الإسلام بين يدي الملايين! شعار حملناه لنشر الإسلام الصحيح والفقه في الدين المستمد من الكتاب والسنة بفهم سلف هذه الأمة بعشرات لغات العالم
الاحتلام في نهار رمضان، ومعنى حديث « الحلم من الشيطان»
فتاوى بطاقة الصفحة
مرفقات الصفحة ( 2 )
1.
رامزان كۈنلىرى كۈندۈزدە ئېھتىلام بولۇش ۋە «ئېھتىلام بولۇش شەيتاندىن» دېگەن ھەدىسنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى.docرامزان كۈنلىرى كۈندۈزدە ئېھتىلام بولۇش ۋە «ئېھتىلام ...
1 MB
رامزان كۈنلىرى كۈندۈزدە ئېھتىلام بولۇش ۋە «ئېھتىلام بولۇش شەيتاندىن» دېگەن ھەدىسنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى.docتنزيل مادة: رامزان كۈنلىرى كۈندۈزدە ئېھتىلام بولۇش ۋە «ئېھتىلام بولۇش شەيتاندىن» دېگەن ھەدىسنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى.doc
2.
رامزان كۈنلىرى كۈندۈزدە ئېھتىلام بولۇش ۋە «ئېھتىلام ....pdfرامزان كۈنلىرى كۈندۈزدە ئېھتىلام بولۇش ۋە «ئېھتىلام ...
145.6 KB
رامزان كۈنلىرى كۈندۈزدە ئېھتىلام بولۇش ۋە «ئېھتىلام ....pdfتنزيل مادة: رامزان كۈنلىرى كۈندۈزدە ئېھتىلام بولۇش ۋە «ئېھتىلام ....pdf

 

رامزان كۈنلىرى كۈندۈزدە ئېھتىلام بولۇش ۋە «ئېھتىلام بولۇش شەيتاندىن» دېگەن ھەدىسنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى

 

14014- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

رامىزان كۈنلىرىنىڭ بىرىدە بامدات نامىزىدىن كىيىن ئۇخلاپ قىلىپ ئېھتىلام بولۇپ قاپتىمەن، شۇ كۈندىكى روزىنى تولۇق تۇتسام توغرا بولامدۇ؟، چۈنكى مەن ئۇيقۇدا بولغاندىن كىيىن ئۆزۈمنى كونترول قىلالمىدىم ھەم شۇ كۈندىكى روزىنى تولۇق تۇتتۇم؟. ئەگەر بۇنداق ئېھتىلام بولۇش شەيتاندىن دەپ قارالسا، رامزاندا شەيتانلارغا ئىشكەل - تاقاق سىلىنىدىغان تۇرسا مەن قانداق قىلىپ ئېھتىلام بولۇپ قالىمەن؟.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر.

رامزان كۈنلىرى كۈندۈزدە ئېھتىلام بولۇش روزىنى سۇندۇرمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئىنساننىڭ ئىرادىسىنىڭ سىرتىدىكى ئىش بولۇپ ئىنسان بۇ ئىشنى توسىيالمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ»، ئەگەر كىمىكى روزىدارلىق ھالەتتە ئېھتىلام بولۇپ قالسا روزىسى بۇزۇلمايدۇ، چۈنكى بۇ ئىنساننىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش ئەمەس، خۇددى ئۇخلاپ قالغان ئادەمنىڭ گېلىغا بىرنەرسە كىرىپ كەتسە ھىچ نېمە بولمىغاندەك بىر ئىش. مۇغنى ئىبنى قۇدامە 3- توم 22- بەت.

دائىمى ھەيئەت ئەزالىرىدىن: رامزان كۈنلىرى كۈندۈزدە ئېھتىلام  بولۇپ قالغان كىشىنىڭ روزىسى قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق دەپ جاۋاپ بەرگەن:

كىمكى رامزاندا روزا تۇتۇپ كۈندۈزدە ئېھتىلام بولۇپ قالسا ياكى ھەج - ئۆمرە ئۈچۈن ئېھرامغا كىرىپ ئېھراملىق ھالىتىدە ئۇخلاپ ئېھتىلام بولۇپ قالسا، ئېھتىلام بولۇشنىڭ ئۇ كىشىنىڭ ئىبادەتلىرىگە ھىچ زېيىنى يوق ۋە ئۇ كىشىگە گۇناھ  ياكى كاپارەتمۇ كەلمەيدۇ، ئەگەر سپېرما چىققان بولسا دەرھال غۇسلى قىلىپ يۇيۇنىشى كېرەك. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كۈمتىتىنىڭ پەتىۋا مەجمۇئەسى 10- توم 274- بەت.

ئېھتىلام بولۇش دېگەن: ئۇخلاپ چۈشىدە شەيتان ئاتلاپ قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئەر - ئاياللارنىڭ تەبىئىتىدىكى ئىشلاردىن بولۇپ، چۈشىدە ئەر - ئايال بىرگە بولۇش ياكى بىرگە بولمىسىمۇ سپېرمىنىڭ چىقىشى بىلەن بولىدۇ. ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇئەنھادىن مۇنداق ھەدىس بايان قىلىنىدۇ: ئەبى تەلھەنىڭ ئايالى ئۇممۇ سۈلەيىم پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: يارەسۇلۇللاھ! ئاللاھ تائالا ھەقىقەتنى بايان قىلىپ بېرىشتىن تارتىنىپ قالمايدۇ، ئاياللارمۇ ئېھتىلام بولۇپ قالسا غۇسلى قىلامدۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:« ھەئە، ئەگەر ھۆللۈكنى كۆرسە غۇسلى قىلىدۇ» دېدى. بۇخارى «غۇسلى توغرىسىدا» 373-بەت. مۇسلىم «ھەيز توغرىسىدا» 471-بەت.

بۇخارى ئەبى سەلەمەدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە ئەبى قەتادە ئەنسارى  مەن پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانتىم:« چۈش كۆرۈش ئاللاھتىن، ئېھتىلام بولۇش شەيتاندىن، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزى ياقتۇرمايدىغان چۈشنى كۆرۈپ قالسا، ئاللاھتىن پاناھلىق تىلەپ چەپ تەرىپىگە تۈپلىۋەتسە كۆرگەن چۈشنىڭ ئۇ كىشىگە ھىچ زېيىنى بولمايدۇ» دەيدۇ. (چۈش تەبىرى \6488)، مۇسلىم(چۈشنىڭ بابى\ 4196). بۇنىڭدىن بۇ چۈشنى كۆرۈشكە شەيتان تۈرتكە بولدى ياكى سەۋەب بولدى دېگەنلىك مەقسەت قىلىنمايدۇ.

رامزاندا جىن - شەيتانلارغا ئىشكەل - تاقاق سىلىنغانلىق بىلەن ئۇلار كىشىلەرنى يامانلىققا بۇيرۇپ ۋەسۋەسە قىلىشتىن چەكلىنىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، لېكىن شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرى رامزاندا باشقا ئايلارغا نىسبەتەن ئاز بولىدۇ، چۈنكى بۇ ئايدا ھەممە ئىنسان روزا تۇتۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ياخشىلىققا يۈزلىنىدۇ، ئاللاھقا يىقىنلىشىدۇ ۋە ھىدايەت يولىنى تاللايدۇ، بۇنى ھەممىمىز كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرۇۋاتىمىز.

ئىبنى ھەجەر مۇنداق دەيدۇ: ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ پەيدا قىلىشى ۋە تەقدىرى بىلەن بولسىمۇ، يالغانچىلىق ۋە كىشىلەرنى قورقۇتۇش شەيتاننىڭ سۈپەتلىرىدىن بولغاچقا قالايمىقان چۈشلەرنى شەيتانغا نىسبەت بېرىش مۇناسىپ كېلىدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە ياخشى چۈشلەرنى ئاللاھغا نىسبەت بېرىش شان - شەرەپ جۈملىسىدىن بولىدۇ. پەتھۇل بارى12 -توم 393-بەت.

روابط ذات صلة
    القرآن الكريم قراءة ترجمة معاني القرآن الكريم باللغة الصينية ( عربي )
    كتب القرآن الكريم وترجمة معانيه إلى اللغة الاويغورية ( أيغوري )
    كتب المصباح المنير في تهذيب تفسير ابن كثير ( أيغوري )
    كتب الأسرار في القرآن الكريم ( أيغوري )
    مقالات مقدمة عن الصيام ( أيغوري )
    مقالات التخطيط لبعض أعمال شهر رمضان ( أيغوري )
    مقالات كيف نستقبل شهر رمضان المبارك؟ ( أيغوري )
    مقالات سلوك الصائم في شهر رمضان ( أيغوري )
    مقالات فضل شهر رمضان ( أيغوري )
    مقالات مفهوم الصيام ( أيغوري )
    مقالات أحكام الصيام للمرأة المسلمة ( أيغوري )
    مقالات أفضل الأوقات في رمضان ( أيغوري )
    مقالات عشر توصيات للاستفادة من شهر رمضان المبارك ( أيغوري )
    صوتيات شهر رمضان شهر مبارك ( أيغوري )
    مقالات أجوبة لأسئلة حول الصيام ( أيغوري )
    مقالات فضل قراءة القرآن وآدابه ( أيغوري )
    مقالات رمضان والتلفاز ونحن ( أيغوري )
    صوتيات مفهوم القرآن الكريم ( أيغوري )
    فتاوى هل يؤجر قارئ القرآن الذي لا يعرف معنى ما يقرأ؟ ( أيغوري )
    فتاوى القرآن والطب ( أيغوري )
    إعلانات مصاحف المجودة ببرامج mp3 ( أيغوري )
    فتاوى العلم الذي مدح الله صاحبه في القرآن والسنة ( أيغوري )
    مقالات الإستفادة من وصية القرآن الكريم ( أيغوري )
    فتاوى هل يجوز صيام يوم النصف من شعبان؟ ( أيغوري )
    فتاوى لا يجوز أخذ الأجرة على قراءة القرآن ( أيغوري )
    فتاوى حكم قراءة القرآن على قبر الميت ( أيغوري )
    فتاوى الصيام يوم الشك ( أيغوري )
    فتاوى كيف نستعد لقدوم شهر رمضان؟ ( أيغوري )
    فتاوى البيت ورمضان ( أيغوري )
    فتاوى يصلي ولكنه لا يصوم رمضان فهل يكفر؟ ( أيغوري )
    فتاوى يصلي ولكنه لا يصوم رمضان فهل يكفر؟ ( أيغوري )
    مقالات أصناف الناس في رمضان ( أيغوري )
    فتاوى يصوم رمضان ثم يترك الصلاة بعد رمضان ( أيغوري )
    فتاوى يصوم رمضان ثم يترك الصلاة بعد رمضان ( أيغوري )
    فتاوى الأكل في رمضان ناسياً لا يضر ( أيغوري )
    مقالات بلوغ رمضان نعمة عظيمة ( أيغوري )
    مقالات فضل القرآن الكريم وقراءته ( أيغوري )
    مقالات القرآن الكريم حياة القلوب ( أيغوري )
موضوعات أخرى تشير إلى هذه الصفحة
    مجموعة ملف شهر رمضان ( روابط ذات صلة ) - ( عربي )
    مجموعة مجموعة رمضانية ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )