الإسلام بين يدي الملايين! شعار حملناه لنشر الإسلام الصحيح والفقه في الدين المستمد من الكتاب والسنة بفهم سلف هذه الأمة بعشرات لغات العالم
إذا كان وجه المرأة عورة، فلماذا أمرت بكشفه في الإحرام؟
فتاوى بطاقة الصفحة
مرفقات الصفحة ( 2 )
1.
قىز-خانىملارنىڭ يۈزى ئەۋرەت ھېسابلانسا، نېمە ئۈچۈن ئېھرامغا كىرگەندە يۈزىنى ئېچىۋېتىدۇ؟.docقىز-خانىملارنىڭ يۈزى ئەۋرەت ھېسابلانسا، نېمە ئۈچۈن ...
439 KB
قىز-خانىملارنىڭ يۈزى ئەۋرەت ھېسابلانسا، نېمە ئۈچۈن ئېھرامغا كىرگەندە يۈزىنى ئېچىۋېتىدۇ؟.docتنزيل مادة: قىز-خانىملارنىڭ يۈزى ئەۋرەت ھېسابلانسا، نېمە ئۈچۈن ئېھرامغا كىرگەندە يۈزىنى ئېچىۋېتىدۇ؟.doc
2.
قىز-خانىملارنىڭ يۈزى ئەۋرەت ھېسابلانسا، نېمە ئۈچۈن ئېھرامغا كىرگەندە يۈزىنى ئېچىۋېتىدۇ؟.pdfقىز-خانىملارنىڭ يۈزى ئەۋرەت ھېسابلانسا، نېمە ئۈچۈن ...
89.4 KB
قىز-خانىملارنىڭ يۈزى ئەۋرەت ھېسابلانسا، نېمە ئۈچۈن ئېھرامغا كىرگەندە يۈزىنى ئېچىۋېتىدۇ؟.pdfتنزيل مادة: قىز-خانىملارنىڭ يۈزى ئەۋرەت ھېسابلانسا، نېمە ئۈچۈن ئېھرامغا كىرگەندە يۈزىنى ئېچىۋېتىدۇ؟.pdf

 

قىز-خانىملارنىڭ يۈزى ئەۋرەت ھېسابلانسا، نېمە ئۈچۈن ئېھرامغا كىرگەندە يۈزىنى ئېچىۋېتىدۇ؟

 

120377- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

ھەج-ئۆمرىدە ئېھرامغا كىرگەن ئايال يۈزىنى ئېچىۋېتىشكە بۇيرۇلىدۇ، بۇ قىز-خانىملارنىڭ يۈزىنىڭ ئەۋرەت ئەمەسلىكىنى ئىپادىلىمەمدۇ؟.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللارنى ئېھرامدا يۈزىنى يېپىشتىن چەكلىگەنلىكى ئايال كىشىنىڭ يۈزىنىڭ ئەۋرەت ئەمەسلىكىنى ئىپادىلىمەيدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللارنى ئېھرامدا يۈزىنى ئېچىۋېتىشكە بۇيرۇمىغان، پەقەت  يۈزىگە نىقاپ كىيىشتىن چەكلىگەن، بۇ ئىككى ئىشنىڭ ئارىسىدىكى پەرق شۇكى: ئاياللار ئېھرامدا نىقاپ كەيمەستىن شارپا ياكى ياغلىقتەك نەرسىلەر بىلەن يۈزىنى ياپىدۇ، شۇنىڭدەك ئەرلەرنىڭ ئېھرامدا كۆينەك كىيىشى  چەكلەنگەن، لېكىن كۆڭلەكتىن باشقا نەرسىلەر بىلەن بەدىنىنى يۆگەيدۇ، بۇنىڭدىن يالىڭاچ يۈرسۇن دېگەنلىك چىقمايدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى ئاياللارمۇ ئېھراملىق ھالىتىدە نىقاپ كەيمەستىن ئەرلەر بار ئورۇنلاردا يۈزىنى يۆگەيتتى.

ئەبۇ بەكرىنىڭ قىزى ئەسما رەزىيەللاھۇئەنھا مۇنداق دەيدۇ:«بىز ئېھرامدىكى ۋاقتىمىزدا ئەرلەردىن يۈزىمىزنى يۆگەيتتۇق»، بۇ ھەدىسنى ھاكىم رىۋايەت قىلىپ  سەھىھ دېگەن.

ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھا مۇنداق دەيدۇ:« بىز ھەجدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە كېتىۋاتقاندا ئەرلەر ئۇدۇلىمىزغا كەلگەندە شارپىلىرىمىز بىلەن يۈزىمىزنى يىپىۋالاتتۇق، ئۆتۈپ كەتكەندە ئېچىۋىتەتتۇق». بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.

شۇنىڭ ئۈچۈن بەزەن ئالىملار:  ئايال كىشىنىڭ يۈزىمۇ ئەرلەرنىڭ بەدىنىگە ئوخشاش ئەۋرەت بولۇپ نىقاپ بىلەن ياپماستىن باشقا نەرسە بىلەن يۆگەيدۇ دېگەن.

ئىبنى قەييىم"بەدائىل ئەلپەۋائىد"(3\664) دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: "ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېھراملىق ئاياللارنىڭ ئېھرامدا ياكى ئېھرام سىرتىدا يۈزىنى ئېچىۋېتىشنى يولغا قويمىغان، پەقەت ئېھرامدا يۈزىگە نىقاپ(يەنى كۆزنى ئىچىپ يۈزىنى يېپىش) كىيىش ۋە قولىغا پەلەي كىيىشتىن چەكلىگەن، ئەرلەرنى كۆينەك-ئىشتان كىيىشتىن چەكلىگەن، بۇ چەكلىمىلەردىن بەدەننى ئوچۇق قويسۇن دېگەنلىك ئەمەس بەلكى ئېھراملىق قىز-خانىملار كۆينەك، شارپىلىرى بىلەن، ئەر كىشى ئېھرام كىيىملىرى بىلەن بەدىنىنى ياپىدۇ، چەكلىمە ئاياللارنىڭ نىقاپ، پەلەي، ئەرلەرنىڭ  كۆينەك-ئىشتان كىيىشىدۇر. بۇيەردە ئاياللار  ئېھرامدا يۈزىنى ئېچىۋېتىدۇ دېگەننى ئىپادىلەيدىغانغا قۇرئان ھەدىستىن، قىياستىن ياكى مەسلىھەت تەرەپتىن ھېچقانداق ئاساس يوق، بەلكى ئايالنىڭ يۈزى ئەرنىڭ بەدىنىگە ئوخشاش بولۇپ نىقاپ ۋە پەلەي شەكلىدىكى نەرسىلەر بىلەن يۆگىمەستىن يۈزىنى ياغلىق- شارپا بىلەن، قولىنى چاپىنىنىڭ يىڭى بىلەن يۆگەيدۇ".

ئايالنىڭ يۈزى ئېھرامدا ئەرلەرنىڭ بىشىغا ئوخشاش ئوچۇق قويۇشقا بۇيرۇلغان  دېگەن كىشىنىڭمۇ ھېچقانداق دەلىل ئىسپاتى يوق.

سەلەپلەرنىڭ: ئاياللارنىڭ ئېھرامى يۈزىدە دېگەن سۆزىدىن مەقسەت: ئايال ئېھرامدا ئەركىشى كىيىم كىيىشتىن چەكلەنگەندەك چەكلەنمىگەن بەلكى نىقاپ كىيىشتىن چەكلەنگەن، بۇنىڭدىن يۈزىنى ئېچىۋىتىش كېرەكلىكى ئىسپاتلانمايدۇ.

ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭمۇ ئېھراملىق ھالەتتە يۈزىنى ياپقانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ، يۇقۇرىدىكى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىمۇ بۇنى ئىسپاتلايدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:"پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاياللارنىڭ ئېھرامدا يۈزىنى يېپىشتىن چەكلەنگەنلىكى بايان قىلىنمىغان بەلكى نىقاپ كىيىشتىن چەكلەنگەنلىكى بايان قىلىنغان، نىقاپ ئاياللارنىڭ يۈزىنىڭ كىيىمى بولغاچقا ئەرلەر بەدىنىگە كىيىم كىيىشتىن چەكلەنگەندەك ئاياللارمۇ يۈزىگە كىيىم كىيىشتىن چەكلەنگەن.

بۇنىڭدىن ئايال كىشى ئېھرامدا يۈزىنى ئېچىۋېتىشكە بۇيرۇلغان دېگەن سۆزنىڭ توغرا ئەمەسلىكى ئىسپاتلىنىدۇ.

ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

 

 

روابط ذات صلة
    مقالات أختي المسلمة الأويغورية ( أيغوري )
    مقالات خواطر الحج ( أيغوري )
    كتب دليل الحاج والمعتمر ( أيغوري )
    مقالات ماهية الأضحية ( أيغوري )
    مقالات فضل العمل في عشر ذي الحجة ( أيغوري )
    مقالات أحكام الأضحية وشروطها ( أيغوري )
    مقالات عيد الأضحى ( أيغوري )
    مقالات كيفية أداء صلاة عيد الأضحى ( أيغوري )
    مقالات إلى أين ذهب حجابك؟ ( أيغوري )
    مقالات الروحانية في عيد الأضحى ( أيغوري )
    مقالات نصيحة إلى نساء الأويغور ( أيغوري )
    فتاوى ما هو الحج ( أيغوري )
    فتاوى لماذا يلبس الحجاج تلك الملابس؟ ( أيغوري )
    فتاوى حكم الحج قبل قضاء الدين ( أيغوري )
    فتاوى تريد السفر للحج مع حملة دون محرم ( أيغوري )
    فتاوى المبادرة في أداء الفريضة الحج ( أيغوري )
    فتاوى ما هي الاستطاعة في الحج؟ ( أيغوري )
    فتاوى متى فرض الحج؟ ( أيغوري )
    فتاوى حكم من لا يصلي ولا يزكي ولا يصوم ولكنه يحج ( أيغوري )
    فتاوى سافر إلى الحج ولكنه مات قبل الحج فهل يعتبر حاجاً؟ ( أيغوري )
    فتاوى حج المرأة في رفقة نساء دون محرم ( أيغوري )
    فتاوى نصائح للحاج قبل سفره إلى الحج ( أيغوري )
    فتاوى الحكمة من تشريع الحج مرة واحدة في العمر ( أيغوري )
    فتاوى الحج فرض على المرأة كما هو فرض على الرجل ( أيغوري )
    فتاوى يسأل عن فضل العشر من ذي الحجة ( أيغوري )
موضوعات أخرى تشير إلى هذه الصفحة
    مجموعة صفحة خاصة لموسم الحج ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى خصوصيات النساء في الحج ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مجموعة مجموعة أحكام النساء ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى هل للمرأة أن تبحث عن شريك حياتها بنفسها ؟ ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )