بىزنىڭ غايىمىز قۇرئانغا، سۈننەتكە ۋە سەلەپ ئالىملىرىنىڭ چۈشەنچىسىگە ئاساسلانغان ھالدا ئىسلام دىنىنى دۇنيا تىللىرىدا تارقىتىش.
قىز-خانىملارنىڭ يۈزى ئەۋرەت ھېسابلانسا، نېمە ئۈچۈن ئېھرامغا كىرگەندە يۈزىنى ئېچىۋېتىدۇ؟
پەتىۋا تېما كارتۇچكىسى
بىر تېمىدىكى ھۆججەتلەر ( 2 )
1.
قىز-خانىملارنىڭ يۈزى ئەۋرەت ھېسابلانسا، نېمە ئۈچۈن ئېھرامغا كىرگەندە يۈزىنى ئېچىۋېتىدۇ؟.docقىز-خانىملارنىڭ يۈزى ئەۋرەت ھېسابلانسا، نېمە ئۈچۈن ...
439 KB
قىز-خانىملارنىڭ يۈزى ئەۋرەت ھېسابلانسا، نېمە ئۈچۈن ئېھرامغا كىرگەندە يۈزىنى ئېچىۋېتىدۇ؟.docھۈججەتنى چۈشۈرۈش: قىز-خانىملارنىڭ يۈزى ئەۋرەت ھېسابلانسا، نېمە ئۈچۈن ئېھرامغا كىرگەندە يۈزىنى ئېچىۋېتىدۇ؟.doc
2.
قىز-خانىملارنىڭ يۈزى ئەۋرەت ھېسابلانسا، نېمە ئۈچۈن ئېھرامغا كىرگەندە يۈزىنى ئېچىۋېتىدۇ؟.pdfقىز-خانىملارنىڭ يۈزى ئەۋرەت ھېسابلانسا، نېمە ئۈچۈن ...
89.4 KB
قىز-خانىملارنىڭ يۈزى ئەۋرەت ھېسابلانسا، نېمە ئۈچۈن ئېھرامغا كىرگەندە يۈزىنى ئېچىۋېتىدۇ؟.pdfھۈججەتنى چۈشۈرۈش: قىز-خانىملارنىڭ يۈزى ئەۋرەت ھېسابلانسا، نېمە ئۈچۈن ئېھرامغا كىرگەندە يۈزىنى ئېچىۋېتىدۇ؟.pdf

 

قىز-خانىملارنىڭ يۈزى ئەۋرەت ھېسابلانسا، نېمە ئۈچۈن ئېھرامغا كىرگەندە يۈزىنى ئېچىۋېتىدۇ؟

 

120377- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

ھەج-ئۆمرىدە ئېھرامغا كىرگەن ئايال يۈزىنى ئېچىۋېتىشكە بۇيرۇلىدۇ، بۇ قىز-خانىملارنىڭ يۈزىنىڭ ئەۋرەت ئەمەسلىكىنى ئىپادىلىمەمدۇ؟.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللارنى ئېھرامدا يۈزىنى يېپىشتىن چەكلىگەنلىكى ئايال كىشىنىڭ يۈزىنىڭ ئەۋرەت ئەمەسلىكىنى ئىپادىلىمەيدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللارنى ئېھرامدا يۈزىنى ئېچىۋېتىشكە بۇيرۇمىغان، پەقەت  يۈزىگە نىقاپ كىيىشتىن چەكلىگەن، بۇ ئىككى ئىشنىڭ ئارىسىدىكى پەرق شۇكى: ئاياللار ئېھرامدا نىقاپ كەيمەستىن شارپا ياكى ياغلىقتەك نەرسىلەر بىلەن يۈزىنى ياپىدۇ، شۇنىڭدەك ئەرلەرنىڭ ئېھرامدا كۆينەك كىيىشى  چەكلەنگەن، لېكىن كۆڭلەكتىن باشقا نەرسىلەر بىلەن بەدىنىنى يۆگەيدۇ، بۇنىڭدىن يالىڭاچ يۈرسۇن دېگەنلىك چىقمايدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى ئاياللارمۇ ئېھراملىق ھالىتىدە نىقاپ كەيمەستىن ئەرلەر بار ئورۇنلاردا يۈزىنى يۆگەيتتى.

ئەبۇ بەكرىنىڭ قىزى ئەسما رەزىيەللاھۇئەنھا مۇنداق دەيدۇ:«بىز ئېھرامدىكى ۋاقتىمىزدا ئەرلەردىن يۈزىمىزنى يۆگەيتتۇق»، بۇ ھەدىسنى ھاكىم رىۋايەت قىلىپ  سەھىھ دېگەن.

ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھا مۇنداق دەيدۇ:« بىز ھەجدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە كېتىۋاتقاندا ئەرلەر ئۇدۇلىمىزغا كەلگەندە شارپىلىرىمىز بىلەن يۈزىمىزنى يىپىۋالاتتۇق، ئۆتۈپ كەتكەندە ئېچىۋىتەتتۇق». بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.

شۇنىڭ ئۈچۈن بەزەن ئالىملار:  ئايال كىشىنىڭ يۈزىمۇ ئەرلەرنىڭ بەدىنىگە ئوخشاش ئەۋرەت بولۇپ نىقاپ بىلەن ياپماستىن باشقا نەرسە بىلەن يۆگەيدۇ دېگەن.

ئىبنى قەييىم"بەدائىل ئەلپەۋائىد"(3\664) دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: "ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېھراملىق ئاياللارنىڭ ئېھرامدا ياكى ئېھرام سىرتىدا يۈزىنى ئېچىۋېتىشنى يولغا قويمىغان، پەقەت ئېھرامدا يۈزىگە نىقاپ(يەنى كۆزنى ئىچىپ يۈزىنى يېپىش) كىيىش ۋە قولىغا پەلەي كىيىشتىن چەكلىگەن، ئەرلەرنى كۆينەك-ئىشتان كىيىشتىن چەكلىگەن، بۇ چەكلىمىلەردىن بەدەننى ئوچۇق قويسۇن دېگەنلىك ئەمەس بەلكى ئېھراملىق قىز-خانىملار كۆينەك، شارپىلىرى بىلەن، ئەر كىشى ئېھرام كىيىملىرى بىلەن بەدىنىنى ياپىدۇ، چەكلىمە ئاياللارنىڭ نىقاپ، پەلەي، ئەرلەرنىڭ  كۆينەك-ئىشتان كىيىشىدۇر. بۇيەردە ئاياللار  ئېھرامدا يۈزىنى ئېچىۋېتىدۇ دېگەننى ئىپادىلەيدىغانغا قۇرئان ھەدىستىن، قىياستىن ياكى مەسلىھەت تەرەپتىن ھېچقانداق ئاساس يوق، بەلكى ئايالنىڭ يۈزى ئەرنىڭ بەدىنىگە ئوخشاش بولۇپ نىقاپ ۋە پەلەي شەكلىدىكى نەرسىلەر بىلەن يۆگىمەستىن يۈزىنى ياغلىق- شارپا بىلەن، قولىنى چاپىنىنىڭ يىڭى بىلەن يۆگەيدۇ".

ئايالنىڭ يۈزى ئېھرامدا ئەرلەرنىڭ بىشىغا ئوخشاش ئوچۇق قويۇشقا بۇيرۇلغان  دېگەن كىشىنىڭمۇ ھېچقانداق دەلىل ئىسپاتى يوق.

سەلەپلەرنىڭ: ئاياللارنىڭ ئېھرامى يۈزىدە دېگەن سۆزىدىن مەقسەت: ئايال ئېھرامدا ئەركىشى كىيىم كىيىشتىن چەكلەنگەندەك چەكلەنمىگەن بەلكى نىقاپ كىيىشتىن چەكلەنگەن، بۇنىڭدىن يۈزىنى ئېچىۋىتىش كېرەكلىكى ئىسپاتلانمايدۇ.

ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭمۇ ئېھراملىق ھالەتتە يۈزىنى ياپقانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ، يۇقۇرىدىكى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىمۇ بۇنى ئىسپاتلايدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:"پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاياللارنىڭ ئېھرامدا يۈزىنى يېپىشتىن چەكلەنگەنلىكى بايان قىلىنمىغان بەلكى نىقاپ كىيىشتىن چەكلەنگەنلىكى بايان قىلىنغان، نىقاپ ئاياللارنىڭ يۈزىنىڭ كىيىمى بولغاچقا ئەرلەر بەدىنىگە كىيىم كىيىشتىن چەكلەنگەندەك ئاياللارمۇ يۈزىگە كىيىم كىيىشتىن چەكلەنگەن.

بۇنىڭدىن ئايال كىشى ئېھرامدا يۈزىنى ئېچىۋېتىشكە بۇيرۇلغان دېگەن سۆزنىڭ توغرا ئەمەسلىكى ئىسپاتلىنىدۇ.

ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

 

 

مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر
    ماقالىلار ئۇيغۇر ئىسلام قىزى سىڭىلچىقىمغا ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار ھەج تۇيغۇلىرى ( ئۇيغۇرچە )
    كىتابلار ھەج ۋە ئۆمرە قوللانمىسى ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار قۇربانلىق قىلىشنىڭ ماھىيىتى ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىنىڭ پەزىلىتى ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار قۇربانلىققا دائىر ئەھكاملار ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار قۇربان ھېيتى ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار قۇربان ھېيت نامىزىنىڭ ئوقۇلۇش ئۇسۇلى ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار ھىجابىڭىز نەگە كەتتى؟ ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار قۇربان ھېيتى بىزدىن زادى قانداق روھنى تەلەپ قىلىدۇ؟ ( ئۇيغۇرچە )
    ماقالىلار ئۇيغۇر قىز-خانىملىرىغا نەسىھەت ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەج دېگەن نېمە؟ ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەجدە ئېھرام كىيىشتىكى ھېكمەت ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا قەرزدارنىڭ  قەرزنى ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى ھەج قىلىشىنىڭ ھۆكمى ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەج ئۆمىكى بىلەن مەھرەمسىز ھەج قىلسام بولامدۇ؟ ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا پەرز ھەجنى ئادا قىلىشقا ئالدىراش ھەققىدە ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەج قىلىشقا قادىر بولۇش دېگەن نېمە؟ ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەج قاچان پەرز قىلىنغان؟ ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ناماز ئوقۇمايدىغان، زاكات بەرمەيدىغان، روزا تۇتمايدىغان ئەمما ھەج قىلىدىغان كىشىنىڭ ھۆكمى ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەجگە تەييارلىق قىلىپ ھەجدىن بۇرۇن ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ھۆكمى ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز ھالەتتە باشقا ئاياللارنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەج قىلىشى توغرىسىدا ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەج قىلغۇچىلار ئۈچۈن پايدىلىق نەسىھەتلەر ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا ھەجنىڭ ھاياتتا بىر قېتىم  پەرز بولىشىدىكى ھېكمەت ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا قىز-خانىملارغىمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش ھەج قىلىش پەرزدۇر ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئەۋۋەلقى ئون كۈنىدە قايسى ئەمەللەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟ ( ئۇيغۇرچە )
بىرلەشمە ئۇلىنىش
    خىزمەتىلىرىمىز ھەج سەھىپىسى ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا قىز-خانىملارغا خاس ھەج ئەھكاملىرى ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    خىزمەتىلىرىمىز قىز-خانىملار سەھىپىسى ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )
    پەتىۋا قىز-خانىملار توي قىلىدىغان لايىقىنى ئۆزى ئىزدىشى دۇرۇس بولامدۇ؟ ( مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ) - ( ئۇيغۇرچە )