بىزنىڭ غايىمىز قۇرئانغا، سۈننەتكە ۋە سەلەپ ئالىملىرىنىڭ چۈشەنچىسىگە ئاساسلانغان ھالدا ئىسلام دىنىنى دۇنيا تىللىرىدا تارقىتىش.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا يۈزبېرىدىغان بەزى خاتالىقلار
پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا يۈزبېرىدىغان بەزى خاتالىقلار.docپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىنى زىيارەت ...
452.5 KB
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا يۈزبېرىدىغان بەزى خاتالىقلار.docھۈججەتنى چۈشۈرۈش: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا يۈزبېرىدىغان بەزى خاتالىقلار.doc
2.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا يۈزبېرىدىغان بەزى خاتالىقلار.pdfپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىنى زىيارەت ...
93 KB
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا يۈزبېرىدىغان بەزى خاتالىقلار.pdfھۈججەتنى چۈشۈرۈش: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا يۈزبېرىدىغان بەزى خاتالىقلار.pdf

 

 

 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا يۈزبېرىدىغان بەزى خاتالىقلار.

 

36647-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى زىيارەت قىلغاندا يۈزبېرىش ئېھتىماللىقى بولغان خاتالىقلار قايسىلار؟

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

ھاجىلاردىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى زىيارەت قىلغاندا يۈزبېرىدىغان بەزى خاتالىقلار تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت:

1- بەزەن ھاجىلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش ھەجگە مۇناسىۋەتلىك ياكى زىيارەت قىلمىسا ھەج دۇرۇس بولمايدۇ دەيدىغان خاتا ئېتىقادى كۆز قاراش بار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى زىيارەت قىلىشنىڭ ھەجگە ئالاقىسى يوق، ئۇنىڭسىزمۇ ھەج تامام بولىدۇ. ئەسلىدە ئىلگىرىكى زامانلاردىمۇ ھەجگە كەلگەن كىشىلەر شۇ سەپەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى زىيارەت قىلىپ ئادەتلەنگەن، ھەج قىلىش ئىسلامنىڭ مۇھىم پرىنسىپلىرىنىڭ بىرى، ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش ئۇنداق ئەمەس، ھېچ قانداق بىر ئالىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى ياكى قەبرىسىنى زىيارەت قىلىشنى ئىسلامنىڭ مۇھىم پرىنسىپلىرىدىن دەپ كۆرسەتمىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش مۇستەھەپ ئەمەللەردىندۇر.

2- بەزەن كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىنى تاۋاپ قىلىپ ئايلىنىدۇ، بۇ جاينىڭ تاملىرى ۋە ئىشىك- دەرىزىلىرىنى تەۋەررۈك قىلىپ سىلايدۇ، ھەتتا مەڭزىنى يېقىپ سۆيۈپ كېتىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى توغرا بولمىغان بىدئەت ئىشلاردىندۇر، چۈنكى كەبىدىن باشقا جاينى تاۋاپ قىلىش توغرا ئەمەس. شۇنىڭدەك مەڭزىنى يېقىپ سۆيۈشمۇ  كەبىنىڭ مەلۇم جايلىرىدا (مۇلتەزىم- كەبىنىڭ دەرۋازىسى بىلەن ھەجەر ئەسۋەد ئارىلىقىدىكى جاي- ۋە ھەجەر ئەسۋەد-ت-) بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ تاملىرىنى سۆيۈش قاتارلىقلارنى ساۋاپ بولىدۇ دېگەن ئېتىقاد بىلەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش، ئىنساننى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرماستىن بەلكى ئاللاھتىن يىراقلاشتۇرىدۇ.

3- بەزەن كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا مەسچىتنىڭ تاملىرى، مېھرابلىرى ۋە مۇنبىرىنى تەۋەررۈك قىلىپ سىلايدۇ، ( يەنى بەرىكەت بولىدۇ دېگەن كۆز قاراش بىلەن) بۇمۇ توغرا ئەمەس.

4-بەزەن زىيارەتچىلەر قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش ۋە رىغبەتلەنگەن نەرسىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ياردەم سوراپ دۇئا قىلىدۇ، بۇ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى رازى بولمايدىغان، ئىنساننى ئىسلام مىللىتىدىن چىقىرىۋېتىدىغان چوڭ شېرىك ئىشلارنىڭ بىرىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «مەسچىتلەر ئاللاھغا خاستۇر، ئاللاھغا قوشۇپ ھېچكىمگە ئىبادەت قىلماڭلار» جىن سۈرىسى 18- ئايەت. «پەرۋەردىگارىڭلار ئېيتىدۇ: ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن (دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن( تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ» غاپىر سۈرىسى 60- ئايەت. «ئەگەر كاپىر بولساڭلار ئاللاھ سىلەردىن بىھاجەتتۇر، ئاللاھ بەندىلەرنىڭ كاپىر بولىشىغا رازى بولمايدۇ» زۇمەر سۈرىسى 7- ئايەت.

بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئاللاھ خالىسا ۋە سەن خالىساڭ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ كىشىگە رەددىيە بېرىپ: «مىنى ئاللاھغا شېرىك قىلماقچىمۇ؟ ئاللاھ نېمىنى خالىسا شۇ بولىدۇ» دېگەن( ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان). ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:« ئاللاھ خالىمىغان ئىكەن، ئۆزۈمگە پايدا يەتكۈزۈش، زىياننى ئۆزەمدىن دەپئى قىلىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ»(ئەراپ سۈرىسى 188- ئايەت)، «ئېيتقىنكى، مەن سىلەرگە پايدا- زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر بولالمايمەن(بۇنىڭغا پەقەت ئاللاھ قادىر بولالايدۇ)، ئېيتقىنكى،(ئەگەر مەن ئاللاھغا ئاسىي بولسام) مېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ كىشى قۇتقۇزالمايدۇ، ئاللاھدىن باشقا ھېچ پاناھگاھمۇ تاپالمايمەن( شۇنداق تۇرۇقلۇق، مەن سىلەرنىڭ تەلىۋىڭلارنى قانداق قوبۇل قىلالايمەن)» (جىن سۈرىسى 21- ئايەت)، دېگەن تۇرسا نېمە ئۈچۈن  قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش ۋە رىغبەتلەنگەن  نەرسىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ياردەم سوراپ دۇئا قىلىدۇ؟.

ئىنسان ئۆزىنىڭ بارلىق ئارزۇ- تىلەكلىرىنى  ھەممىگە قادىر ئاللاھدىن تىلىشى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ۋەسىلە قىلماستىن ۋاستىسىز ھالدا ئاللاھتىن تىلىشى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامگە ئېشىنىش، ياخشى كۆرۈش ۋە ھەممە ئىشلاردا قانداق ئىتائەت قىلىشنى بىلىشى، ئاللاھدىن ساغلام ئەقىدىدە مۇستەھكەم قىلىشىنى سورىشى، ئىبادەتنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى كۆرسەتكەن بويۇنچە قىلىشى كېرەك.                              

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ «ھەج- ئۆمرە قىلىش جەريانىدا يۈزبېرىدىغان بەزى خاتالىقلار» دېگەن كىتابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

 

 

مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر
    ماقالىلار نېمە ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتىنى ئۇگۇنىشىمىز كېرەك؟ ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار ساغلام ئەقىدە ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى ( ئۇيغۇرچە )
    كىتابلار ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانمىلار ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار ھەج تۇيغۇلىرى ( ئۇيغۇرچە )
    كىتابلار ھەج ۋە ئۆمرە قوللانمىسى ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىنىڭ پەزىلىتى ( ئۇيغۇرچە )
    كىتابلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ( ئۇيغۇرچە )
    كىتابلار شىرىن كالام (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى) ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەج دېگەن نېمە؟ ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەجدە ئېھرام كىيىشتىكى ھېكمەت ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا قەرزدارنىڭ  قەرزنى ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى ھەج قىلىشىنىڭ ھۆكمى ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەج ئۆمىكى بىلەن مەھرەمسىز ھەج قىلسام بولامدۇ؟ ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا پەرز ھەجنى ئادا قىلىشقا ئالدىراش ھەققىدە ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەج قىلىشقا قادىر بولۇش دېگەن نېمە؟ ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەج قاچان پەرز قىلىنغان؟ ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ناماز ئوقۇمايدىغان، زاكات بەرمەيدىغان، روزا تۇتمايدىغان ئەمما ھەج قىلىدىغان كىشىنىڭ ھۆكمى ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەجگە تەييارلىق قىلىپ ھەجدىن بۇرۇن ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ھۆكمى ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز ھالەتتە باشقا ئاياللارنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەج قىلىشى توغرىسىدا ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەج قىلغۇچىلار ئۈچۈن پايدىلىق نەسىھەتلەر ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەجنىڭ ھاياتتا بىر قېتىم  پەرز بولىشىدىكى ھېكمەت ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا قىز-خانىملارغىمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش ھەج قىلىش پەرزدۇر ( ئۇيغۇرچە )
بىرلەشمە ئۇلىنىش
    خىزمەتىلىرىمىز ھەج سەھىپىسى ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )