشى تەۋبە قىلىشنى خالايدۇ
    تىل: ئۇيغۇرچە
    قوشۇلغان ۋاختى: Aug 14,2009
    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
    بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر : 1
    قىسقىچە چۈشەنچە: سىڭلىمنىڭ يولدىشى زەھەرلىك چېكىملىككە ئادەتلىنىپ قالغان، بۇنىڭدىن چەكلىنىشنى ئىرادە قىلسىمۇ خۇمار بولۇپ قالغانلىق سەۋەبىدىن قول ئۈزەلمەيۋاتىدۇ. لېكىن ئۇ ئاللاھتىن قورقىدىغان كىشى، سىڭلىمنىڭ ئۈچ بالىسى بار، قانداق قىلغاندا يولدىشىنى بۇ قىلمىشتىن تەزدۈرەلىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇنداق كېتىۋەرسە، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ھالەتكە بېرىپ قىلىشى مۇمكىن. بۇ ھەقتە ئۇلارغا نەسىھەت قىلىشىڭلارنى سورايمەن؟.
    كۆرۈلگەن قېتىم سانى: 361
    ھۆججەت ئۇلىنىشى : http://www.islamhouse.com/p/230501
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 1 )
1.
زەھەرلىك چېكىملىككە ئادەتلىنىپ قالغان كىشى تەۋبە قىلىشنى خالايدۇ.docزەھەرلىك چېكىملىككە ئادەتلىنىپ قالغان كىشى تەۋبە ...
570 KB
زەھەرلىك چېكىملىككە ئادەتلىنىپ قالغان كىشى تەۋبە قىلىشنى خالايدۇ.docھۈججەتنى چۈشۈرۈش: زەھەرلىك چېكىملىككە ئادەتلىنىپ قالغان كىشى تەۋبە قىلىشنى خالايدۇ.doc

 

زەھەرلىك چېكىملىككە ئادەتلىنىپ قالغان كىشى تەۋبە قىلىشنى خالايدۇ

32466-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

سىڭلىمنىڭ يولدىشى زەھەرلىك چېكىملىككە ئادەتلىنىپ قالغان، بۇنىڭدىن چەكلىنىشنى ئىرادە قىلسىمۇ خۇمار بولۇپ قالغانلىق سەۋەبىدىن قول ئۈزەلمەيۋاتىدۇ. لېكىن ئۇ ئاللاھتىن قورقىدىغان كىشى، سىڭلىمنىڭ ئۈچ بالىسى بار، قانداق قىلغاندا يولدىشىنى بۇ قىلمىشتىن تەزدۈرەلىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇنداق كېتىۋەرسە، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ھالەتكە بېرىپ قىلىشى مۇمكىن. بۇ ھەقتە ئۇلارغا نەسىھەت قىلىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاب:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

سىڭلىڭىزغا قىلىدىغان نەسىھىتىمىز؛ ئۇ دائىم ئېرىنىڭ يېنىدىن ئايرىلماستىن، ئۇنىڭ بۇ ئىشتىن قول ئۈزۈپ  ھەقىقى تەۋبە قىلىشىغا ياردەمچى بولىشى، ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئائىلىسىنى ھالاكەتكە ئىلىپ بارىدىغان ئىنسانى شەيتانلارنىڭ ئازدۇرۇشىغا تاشلاپ قويماسلىقى كېرەك. چۈنكى ئۇ ئايالىنىڭ ياردىمىگە ناھايىتى بەك ئېھتىياجلىق.

شۇنىڭدەك زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش مەركەزلىرىگە بېرىپ ئۇلاردىن ياردەم سورىشى لازىم. بۇنداق قىلىش ئۇنىڭ ئابرۇيىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. بەلكى يولدىشىنىڭ بۇ قىلمىشتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشىغا پايدىسى بولىدۇ. ھەر دائىم ئىككىلەنمەستىن داۋالاش مەركەزلىرىگە تىلىپۇن قىلىپ مەسلىھەت سوراپ تۇرۇشى لازىم.

سىڭلىڭىز يولدىشىنى، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشقا ۋە قورقۇشقا يېتەكلىشى، ئۆلۈمنى ۋە ئاللاھغا ئۇچرىشىشنى ئەسلىتىشى، زەھەرلىك چېكىملىكنى تاشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە ئۇنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتە ئىنسانغا ئىلىپ كىلىدىغان خەتىرى، پەرزەنتلىرىنىڭ ئىستىقبالى، ئائىلىسىنىڭ كېلىچىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئىنتايىن چىرايلىق ئۇسۇلدا چۈشەندۈرۈشى لازىم. شۇنداقلا ئۇنىڭ پات-پۇرسەتتە ساقىيىپ كېتىدىغانلىقى ۋە بۇ قىلمىشتىن قول ئۇزەلەيدىغانلىقى، مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىغا ئۈمىدلەندۇرىشى كېرەك.

ئاللاھ تائالادىن ئۇ قېرىندىشىمىزغا ھىدايەت ئاتا قىلىشىنى سورايمىز.

 

Go to the Top