ھەج سەھىپىسى | قىز-خانىملار سەھىپىسى | زاكات، سەدىقە، ئېھسان، ئەخلاق | رامزانلىق ئەسەرلەر مەجمۇئەسى
بىسىپ چىقىرىش دوستقا يوللاش باشقۇرغۈچىغا يوللاش  ئىزاھات يوللاش  ئىزاھاتلارنى كۆرۇش html كودىنى بەتكە ئېلىش
رامىزاننى قانداق قارشى ئېلىش توغرىسىدا تەكلىپ ۋە لايىھەلەر
ماقالىلار تېما كارتۇچكىسى
    ماۋزۇ: رامىزاننى قانداق قارشى ئېلىش توغرىسىدا تەكلىپ ۋە لايىھەلەر
    تىل: ئۇيغۇرچە
    قوشۇلغان ۋاختى: Sep 08,2007
    يازغۇچى : ئا.قارلۇقى
    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
    بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر : 2
    قىسقىچە چۈشەنچە: «رامىزاننى قانداق قارشى ئېلىش توغرىسىدا تەكلىپ ۋە لايىھەلەر» ناملىق بۇ ماقالىدا، قانداق قىلغاندا روھانىيىتىمىزنى تەربىيەلەيمىز؟ رامىزاندا ئائىلىدە ئىلىپ بىرىلىدىغان تەربىيە خاراكتىرلىق پائالىيەتلەر، مەسجىدلەرنىڭ رامىزاندىكى رولى...قاتارلىق بىر قىسىم مۇھىم مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
    كۆرۈلگەن قېتىم سانى: 1513
    ھۆججەت ئۇلىنىشى : http://www.islamhouse.com/p/53505
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
رامىزاننى قانداق قارشى ئېلىش توغرىسىدا تەكلىپ ۋە لايىھەلەر.pdfرامىزاننى قانداق قارشى ئېلىش توغرىسىدا تەكلىپ ...
162.2 KB
رامىزاننى قانداق قارشى ئېلىش توغرىسىدا تەكلىپ ۋە لايىھەلەر.pdfھۈججەتنى چۈشۈرۈش: رامىزاننى قانداق قارشى ئېلىش توغرىسىدا تەكلىپ ۋە لايىھەلەر.pdf
2.
رامىزاننى قانداق قارشى ئېلىش توغرىسىدا تەكلىپ ۋە لايىھەلەر.docرامىزاننى قانداق قارشى ئېلىش توغرىسىدا تەكلىپ ...
986.5 KB
رامىزاننى قانداق قارشى ئېلىش توغرىسىدا تەكلىپ ۋە لايىھەلەر.docھۈججەتنى چۈشۈرۈش: رامىزاننى قانداق قارشى ئېلىش توغرىسىدا تەكلىپ ۋە لايىھەلەر.doc

  

  رامىزاننى قانداق قارشى ئېلىش توغرىسىدا بىر قىسىم تەكلىپ ۋە لايىھەلەر
 

    ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ سانا، شۇكۈر ۋە رەھمەتلەر ئېيتىمىز، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد مۇستەپا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋە بارلىق توغرا يولدا ماڭغان كىشىلەر سالام يوللىغاندىن كېيىن، بۈگۈنكى سۆزىمىزدە مۇبارەك رامىزان ئېيىنى قانداق ئۆتكۈزۈش ھەققىدىكى بىر قىسىم تەكلىپ ۋە لايىھەلەرنى سونماقچى بولىۋاتىمىز. ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئەمەللىرىنى ئۆزىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن خالىس قىلىپ بىرىشىنى سورايمىز. ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى مۇۋەپپەق قىلسۇن! ئامىن!!

بىز ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان بۇ تەكلىپ، لايىھەلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرىنى روھىي جەھەتتىن تەربىيىلەپلا قالماستىن، يەنە ئۆيدە ۋە مەسجىدلەردە قانداق تەربىيىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكلەردىن ئىبارەت:

      روھىي جەھەتتىن ئۆزىمىزنى تەربىيلەش::

     1- بارلىق ئەمەللىرىمىزنى ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلىش.

     2-ئاللاھ تائالانىڭ بۇ مۇبارەك ئاي ئارقىلىق بىزگە بىرىدىغان نېئمەتلىرىنى ئەسكە ئېلىش.

     3-بۇ مۇبارەك ئاينىڭ دۇزاختىن يېراقلىشىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان كەسكىن بىر جەڭ مەيدانى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىش.

     4-بۇ ئايدا ئوقۇش ئۈچۈن قۇرئان ھازىرلاش ۋە ھەر قانداق ئەرزىمەس ئىشلاردىن قەتئىي قول ئۈزۈش.

    5-بىرەر يېرىم پارچە تەپسىر كىتابى ياكى قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسىنى ھازىرلىغاندىن سىرت، ھەدىس كىتابلىرىدىن تېپىپ قويۇش (بۇخىل كىتابلار  www.munber.org /www.islamhouse.com تىن تېپىلىدۇ.)

    6-ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆزى ئۈچۈن ئىككى خىل تىلاۋەت ئۇسۇلىنى تاللىشى لازىم. بىرى: ھەر كۈنى قۇرئان كەرىمدىن بىر پارىنى پىكىر، تەپەككۇر يۈرگۈزۈش، ئايەتلەردىكى مۆجىزە ۋە ئالامەتلەرگە ئەستايىدىل قاراپ چىقىش. ئىككىنچىسى: كۆپلەپ ئەجىرگە ئىرىشىش ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنى ئىمكانى بار كۆپ ئوقۇشقا تىرىشىش.

     7- قۇرئان كەرىمنى ئوقۇش ئۈچۈن ئىشى بىلەن ئىمكانىيىتى ئوتتۇرىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەشكە يارىدىمى بولىدىغان بىر جەدۋەل ھازىرلاش.

    8- ئۆزىنى دۇئاغا ئادەتلەندۈرۈش، ئۆزىنىڭ، ۋاپات بولغان ياكى ھايات ياشاۋاتقان ئاتا- ئانىسىنىڭ، بىر توققانلىرىنىڭ، يېقىن يۇرۇق، دوست- بۇرادەرلىرىنىڭ، ۋاپات بولۇپ دۇئا قىلغۇچىسى يوق كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى ئۈچۈن ئاللاھقا ئىلتىجاھ قىلىش. ئۆزىنىڭ ۋە پۇتۇن مىللەتنىڭ ياخشى كۈن كۆرىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىش.. قاتارلىقلار...غا كۆڭۈل بۆلۈش.

     9- مەسجىدلەردە ئولتۇرۇشقا، بولۇپمۇ بامدات ۋە ئەسىر نامازلىرىدىن كېيىن ھەمدۇ- سانا ۋە قۇرئان ئوقۇش، تەبلىغ ئاڭلاش قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ مەسجىدلەردە ئولتۇرۇش.

     10-ئۆزىنى سەدىقە بىرىش، خەير- ساخاۋەت قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا كۆندۈرۈش.

    11- ئۆزىنى ھەر زامان سالىھ ئەمەل قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈش، بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمەھالى، ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ ھاياتىنى ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزىگە ئۆرنەك يارىتىش.

    12- پۇتۇن رامىزان بويىچە ئۆزىنى تەراۋىھ، تەھەججۇد ۋە ۋىتر نامازلىرىنى كۆپ قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈش.

ئۆيدە قىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەلەر:

    1- ئائىلە ئەزالىرىغا قۇرئان كەرىم ۋە قۇرئان قويىدىغان رەھىللەرنى سېتىۋېلىپ ھەدىيە قىلىش.

    2- ئۆيدە بىر ناماز ئوقۇش ئورنى ھازىرلاش.

    3- ئائىلە كىشىلىرىگە دىنىي مەزمۇندىكى ھەر خىل كىتاب- ماتېرىياللارنى سېتىۋېلىپ ھەدىيە قىلپ بىرىش.

    4-ئائىلە كىشىلىرى بىلەن جەم بولۇپ ئولتۇرۇپ رامىزاننىڭ پەزىلىتى ۋە ھۆكۈملىرى توغرىسىدا پاراڭلىشىش.

    5-ئىسراپ قىلماسلىق شەرتى ئاساسىدا ئۆيگە كېرەكلىك بولغان يېمەك- ئىچمەكلەرنى تولۇق ھازىرلاش.

    6-رادىئولاردىن قۇرئان كەرىم ۋە باشقا دىنى ۋەز- ۋەز نەسىھەت ئاڭلاش ئۈچۈن ۋاقت ئاجرىتىش.ئۇ ئىمكانىيەت بولمىسا، دىنى مەزمۇندىكى كىتاپلارنى تور بېكەتلىرىدىن چۇشۇرۇپ پايدىلىنىش.

   7-ئائىلە ئىشلىرىنى ئىمكان بار ھەممەيلەن ئورتاق قىلىش ئارقىلىق ئاياللارنىڭمۇ ئىبادەتتىن ئالىدىغان باشقا نەسىۋەلىرىگە كەڭ ئىمكان يارىتىپ بىرىشكە تىرىشىش.

   8- رامىزاندا يېقىن- يۇرۇق ۋە دوست- بۇرادەرلەر، شۇنىڭدەك يوقسۇل- مۇساپىرلارنى ئىپتارغا چاقىرىش ۋە زىيارەتكە قىلىشقا تىگىشلىك كىشىلەرنى ۋاقتىدا زىيارەت قىلىش.

    9-ئىمكان يار بەرسە مەككىگە بېرىپ ئۆمرە قىلىشقا تىرىشىش، ھېچ بولمىغاندا ئائىلە ئەزالىرى ئىئتىكاف قىلىشقا ھازىرلىق كۆرۈش.

   10- مەسجىدتە جامائەتلەرنىڭ ئىپتار قىلىشى ئۈچۈن ئىمكان بولغاندا ھەپتە- ئون كۈندە بىرەر قېتىم يىمەكلىك ياكى ئىچىملىك چاغلىق بىر نەرسە ھازىرلاشقا تىرىشىش.

   11- ئائىلە ئەزالىرى ياكى دوست- بۇرادەرلەر بىلەن قۇرئان كەرىم ياكى ھەدىس شەرىف يادلاش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇش.

     مەسجىدتە قىلىنىدىغان ئىشلار توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەلەر

    1-ئىمكان بار ئىمام بارلىق پەرز نامازلىرىنى مەسجىدتە ئادا قىلىشقا ھېرىسمەن بولۇش.

    2-مەسجىدنىڭ يۇرۇتۇش ۋە تازىلىق ئىشلىرى ۋە تاھارەت ئالىدىغان جايلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش.

    3-جامائەتلەرنى مەسجىدكە كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئاشكارا بولمىسا يۇشۇرۇن بولسىمۇ ئانچە- مۇنچە ماددىي يارىدەمگە رىغبەتلەندۈرۈش.

    4-مەسجىدكە ئاۋازى ياخشى، قۇرئان كەرىمنى تولۇق تەرتىل ۋە قىرائەت بىلەن ئۇقۇيدىغان قارىلارنى تەكلىپ قىلىش.

    5-ئىمامنىڭ ئىمكان بولسا مەسجىدتە ئىمكان بولمىغاندا باشقا مۇناسىپ بىر ئۇرۇندا بولسىمۇ تەپىسر ياكى ھەدىس كىتابلىرىدىن جامائەتكە ئوقۇپ بىرىشى.

    6-ئىمكان يار بەرگەن ئەھۋالدا مەسجىدلەردە ئىپتارلىق بىرىشكە ھازىرلىق كۆرۈش.

    7-تاپالىغان ئەھۋالدا مۇناسىپ، يەنى خىيانەت قىلىپ ساڭا زىيانكەشلىك قىلىش ئىھتىمالى بولمىغان كىشىلەرگە قۇرئان كەرىم، دىنى كىتاب ۋە تەبلىغ لىنتىلىرىنى ھەدىيە قىلىش.

     8-قۇرئان كەرىمنى ئەڭ ئاز بولغاندا بىر قېتىم ئوقۇپ ياكى ئاڭلاپ تاماملاشقا ھېرىسمەن بولۇش.

     9-ئىشەنچلىك كىشىلەرنى تەشكىللەپ زاكاتلارنى يېغىپ، ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان مەھەللىنىڭ كەمبەغەل ۋە غېرىپ- غۇرىۋالىرىغا تارقىتىپ بىرىش.

     10-ھېيىت نامىزىنى ئىمكان بار چوڭ جامىئەلەردە ئوقۇشقا ئىنتىلىش

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى بۇ ئىشلارنى قىلىشقا، ئەمەللىرىمىزنىڭ خالىس بولۇشىغا مۇيەسسەر قىلسۇن، ئامىن!!!

 

ئەسكەرتىش: بۇ ئىشلار پەقەت ئىمكانىنىڭ يار بىرىشىچە ئورۇنداشقا تېگىشلىك دەپ قارىغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇ يەردە ئېلان قىلدۇق. بۇ ھەرگىزمۇ مۇشۇنداق ئىجرا قىلىنمىسا بولمايدۇ، دېگەنلىكنى كۆرسەتمەيدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر
    كىتابلار روزا ( ئىنگىلىزچە )
    كىتابلار روزا ( خىتايچە )
بىرلەشمە ئۇلىنىش
    ماقالىلار رامىزان، تېلۋىزور ۋە بىز ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    خىزمەتىلىرىمىز رامزانلىق ئەسەرلەر مەجمۇئەسى ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا شەكلىك كۈندە روزا تۇتۇش ھەققىدە ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ئۇلۇغ رامىزان ئېيى ئۈچۈن قانداق تەييارلىق قىلىشىمىز لازىم؟ ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ئائىلە ۋە رامىزان ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا مۇسۇلمان روزىدا قانداق نىيەت قىلىدۇ؟ ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار رامىزان ئېيىنىڭ كېلىشى بۈيۈك نېمەتتۇر ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا روزىدارنىڭ كۈندۈزدە ئوكۇل سالدۇرىشىنىڭ ھۆكمى ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار رامزاننىڭ پەزىلىتى، روزىنىڭ ماھىيىتى ۋە روزىدارنىڭ ئورنى ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار بارلىق ئەر - ئايال مۇسۇلمانلار ئۈچۈن رامزانلىق سوۋغات ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار رامزاندا قىلىنىدىغان ياخشىلىقنىڭ تۈرلىرى ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار قىز-خانىملارنىڭ رامىزاندىكى ئەڭ مۇھىم ئەمەللىرى ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار رامىزان ئىبادەت ئۈچۈن پۇرسەت ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا رامزان ئېيىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا مۇسۇلماننىڭ رامزان ئېيىدىكى ئەھۋالى ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
Go to the Top