بىزنىڭ غايىمىز قۇرئانغا، سۈننەتكە ۋە سەلەپ ئالىملىرىنىڭ چۈشەنچىسىگە ئاساسلانغان ھالدا ئىسلام دىنىنى دۇنيا تىللىرىدا تارقىتىش.
مىليونلار نەزىرىدىكى ئىسلام!

ئەر-ئايال بىر بىرىنىڭ خەۋىرى يوق ھالدا بالا ئىلىشتىن چەكلىنىشنىڭ جائىز ئەمەسلىكى توغرىسىدا
پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
  • ماۋزۇ: ئەر-ئايال بىر بىرىنىڭ خەۋىرى يوق ھالدا بالا ئىلىشتىن چەكلىنىشنىڭ جائىز ئەمەسلىكى توغرىسىدا
  • تىل: ئۇيغۇرچە
  • قوشۇلغان ۋاختى: Apr 15,2008
  • مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
  • تەرجىمە قىلغۈچى : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم
  • تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
  • نەشرى ماتىرياللىرىدىن : http://www.islam_qa.comسوئال-جاۋاپ تورى
  • بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر : 2
  • قىسقىچە چۈشەنچە: ئاياللار كېسىلى دوختۇرىغا بىر ئايال كېلىپ، ئۇنىڭدىن تۇغۇتنى چەكلەش دورىسى يېزىپ بېرىشىنى سورايدۇ. ئايال ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى ئاقلاشتا ئېرىنىڭ يەنە بىر خوتۇنىنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن بالىلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئۆزىنىڭ تېخىچە ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. دوختۇر ئۇنىڭغا تۇغۇتنى چەكلەش دورىسى يېزىپ بەرسە بولامدۇ؟

  • : عربي - ไทย - বাংলা
  • كۆرۇلگەن قىتىم سانى: 493
  • ھۆججەت ئۇلىنىشى : http://www.islamhouse.com/p/113976
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
ئەر-ئايال بىر بىرىنىڭ خەۋىرى يوق ھالدا بالا ئىلىشتىن چەكلىنىشنىڭ جائىز ئەمەسلىكى توغرىسىدا.docئەر-ئايال بىر بىرىنىڭ خەۋىرى يوق ھالدا بالا ئىلىشتىن ...
479.5 KB
ئەر-ئايال بىر بىرىنىڭ خەۋىرى يوق ھالدا بالا ئىلىشتىن چەكلىنىشنىڭ جائىز ئەمەسلىكى توغرىسىدا.docھۈججەتنى چۈشۈرۈش: ئەر-ئايال بىر بىرىنىڭ خەۋىرى يوق ھالدا بالا ئىلىشتىن چەكلىنىشنىڭ جائىز ئەمەسلىكى توغرىسىدا.doc
2.
ئەر-ئايال بىر بىرىنىڭ خەۋىرى يوق ھالدا بالا ئىلىشتىن ....pdfئەر-ئايال بىر بىرىنىڭ خەۋىرى يوق ھالدا بالا ئىلىشتىن ...
141.6 KB
ئەر-ئايال بىر بىرىنىڭ خەۋىرى يوق ھالدا بالا ئىلىشتىن ....pdfھۈججەتنى چۈشۈرۈش: ئەر-ئايال بىر بىرىنىڭ خەۋىرى يوق ھالدا بالا ئىلىشتىن ....pdf

 

 

ئەر-ئايال بىر بىرىنىڭ خەۋىرى يوق ھالدا بالا ئىلىشتىن چەكلىنىشنىڭ جائىز ئەمەسلىكى توغرىسىدا

 

 

45177- نومۇرلۇق سوئال

 

سؤال:

ئاياللار كېسىلى دوختۇرىغا بىر ئايال كېلىپ، ئۇنىڭدىن تۇغۇتنى چەكلەش دورىسى يېزىپ بېرىشىنى سورايدۇ. ئايال ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى ئاقلاشتا ئېرىنىڭ يەنە بىر خوتۇنىنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن بالىلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئۆزىنىڭ تېخىچە ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. دوختۇر ئۇنىڭغا تۇغۇتنى چەكلەش دورىسى يېزىپ بەرسە بولامدۇ؟

 

جاۋاب:

ئېرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماستىن تۇغۇت چەكلەش دورىسىنى قوللىنىشى ھارامدۇر. جۈنكى بالا ئەر بىلەن ئايال ھەر ئىككىسىنىڭ ھەققىدۇر. شۇڭا ئۆلىمالار ئەرنىڭ ئايالىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماستىن ئەزلە قىلىش( بالا بولمىسۇن ئۈچۈن سپېرمنى سىرتقا تۆكۈش) جائىز ئەمەس دەپ قارايدۇ. ئەگەر  ئەر - ئايال ئىككىسى تۇغۇتنى ھامىلىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كېلىشكەن بولسا جائىزدۇر. چۈنكى مۇنداق قىلىش ساھابىلارنىڭ ئەزلە قىلغىنىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ساھابىلار « بىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ئەزلە قىلاتتۇق. ھالبۇكى، قۇرئان ئۇنىڭغا چۈشۈپ تۇراتتى.» يەنى ئەگەر مۇنداق قىلىش توغرا بولمىسا ئىدى، قۇرئان كەرىم ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن مەنئى قىلغان بولاتتى. لېكىن ئۆزرۈسىز تۇرۇپ ھامىلىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرا ئەمەس. چۈنكى بۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆپ نەسىللىنىشكە تەشەببۇس قىلغان ئەمرىگە خىلاپتۇر. ئەسلىدە مۇنداق دورىلارنى پەيدا قىلغانلار يەھۇدىيلار ۋە باشقا ئىسلام دۈشمەنلىرىدۇر. ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنى ئازايتىش ئۈچۈن بۇنى تەشەببۇس قىلىدۇ.  چۈنكى سان ئازايغانسېرى ئىشلەپچىقىرىشمۇ ئازىيىدۇ.  سان كۆپەيسە ئىشلەپچىقىرىشمۇ كۆپىيىدۇ. بۇ زىرائەتچىلىك، سانائەت ۋە تىجارەت ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئايالنىڭ تېنى ساق، نورمال تۇغالايدىغان بولسا، ئۇنى تۇغۇشتىن مەنئى قىلىشقا بولمايدۇ. ئەمما كېسەلچان ياكى نورمال تۇغالماستىن ئاپىراتسىيە قىلىشقا مۇھتاجلىق بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ھامىلىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشى جائىز. چۈنكى بۇ ئۆزۈرۈردۇر. (شەيخ ئۇسەيمىننىڭ پەتىۋاسى 2- توم556- بەت).

ئايال بۇ دورىنى  ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز ھالدا ئالغان بولساھارام ، ئۇنىڭ ئېلىشىغا ياردەملىشىشمۇ ھارامدۇر. ئاللاھ قۇرئاندا:« ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋالىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ، دۈشمەنلىككە ياردەملەشمەڭلار»(مائىدە سۈرىسى 2- ئايەت)

 

بىرلەشمە ئۇلىنىش
  1. پەتىۋا قورساقتىكى تۈرەلمىنى 40 كۈن توشماستىن چۈشۈرۋېتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
  2. پەتىۋا ئىسلامدا نامەھرەم ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى چەكلەنگەن مۇناسىۋەت ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
  3. پەتىۋا رامىزان ئىچىدە ئەر-ئايال جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولسا بولامدۇ؟ ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )