بىزنىڭ غايىمىز قۇرئانغا، سۈننەتكە ۋە سەلەپ ئالىملىرىنىڭ چۈشەنچىسىگە ئاساسلانغان ھالدا ئىسلام دىنىنى دۇنيا تىللىرىدا تارقىتىش.
ھەجنىڭ ھاياتتا بىر قېتىم  پەرز بولىشىدىكى ھېكمەت
پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
ھەجنىڭ ھاياتتا بىر قېتىم  پەرز بولىشىدىكى ھېكمەت.docھەجنىڭ ھاياتتا بىر قېتىم  پەرز بولىشىدىكى ھېكمەت ...
442.5 KB
ھەجنىڭ ھاياتتا بىر قېتىم  پەرز بولىشىدىكى ھېكمەت.docھۈججەتنى چۈشۈرۈش: ھەجنىڭ ھاياتتا بىر قېتىم  پەرز بولىشىدىكى ھېكمەت.doc
2.
ھەجنىڭ ھاياتتا بىر قېتىم  پەرز بولىشىدىكى ھېكمەت.pdfھەجنىڭ ھاياتتا بىر قېتىم پەرز بولىشىدىكى ھېكمەت ...
94.6 KB
ھەجنىڭ ھاياتتا بىر قېتىم  پەرز بولىشىدىكى ھېكمەت.pdfھۈججەتنى چۈشۈرۈش: ھەجنىڭ ھاياتتا بىر قېتىم  پەرز بولىشىدىكى ھېكمەت.pdf

 

 

ھەجنىڭ ھاياتتا بىر قېتىم  پەرز بولىشىدىكى ھېكمەت

 

22466-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلاردىن ھاياتىدا بىر قېتىم بولسىمۇ مەككە-مۇكەررەمىنى زىيارەت قىلىپ ھەج قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ؟.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

بىز مۇسۇلمانلار ئۆزىمىزنىڭ يەككە- يىگانە، پۈتۈن كائىنات ئېھتىياجلىق بولغان، باشقىلارغا ئېھتىياجى بولمىغان، بالا تاپمىغان ۋە بىرسىدىنمۇ تۇغۇلمىغان، ھېچ نەرسە ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدىغان، پەرۋەردىگارىمىز بولغان ئاللاھنىڭ قۇلى بولغانلىقىمىزدىن پەخىرلىنىمىز ۋە شەرەپ ھېس قىلىمىز. شۇ جەھەتتىن ئاللاھنىڭ بىزگە قىلغان بۇيرۇقلىرىنى  ناھايتى تۆۋەنچىلىك بىلەن تاپشۇرۇپ ئالىمىز ۋە ئورۇنداشقا تىرىشىمىز. ئاللاھنىڭ ناھايتى ھېكمەت بىلەن ئىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، ئاللاھنىڭ ھېكمىتىدىن ياخشىراق بىر ھېكمەتنىڭ يوقلىقىنى، ئاللاھنىڭ بەك كۆيۈمچانلىقىنى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئەلادىنمۇ بەكراق كۆيۈمچان ۋە مېھرىبان بىرسىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئاللاھنى بەك ياخشى كۆرىمىز، بىزدىكى ئاللاھنىڭ مۇھەببىتى بىزنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشقا ئۈندەيدۇ، گەرچە ھەج ئىبادىتى ئىنتايىن جاپالىق بولسىمۇ بىز بۇنى ئۆزىمىز ئۈچۈن پەخىرلىنىش، شەرەپ ۋە بەخت- سائادەت دەپ بىلىپ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئادا قىلىمىز.

بىر كىشى يەنە بىر كىشىنى ياخشى كۆرسە ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئارقىلىق ئۆز مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى بەخىتلىك ھېس قىلىدۇ. ئويلاپ بېقىڭ، بۈيۈك پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ بىزنى ياراتتى، رىزق بەردى، بىزنىڭ  قولىمىزدىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن نېمەتلىرىدۇر،- ئاللاھ ئۈچۈن ئالى مىساللار بولسۇن - بىز ھەممە نەرسىدە پەرۋەردىگارىمىزغا قەرزدار، بىزنىڭ ئاللاھ بۇيرىغان ئىشنى ئورۇنداشقا ئالدىراپ، ئاللاھنىڭ چەكسىز نېمەتلىرىگە ئازراق بولسىمۇ شۈكرى ئېيتىشىمىز زۆرۈر، بىز بۇنىڭغا قادىر بولالمىساقمۇ لېكىن ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئالى جانابلىقى ۋە كەڭرى پەزلى بىلەن  بىزنىڭ ئەرزىمەس ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل قىلىپ چەكسىز مۇكاپات بېرىدۇ.

مەسىلەن: ھەجنى ئالساق، مۇسۇلمان ھەجنى پەرۋەردىگارى تەلەپ قىلغان يول بىلەن ئادا قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىشنى ۋە جەننەتكە كىرگۈزۈشكە ۋەدە قىلدى. بۇنىڭ شەرتى ھەج پائالىيەتلىرى جەريانىدا ئاللاھ غەزەپلىنىدىغان چەكلەنگەن چوڭ خاتا ئىشلارنى سادىر قىلىش ئارقىلىق بۇزۇۋەتمەسلىك كېرەك.

ئاللاھ ئىسلام ئۈممىتىگە رەھمەت قىلىپ، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بۇيرىغان ئىشلارغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئىتائەت قىلىشنى شەرت قىلدى. ئىنسان قاچان شۇ ئىشنى قىلىشقا قادىر بولالايدىكەن، ئۇ ئىشنى قىلىش شۇ ۋاقىتتا ۋاجىپ بولىدۇ، ئەگەر قىلالمىسا ئۇ كىشىنىڭ زىممىسىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ، ئۇ كىشى ئۆزۈرلۈك ھېسابلىنىدۇ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:« ئاللاھ ھېچ كىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ»، تاقىتىنىڭ يېتىشى ئومۇمەن ھەجدە شەرت قىلىنىدۇ، يەنى بىر ئايەتتە:« قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى».

ئاللاھ ئۆز رەھمىتى بىلەن مۇسۇلمانلارغا مۇشەققەت بولۇپ قالمىسۇن دەپ ئۆمرىدە بىرقېتىم ھەج قىلىشنى پەرز قىلدى، ئەمما قۇدرىتى يەتكەن كىشىلەرنى ھەج - ئۆمرىنى كۆپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:« ھەج-ئۆمرىنى ئۈزۈلدۈرمەي قىلىپ تۇرۇڭلار، كۆرەك تۆمۈرنىڭ داتلىرى يوقۇلۇشقا سەۋەپ بولغاندەك، ھەج-ئۆمرىمۇ پىقىرچىلىق بىلەن گۇناھنى يوق قىلىدۇ» ( نەسائىي2\4) بۇ ھەدىسنى ئەلبانىي سەھىھ دېگەن.

ھەجدىن ئىبارەت بۇ كاتتا ئىبادەتنى ئاللاھ  ئۆزىنىڭ بۈيۈكلىكىنى بىلدۈرۈش، ئالى پەزىلىتى ۋە گۈزەل ئىنئاملىرىغا تەشەككۈر ئېيتىپ كاتتىلىشىمىز ئۈچۈن يولغا قويدى، بۇ پەقەت كەبىنى تاۋاپ قىلىشنى مەقسەت قىلىپ  تاش ئۆينى ئايلىنىش ئەمەس، بەلكى بۇ ئاللاھنىڭ بىزنى كەبىنى يەتتە قېتىم تاۋاپ قىلىڭلار دېگەن بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ كەم-زىيادە قىلماستىن ئورۇنداپ ئۆزىمىزنىڭ ئاللاھنىڭ قۇلى ئىكەنلىكىمىزنى، دائىم بۇيرۇققا بويسۇنۇپ ئاللاھنى كاتتىلاپ، نېمەتلىرىگە شۈكرى ئېيتىدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆزىمىزنىڭ ئاللاھنىڭ قۇلى بولغانلىقىمىزدىن پەخىرلىنىشىمىز كېرەك، چۈنكى ئادەم بالىلىرىنىڭ كۆپچىلىكى ھەر خىل ئىلاھلارغا چوقۇنىدۇ، بەزىلىرى ئۆز زاتىغا ۋە شەھۋىتىگە چوقۇنىدۇ.

ھەجدىكى پۈتۈن ئىبادەتلەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق، بەلكى ئاللاھ بىزگە بۇيرىغان بارلىق ئىبادەتلەردە شۇنداق بولىدۇ، بىزنى مۇشۇ دىن بىلەن شەرەپلىك قىلغان ئاللاھغا گۈزەل ماختاشلار بولسۇن!

قېرىندىشىم! سىزنىڭ يېشىڭىزنىڭ كىچىكلىكى بىلەن تۇرۇپمۇ ھەج ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ بۇ سوئالنى سورىشىڭىز، سىزنىڭ ئېلىم- مەرىپەتكە بولغان ھېرىسمەنلىكىڭىزنى بىلدۈرىدۇ، بىزنىڭ نەسىھىتىمىز: سىز ئىسلام دىنىنى چۈشەندۈرۈش ھەققىدە يېزىلغان ماتېرىياللارنى كۆپ ئوقۇسىڭىز، بۇ دىننىڭ تەبىئى پىترەت دىنى ئىكەنلىكىنى  مۇشۇ دىنغا قەدەم بېسىش بىلەن سىزدىن يالغۇز ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان، سىزنى ياراتقان ۋە رىزق بەرگەن تەڭداشسىز ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئىلىپ بارىدىغان يولنى چۈشىنىۋالالايسىز.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇنى بىلىڭكى،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە: قېرىندىشى ئىيسا ئەلەيھسسالامنىڭ ئاخىر زاماندا زېمىنغا چۈشۈپ بەيتۇللاھقا كېلىپ ھەج قىلىپ ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى. بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر قىلغان ئىشنىڭ يېقىندا بولىدىغانلىقىغا خۇددى كۈندۈزدە قۇياشنىڭ چىقىدىغانلىقىغا ئىشەنگەندەك ئېشىنىمىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: « مىنىڭ جېنىم قولىدا بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! مەريەم ئوغلى "پەججى رەۋھا" ( مەككە- مەدىنە ئارىسىدىكى جاينىڭ ئىسمى) دېگەن جايدىن ھەجگە ياكى ئۆمرىگە ياكى ھەر ئىككىسى ئۈچۈن ئېھرام كېيىپ كېلىدۇ»، ئاخىرىدا ئاللاھدىن سىزنىڭ قەلبىڭىزنى ھىدايەتكە ئېچىۋېتىشنى سورايمىز!. ئامىن.

 

مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر
    ماقالىلار ھەج تۇيغۇلىرى ( ئۇيغۇرچە )
    كىتابلار ھەج ۋە ئۆمرە قوللانمىسى ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىنىڭ پەزىلىتى ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەج دېگەن نېمە؟ ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەجدە ئېھرام كىيىشتىكى ھېكمەت ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا قەرزدارنىڭ  قەرزنى ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى ھەج قىلىشىنىڭ ھۆكمى ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەج ئۆمىكى بىلەن مەھرەمسىز ھەج قىلسام بولامدۇ؟ ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا پەرز ھەجنى ئادا قىلىشقا ئالدىراش ھەققىدە ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەج قىلىشقا قادىر بولۇش دېگەن نېمە؟ ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەج قاچان پەرز قىلىنغان؟ ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ناماز ئوقۇمايدىغان، زاكات بەرمەيدىغان، روزا تۇتمايدىغان ئەمما ھەج قىلىدىغان كىشىنىڭ ھۆكمى ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەجگە تەييارلىق قىلىپ ھەجدىن بۇرۇن ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ھۆكمى ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز ھالەتتە باشقا ئاياللارنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەج قىلىشى توغرىسىدا ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەج قىلغۇچىلار ئۈچۈن پايدىلىق نەسىھەتلەر ( ئۇيغۇرچە )
بىرلەشمە ئۇلىنىش
    خىزمەتىلىرىمىز ھەج سەھىپىسى ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا قىز-خانىملارغىمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش ھەج قىلىش پەرزدۇر ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا يۈزبېرىدىغان بەزى خاتالىقلار ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئەۋۋەلقى ئون كۈنىدە قايسى ئەمەللەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟ ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ئېھرامدا دىققەت قىلىش مۇھىم دەپ قارالغان ئىشلار ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا قىز-خانىملارنىڭ يۈزى ئەۋرەت ھېسابلانسا، نېمە ئۈچۈن ئېھرامغا كىرگەندە يۈزىنى ئېچىۋېتىدۇ؟ ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ئۆمرە پائالىيىتى توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا قىز-خانىملارغا خاس ھەج ئەھكاملىرى ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەجنىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدا ئەھمىيىتى ۋە رولى ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش توغرىسىدا ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەج ئىبادىتىنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك مەنپەئەتلىرى ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەج تارىخىغا دائىر ئەھكاملار ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار بەيتۇللاھنى مەقسەت قىلىپ كەلگۇچىلەرنىڭ پەزىلىتى ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار ھاجىلار ئاللاھنىڭ ئىززەتلىك مېھمانلىرى ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )