بىزنىڭ غايىمىز قۇرئانغا، سۈننەتكە ۋە سەلەپ ئالىملىرىنىڭ چۈشەنچىسىگە ئاساسلانغان ھالدا ئىسلام دىنىنى دۇنيا تىللىرىدا تارقىتىش.
مىليونلار نەزىرىدىكى ئىسلام!

نامازدىن كىيىن جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىش
پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
نامازدىن كىيىن جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىش.docنامازدىن كىيىن جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىش
1.1 MB
نامازدىن كىيىن جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىش.docھۈججەتنى چۈشۈرۈش: نامازدىن كىيىن جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىش.doc
2.
نامازدىن كىيىن جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىش.pdfنامازدىن كىيىن جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىش
125.9 KB
نامازدىن كىيىن جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىش.pdfھۈججەتنى چۈشۈرۈش: نامازدىن كىيىن جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىش.pdf

 

نامازدىن كىيىن جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىشنىڭ ھۆكمى

 

32443- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

ئىمام نامازنى تۇگەتكەندىن كىيىن دۇئا ۋە ئىستىغپار (سۇبھانەللاھ ، ئەلھەمدۇ لىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر) زىكىرلىرىنى يۇقىرى ئاۋاز ۋە جامائەت بىلەن بىرلىكتە دېيىشى جائىزمۇ؟

جاۋاپ:

ئاللاھغا چەكسىز ھەمدۇ- سانالار بولسۇن.

دۇئا ۋە زىكىرلارنى بەش ۋاخ نامازدىن كىيىن  ئىمامنىڭ يۇقىرى ئاۋاز ۋە جامائەت بىلەن بىرلىكتە  ھەر كۈنى ۋە داۋاملىق ئادەتكە ئايلاندۇرىۋىلىشى بىدئەت (دىندا ئەسلى يوق) بولۇپ؛ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  ۋەياكى ساھابىلارنىڭ نامازدىن كىيىن ھەر ۋاقىت ئۆپچى دۇئا قىلغانلىقى ساغلام ھەدىس ۋە ئەسەرلەرنىڭ ھېچ قايسىسىدا قەيت قىلىنغان ئەمەس.

سەئۇدى ئەرەبىستان  ئېلمىي تەتقىقات دىنى پەتىۋا كۈمتىتى

( بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى نامازدىن كىيىن جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىشنى نامازنىڭ جۇملىسىدىن دەپ قارايمىز، بىراق دىنى مەسىلىلەردە بولسا  داۋاملىق  توغرىنى ئىزدىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم.ئىبادەتلىرىمىزنىڭ قوبۇل بولىشىدىكى ئەڭ مۇھىم شەرتلەر:

بىرىنچى:ئىبادەتنى بىر ئاللاھقا چىن ئىخلاس بىلەن قىلىشىمىز كېرەك.

ئىككىنچى:ئەمەللىرىمىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە ئۈيغۈن بولىشى لازىم.

 يۇقىرىدىكى ئىككى شەرت تولۇقلانغاندىلا، ئاللاھنىڭ ئىبادەتلىرىمىزنى قوبۇل قىلىشىدىن ئۈمۈت كۈتۈش مۇمكىن.بىزنىڭ مەسچىتلىرىمىزدىكى  نامازدىن كىيىن ئىككى قېتىملاپ جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىش ئىمامنىڭ  ئاۋازىنى كۆتۇرۇپ سۇبھانەللاھ ، ئەلھەمدۇ لىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ  زىكىر قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر سۈننەتتە بايان قىلىنمىغان ئىكەن، ئەلۋەتتە بىز ئۇنىڭدىن چەكلىنىشىمىز كېرەك. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئىبادەتتىكى ئۆلچەم ،باشقىلارنىڭ قىلىۋاتقىنىنى كۆرۇپ ئەمەس، بەلكى كېم بولۇشتىن قەتئى نەزەر ئۇلارنىڭ قىلمىشى قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۈيغۈنمۇ، ياكى ئۇيغۈن ئەمەسمۇ بۇنى ئۆلچەم قىلىشىمىز كىرەك. قۇرئان سۈننەتكە ئۈيغۈن بولسا ئەلبەتتە ئەگىشىشىمىز لازىم ، ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا ئۇنىڭدىن يىراقلىشىشىمىز ۋە توغرىنى ئىزدىشىمىز زۆرۈر.

ئۇنداق دىگەنلىك سىزنى ئاللاھقا دۇئا قىلماڭ  ۋەياكى زىكىر قىلماڭ دىگەنلىك ئەمەس ھەر كىشى ئۆز ئالدىغا  دۇئا قىلسۇن ۋە رەببىنى زىكىر قىلسۇن،چۈنكى ھەر كېم  ئۆز ھاجىتىنى باشقىلاردىن بەكراق بىلگۇچىدۇر.ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولغا يىتەكلىسۇن - ت- م).

مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر
  1. كىتابلار كۇندۈلۇك دۇئا ۋە زىكىرلەر ( ئۇيغۇرچە )
  2. ماقالىلار بىدئەت ھەققىدە چۈشەنچە ( ئۇيغۇرچە )
  3. كىتابلار بىدئەتكە قارشى تۇرۇپ سۈننەتنى قوغدايلى ( ئۇيغۇرچە )
  4. ماقالىلار دۇئانىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا ( ئۇيغۇرچە )
بىرلەشمە ئۇلىنىش
  1. ماقالىلار ئىستىخارە نامىزى ھەققىدە چۇشەنچە ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
  2. ماقالىلار نەپلە نامازلارنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پەزىلىتى توغرىسىدا ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )