مجموعة أحكام النساء | الزكات والصدقة | صفحة خاصة لموسم الحج | مجموعة رمضانية
طباعة أرسل إلى صديق راسل المشرف أرسل تعليق استعراض التعليقات جلب كود html للصفحة
هل يؤجر قارئ القرآن الذي لا يعرف معنى ما يقرأ؟
فتاوى بطاقة الصفحة
مرفقات الصفحة ( 2 )
1.
قۇرئاننى مەنىسىنى بىلمەستىن ئوقۇسىمۇ ساۋاب بولامدۇ؟.docقۇرئاننى مەنىسىنى بىلمەستىن ئوقۇسىمۇ ساۋاب بولامدۇ؟ ...
387 KB
قۇرئاننى مەنىسىنى بىلمەستىن ئوقۇسىمۇ ساۋاب بولامدۇ؟.docتنزيل مادة: قۇرئاننى مەنىسىنى بىلمەستىن ئوقۇسىمۇ ساۋاب بولامدۇ؟.doc
2.
قۇرئاننى مەنىسىنى بىلمەستىن ئوقۇسىمۇ ساۋاب بولامدۇ؟.pdfقۇرئاننى مەنىسىنى بىلمەستىن ئوقۇسىمۇ ساۋاب بولامدۇ؟ ...
98 KB
قۇرئاننى مەنىسىنى بىلمەستىن ئوقۇسىمۇ ساۋاب بولامدۇ؟.pdfتنزيل مادة: قۇرئاننى مەنىسىنى بىلمەستىن ئوقۇسىمۇ ساۋاب بولامدۇ؟.pdf

 

قۇرئاننى مەنىسىنى بىلمەستىن ئوقۇسىمۇ ساۋاب بولامدۇ؟

 

4040-نومۇرلۇق سوئال

 

سوئال:

قۇرئان ئوقۇشقا داۋام قىلىۋاتىمەن. بىراق مەن ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلمەيمەن. شۇنداقتىمۇ مېنىڭ ئوقۇغىنىم ئۈچۈن ئاللاھ ساۋاب بېرەمدۇ؟

جاۋاب:

قۇرئان كەرىم مۇبارەك كىتابتۇر. « بۇ قۇرئان شۇنداق بىر كىتابكى، بىز ئۇنى ساڭا ئايەتلىرىنى چۈشىنىشلىرى ۋە ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز - نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن بەرىكەتلىك قىلىپ چۈشۈردۇق.» ئىنسان قۇرئاننىڭ مەنىسىنى بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن ئۇنى ئوقۇغانغا چوقۇم ساۋاب تاپىدۇ. لېكىن مۆمىن ئادەم ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلىشكە تىرىشىشى لازىم. مەسىلەن: بىراۋ  تىبابەت ئىلمىنى ئۈگەنمەكچى بولۇپ، تىبابەت كىتابلىرىنى ئوقۇغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ مەنىسى چۈشەنمىسە ئۇنىڭدىن پايدىلىنالمايدۇ. بەلكى مۇنداق كىشى ئۇنى تەتبىق قىلىش ئۈچۈن ئوقۇغانلىرىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشكە قاتتىق تىرىشىدۇ. ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان قۇرئان كەرىمگە نېمە دەيسىز؟! دىللارغا شىپا ۋە ئىنسانلارغا ۋەز - نەسىھەت بولغان بۇ ئۇلۇغ كىتابنى مەنىسىنى چۈشەنمەستىن ئوقۇشقا بولامدۇ؟! شۇڭا ساھابىلار 10 ئايەت ئۈگىنىپ ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلىپ ئەمەلگە ئاتلاندۇرۇپ بولۇپ ئاندىن يەنە 10 ئايەت ئۈگىنەتتى. قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇلۇغلىقىدىن ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشەنسۇن ياكى چۈشەنمىسۇن ئۇنى ئۇقۇغان كىشى ساۋاب تاپىدۇ. لېكىن بۇنىڭ بىلەن قۇرئان ئوقۇشتىن بولغان ئاساسلىق مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. شۇڭائۇنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشكە تىرىشىش لازىم. قۇرئاننىڭ مەنىسىنى ئىشەنچىلىك، ئىلمىگە، راستچىللىقىغا ۋە تەقۋالىقىغا ئىشەنگىلى بولىدىغان ئۆلىمالاردىن ئۈگىنىش لازىم. ئۆلىمارلار تولۇق بولمىغاندا ئىشەنچلىك تەپسىرلەردىن ئىبنى جەرىر ۋە ئىبنى كەسىرنىڭ تەپسىرلىرىگە مۇراجىئەت قىلىش لازىم.

موضوعات أخرى تشير إلى هذه الصفحة
    فتاوى لا يجوز أخذ الأجرة على قراءة القرآن ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مقالات فضل القرآن الكريم وقراءته ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مقالات القرآن الكريم حياة القلوب ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى ختم القرآن في رمضان ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
Go to the Top