مۇسۇلمان زۇلھەججىنىڭ ئەۋۋەلقى ئون كۈنىنى غەنىمەت بىلىپ، بۇ كۈنلەردە ئاللاھنىڭ: «كىمكى دىنىي ئىشلارنى ئۇلۇغلايدىكەن، بۇ، دىللارنىڭ تەقۋادارلىقىدىندۇر»، رەسۇلۇللاھنىڭ:«ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا زۇلھەججىنىڭ ئەۋۋەلقى ئون كۈنىدە قىلىنغان ئەمەلدىنمۇ ئەجرى كاتتا ۋە ئالى ئەمەل يوق، بۇ كۈنلەردە ئاللاھقا تەكبىر، تەھلىل ۋە ھەمدىلەرنى كۆپ ئېيتىڭلار» دېگەن سۆزلىرىنى ئۇلۇغلاپ، بۇ كۈنلەردە ئېيتىلىدىغان زىكىرلەردىن بىرگە ھۆزۈرلۈنۈشنى مەقسەت قىلغان ئاساستا تەكبىرلەرنىڭ mp3 نۇسخىسى ھۆزۈرۈڭلارغا سۇنۇلدى.
«زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىنىڭ پەزىلىتى»جانابى ئاللاھ بەندىلىرىگە بولغان رەھمىتىنىڭ كەڭلىكىدىن ئۇلارنى ئىبادەتكە قىزىقتۇرۇش، سالىھ ئەمەللەرنى كۆپلەپ قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قۇزغاتقىلى ۋاقىتنى يارىتىپ، ئۇنى بىر ـ بىرىدىن ئارتۇق پەزىلەتكە ئىگە قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ كۈنلەرنىڭ دۇنيادىكى كۈنلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردى؛بەلكى ئاللاھنىڭ بۇ كۈنلەر بىلەن قەسەم قىلغانلىقىنىڭ ئۆزى، ئۇ كۈنلەرنىڭ شەرەپلىك ۋە پەزىلەتلىك ئېكەنلىكىگە يېتەرلىك ئىسپاتتۇر.
زۇلھەججىنىڭ ئەۋۋەلقى ئون كۈنى باشقا كۈنلەردىن ئەۋزەلمۇ؟ ئەگەر ئەۋزەل بولسا، بۇ كۈنلەردە قايسى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشىمىز كېرەك؟.
ھەج- ئۆمرە قىلغۇچىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى زىيارەت قىلماقچى بولغاندا، مەسچىتنى زىيارەت قىلىشنى مەقسەت قىلامدۇ ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىشنى مەقسەت قىلامدۇ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى زىيارەت قىلىشنىڭ ئەدەپ-قائىدىلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت؟.
ئاپتور ماقالىسىدا ھەج ۋە ئۆمرە پائالىيەتلىرىنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ، ھەج قىلغۇچىنىڭ بىلىۋېلىشى مۇھىم بولغان ئەھكام ۋە پائالىيەتلەرنى رەتلەپ قايتىدىن نەشىرگە تەييارلىدى. بۇ ئەسەردە، ھەجنىڭ شەرتلىرى، نىيەتنى قانداق قىلىش كېرەكلىكى، ھەجنىڭ تۈرلىرى، ئەركانلىرى، ۋاجىپلىرى، سۈننەتلىرى ۋە ئېھرامدا مەنئى قىلىنغان ئىشلار، تاۋاپنىڭ شەرتلىرى ۋە سۈننەتلىرى، سەئيىنىڭ شەرتلىرى ۋە سۈننەتلىرى قاتارلىق ھەج ۋە ئۆمرە پائالىيىتى ۋە ھەج قىلغۇچىغا دائىر مەسىلىلەرگە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.
«قۇربانلىققا دائىر ئەھكاملار ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى» ناملىق بۇ ماقالىدا، قۇربانلىق قىلىش ئورپ-ئادەت بولماستىن،بەلكى ئىسلام دىنىدىكى ئىقتىسادى ئىبادەتلەردىن ئىكەنلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسۇلمانلارنى قۇربانلىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىكى، قۇربانلىق قىلىشقا قادىر بولالايدىغان كىشىلەرنىڭ قۇربانلىق قىلىشى تەكىتلەنگەن سۈننەت ئىكەنلىكى، ئۇنىڭغا ئائىت ھۆكۈم ۋە شەرت قاتارلىقلار توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.
«قۇربانلىق قىلىشنىڭ ماھىيىتى »ناملىق بۇ ماقالە،قەلبى گويا مىھرى ــ شەپقەتنىڭ سەرچەشمىسىگە ئايلىنىپ كەتكەن بىر بوۋاينىڭ (يەنى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ) ئۆز يۈرەك پارىسىغا: "ئى ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىشنى چۈشەپتىمەن، ئويلاپ باققىنا! سېنىڭ قانداق پىكرىڭ بار؟" دېگىنىدە، ياراملىق پەرزەنتىنىڭ "ئى ئاتا! نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ، شۇنى ئىجرا قىلغىن، خۇدا خالىسا (ئۇنىڭغا) مېنى سەۋر قىلغۇچى تاپىسەن" دەپ قىلچە ئىككىلەنمەستىن، جاۋاپ بەرگەنلىگىدىن ئىبارەت ئىمان، ساداقەتنى لەرزىگە سالىدىغان ئەشۇ تەسىرلىك مەنزىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ ئۆتىدۇ.
«قۇربان ھېيتى»ناملىق بۇ ماقالىدا ئاپتۇر سۆزىنى تۆۋەندىكىدەك باشلايدۇ: مۇسۇلمان قېرىندىشىم! شۇ نەرسىنى ئېنىق بىلىڭكى، مۆمىنلەر ئۈچۈن دۇنيادا پەقەتلا ئۈچ ھېيىت بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى ھەر ھەپتىدە تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان جۈمە كۈنى، قالغان ئىككىسى يىلدا بىر قېتىمدىن كېلىدىغان رۇزا ۋە قۇربان ھېيتلىرىدىن ئىبارەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەن چاغدا ئۇلارنىڭ ئوينايدىغان ئىككى كۈنى بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىپ، "ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئىككى كۈنىڭلارنى ئۇنىڭدىنمۇ خەيرلىك بولغان رۇزا ۋە قۇربان ھېيتىدىن ئىبارەت ئىككى كۈنگە تېگىشتۈرۈپ بەردى" دېدى. بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا بىزگە ئويۇن ـ تاماشاغا تولغان ئىككى كۈننى، زىكىر، شۈكۈر، مەغپىرەت ۋە ئەپۇچانلىق كۈنىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى كۈنگە تېگىشتۈرۈپ بەردى.
پەرز ھەجنى ئادا قىلىش بىلەن مۇسۇلماننىڭ ئۆزى ۋە ھاياتىدا قانداق ئۆزگۈرۈشلەر بولىدۇ؟.
نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلاردىن ھاياتىدا بىر قېتىم بولسىمۇ مەككە- مۇكەررەمىنى زىيارەت قىلىپ ھەج قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ؟.