بىزنىڭ غايىمىز قۇرئانغا، سۈننەتكە ۋە سەلەپ ئالىملىرىنىڭ چۈشەنچىسىگە ئاساسلانغان ھالدا ئىسلام دىنىنى دۇنيا تىللىرىدا تارقىتىش.
زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئەۋۋەلقى ئون كۈنىدە قايسى ئەمەللەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟
پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئەۋۋەلقى ئون كۈنىدە قايسى ئەمەللەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟.docزۇلھەججە ئېيىنىڭ ئەۋۋەلقى ئون كۈنىدە قايسى ئەمەللەرنى ...
454 KB
زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئەۋۋەلقى ئون كۈنىدە قايسى ئەمەللەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟.docھۈججەتنى چۈشۈرۈش: زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئەۋۋەلقى ئون كۈنىدە قايسى ئەمەللەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟.doc
2.
زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئەۋۋەلقى ئون كۈنىدە قايسى ئەمەللەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟.pdfزۇلھەججە ئېيىنىڭ ئەۋۋەلقى ئون كۈنىدە قايسى ئەمەللەرنى ...
96.7 KB
زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئەۋۋەلقى ئون كۈنىدە قايسى ئەمەللەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟.pdfھۈججەتنى چۈشۈرۈش: زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئەۋۋەلقى ئون كۈنىدە قايسى ئەمەللەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟.pdf

 

 

زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئەۋۋەلقى ئون كۈنىدە قايسى ئەمەللەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟

 

49042- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

زۇلھەججىنىڭ ئەۋۋەلقى ئون كۈنى  باشقا كۈنلەردىن ئەۋزەل بولسا، بۇ كۈنلەردە قايسى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشىمىز كېرەك؟.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

تائەت- ئىبادەت قىلىشقا ئەھمىيەتلىك بولغان ۋاقىتلاردىن زۇلھەججىنىڭ ئەۋۋەلقى ئون كۈنى بولۇپ بۇ كۈنلەرنى ئاللاھ تائالا باشقا كۈنلەردىن پەزىلەتلىك قىلدى. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالا ئۈچۈن مۇشۇ ئون كۈندە قىلىنغان ئىبادەتتىنمۇ ئەۋزەلرەك ئىبادەت يوقتۇر دېگىنىدە، ساھابىلار: ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ ئارتۇقمۇ؟ دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ ئارتۇقراق، لېكىن بىر كىشى  ئۆزىنىڭ جىنى ۋە مىلى بىلەن ئاللاھ يولىدا جىھادقا چېقىپ قايتمىسا بۇ ئەۋزەل دېدى» ( بۇخارىي 2\457).

يەنە بىر ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا زۇلھەججىنىڭ ئەۋۋەلقى ئون كۈندە قىلىنغان ئەمەلدىنمۇ ئەجرى كاتتا ۋە ئالى ئەمەل يوق دېگەندە، ساھابىلار:  ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ ئارتۇقمۇ؟ دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ ئارتۇق، لېكىن بىر كىشى  ئۆزىنىڭ جىنى ۋە مىلى بىلەن ئاللاھ يولىدا چېقىپ شەھىد بولۇپ كەتسە بۇنىڭ پەزىلىتى ئارتۇق دېدى» ( دارىمىي 1\357)، ئىسناد ياخشى دەپ رىۋايەت قىلغان.

بۇ ھەدىسلەر ۋە باشقا دەلىللەر  ئومۇمەن زۇلھەججىنىڭ ئەۋۋەلقى ئون كۈنىنىڭ،  يىلنىڭ باشقا كۈنلىرىدىن ھەتتا رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدىنمۇ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، لېكىن رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كېچىسى مىڭ كېچىدىن ئەۋزەل بولغان قەدىر كېچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولغاچقا بۇ زۇلھەججىنىڭ ئەۋۋەلقى ئون كۈنىنىڭ  كېچىسىدىن  ئەۋزەلدۇر.( تەپسىر ئىبنى كەسىر 5\412).

مۇسۇلمان كىشى بۇ ئون كۈننى ئاللاھغا تەۋبە قىلىش بىلەن باشلاش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشى كېرەك، بۇ كۈنلەردە قىلىش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن ئەمەللەر تۆۋەندىكىدەك:

1- روزا تۇتۇش.

مۇسۇلمانلار ئۈچۈن زۇلھەججىنىڭ ئەۋۋىلىدىن تارتىپ 9 كۈن روزا تۇتۇش سۈننەتتۇر، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ كۈنلەردە ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن، روزا تۇتۇش بولسا ئەمەللەرنىڭ ياخشىسى بولۇپ، بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس قۇدسىىيدا ئاللاھ تائالادىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«ئادەم بالىسىنىڭ ھەر بىر ئەمىلى ئۆزى ئۈچۈن بولىدۇ، روزا مەن ئۈچۈن بولىدۇ ئۇنىڭ ئەجرىنى ئۆزەم بېرىمەن». (بۇخارىي 1805).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زۇلھەججىنىڭ ئەۋۋىلىدىن 9 كۈن روزا تۇتاتتى، ھۇنەيدە بىنتى خالىدنىڭ ئايالى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زۇلھەججىنىڭ ئەۋۋىلىدىن 9 كۈن، ئاشۇرا كۈنى، ھەر ئايدا ئۈچ كۈن(ئاينىڭ 13، 14،15- كۈنلىرى)، دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى روزا تۇتاتتى دېيىلگەن.( نەسائىي 4\205).

2- ئاللاھقا تەكبىر، تەھلىل ۋە ھەمدۇ-سەنالەرنى كۆپ ئېيتىش.

زۇلھەججىنىڭ ئەۋۋەلقى ئون كۈنىدە ئاللاھغا تەكبىر، تەھلىل، تەسبىھ  ۋە ھەمدىلەرنى كۆپ ئېيتىش، مەسچىتلەر، مېھمانخانىلار، يوللار قاتارلىقلاردا ئىبادەتنى ئاشكارا قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنى ئۇلۇغلاش، ئاللاھنى كاتتىلاشنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن ئاللاھغا زىكىر ئېيتىش دۇرۇس بولىدىغان جايلارنىڭ ھەممىسىدە تەكبىرنى ئاشكارا ئېيتىش كېرەك. (ئەرلەر ئاشكارا، ئاياللار مەخپى ئېيتىشى كېرەك).

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:« كىشىلەر ئۆزلىرىگە تېگىشلىك بولغان (دىنى ۋە دۇنياۋى) مەنپەئەتلەرنى كۆرسۇن، بەلگىلەنگەن كۈنلەردە( يەنى قۇربانلىق كۈنلىرىدە) ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى ( يەنى تۆگە، قوي، ئۆچكىلەرنى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكرى قىلىش يۈزىسىدىن) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ قۇربانلىق قىلسۇن»(ھەج سۈرىسى 27-).

ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا زۇلھەججىنىڭ ئەۋۋەلقى ئون كۈنىدە قىلىنغان ئەمەلدىنمۇ ئەجرى كاتتا ۋە ئالى ئەمەل يوق، بۇ كۈنلەردە ئاللاھقا تەكبىر، تەھلىل ۋە ھەمدىلەرنى كۆپ ئېيتىڭلار». (ئەھمەد7\224).

تەكبىر دېگەن: «ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ، ۋاللاھۇ ئەكبەر ۋە لىللاھىل ھەمدۇ». بۇنىڭ يەنە باشقا تۈرلىرىمۇ بار.

ھازىرقى ۋاقىتتا زۇلھەججىنىڭ ئەۋۋەلقى ئون كۈنىدە ئاللاھغا تەكبىر ئېيتىش تاشلىنىپ قالدى بۇنى ئاز بىر قىسىم كىشىلەردىن باشقىلار ئۇنتۇپ كەتتى، سۈننەتنى ئەھيا قىلىش، غاپىللارغا ئەسلىتىش ئۈچۈن ئاشكارا ئېيتىش كېرەك، ئىسپاتلىنىشچە: ئىبنى ئۆمەر ۋە ئەبۇ ھۈرەيرە قاتارلىق ساھابىلار زۇلھەججىنىڭ ئەۋۋەلقى ئون كۈنىدە بازارلارغا چىقىپ تەكبىر ئېيتاتتى، كىشىلەرمۇ بۇلارغا ئەگىشىپ تەكبىر ئېيتاتتى، بۇنىڭدىن مەقسەت كىشىلەر ساھابىلارنىڭ تەكبىرىدىن بۇ كۈنلەردە تەكبىر ئېيتىشنى ئەسلەپ ھەر بىرىنىڭ ئايرىم- ئايرىمدىن تەكبىر ئېيتىشى ئىدى.

كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرلۈپ قالغان سۈننەتلەرنى ئەھيا قىلىپ ئەسلىتىشنىڭ پەزىلىتى ناھايتى كاتتا بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:«   كىمىكى مەندىن كېيىن ئۇنتۇلۇپ قالغان بىر سۈننەتنى ئەھيا قىلسا، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئەمەل قىلغان كىشىنىڭ ئەجرى كەمەيتىلىۋەتمەستىن ئۇ كىشىگىمۇ ئۇ سۈننەتكە ئەمەل قىلغان كىشىلەرگە ئوخشاش ئەجرى بېرىلىدۇ،» (تىرمىزىي 7\443).

3- ھەج- ئۆمرىنى ئادا قىلىش.

مۇشۇ ئون كۈندە قىلىنىدىغان ئەۋزەل ئەمەللەردىن ئاللاھنىڭ بەيتى بولغان ھەرەمنى تاۋاپ قىلىپ ھەج ئەمەللىرىنى ئادا قىلىشتۇر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرسەتكەن يول بىلەن ھەجنى ئادا قىلىشقا مۇيەسسەر بولغان كىشى ئۈچۈن ئەڭ بۈيۈك مۇكاپات تەييارلانغان بولۇپ بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قوبۇل بولغان ھەجنىڭ مۇكاپىتى جەننەتتىن ئىبارەتتۇر».

4- قۇربانلىق قىلىش.

مۇشۇ ئون كۈندە قىلىنىدىغان ئەۋزەل ئەمەللەردىن يەنە بىرى  ئاللاھقا يېقىن بولۇش ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشتۇر، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا مال چىقىم قىلىپ ئۇلاقنىڭ ياخشى ۋە سىمىزىنى تاللاپ ئۆلتۈرۈش كېرەك.

بۇ پەزىلەتلىك كۈنلەرنى غەنىمەت بىلەيلى، كېيىنكى پۇشايمان پايدا بەرمەيدۇ. ئەڭ توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

 

مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر
    ماقالىلار ھەج تۇيغۇلىرى ( ئۇيغۇرچە )
    كىتابلار ھەج ۋە ئۆمرە قوللانمىسى ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار قۇربانلىق قىلىشنىڭ ماھىيىتى ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىنىڭ پەزىلىتى ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار قۇربانلىققا دائىر ئەھكاملار ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار قۇربان ھېيتى ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار قۇربان ھېيت نامىزىنىڭ ئوقۇلۇش ئۇسۇلى ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار قۇربان ھېيتى بىزدىن زادى قانداق روھنى تەلەپ قىلىدۇ؟ ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەج دېگەن نېمە؟ ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەجدە ئېھرام كىيىشتىكى ھېكمەت ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا قەرزدارنىڭ  قەرزنى ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى ھەج قىلىشىنىڭ ھۆكمى ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەج ئۆمىكى بىلەن مەھرەمسىز ھەج قىلسام بولامدۇ؟ ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا پەرز ھەجنى ئادا قىلىشقا ئالدىراش ھەققىدە ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەج قىلىشقا قادىر بولۇش دېگەن نېمە؟ ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەج قاچان پەرز قىلىنغان؟ ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ناماز ئوقۇمايدىغان، زاكات بەرمەيدىغان، روزا تۇتمايدىغان ئەمما ھەج قىلىدىغان كىشىنىڭ ھۆكمى ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەجگە تەييارلىق قىلىپ ھەجدىن بۇرۇن ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ھۆكمى ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز ھالەتتە باشقا ئاياللارنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەج قىلىشى توغرىسىدا ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەج قىلغۇچىلار ئۈچۈن پايدىلىق نەسىھەتلەر ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەجنىڭ ھاياتتا بىر قېتىم  پەرز بولىشىدىكى ھېكمەت ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا قىز-خانىملارغىمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش ھەج قىلىش پەرزدۇر ( ئۇيغۇرچە )
بىرلەشمە ئۇلىنىش
    خىزمەتىلىرىمىز ھەج سەھىپىسى ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ئېھرامدا دىققەت قىلىش مۇھىم دەپ قارالغان ئىشلار ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا قىز-خانىملارنىڭ يۈزى ئەۋرەت ھېسابلانسا، نېمە ئۈچۈن ئېھرامغا كىرگەندە يۈزىنى ئېچىۋېتىدۇ؟ ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ئۆمرە پائالىيىتى توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا قىز-خانىملارغا خاس ھەج ئەھكاملىرى ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەجنىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدا ئەھمىيىتى ۋە رولى ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش توغرىسىدا ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەج ئىبادىتىنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك مەنپەئەتلىرى ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەج تارىخىغا دائىر ئەھكاملار ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار بەيتۇللاھنى مەقسەت قىلىپ كەلگۇچىلەرنىڭ پەزىلىتى ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار ھاجىلار ئاللاھنىڭ ئىززەتلىك مېھمانلىرى ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )