مجموعة أحكام النساء | الزكات والصدقة | صفحة خاصة لموسم الحج | مجموعة رمضانية
طباعة أرسل إلى صديق راسل المشرف أرسل تعليق استعراض التعليقات جلب كود html للصفحة
تعلقت برجل متزوج ولا تستطيع الابتعاد عنه
فتاوى بطاقة الصفحة
مرفقات الصفحة ( 2 )
1.
ئىسلامدا ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى چەكلەنگەن مۇناسىۋەت.docئىسلامدا ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى چەكلەنگەن مۇناسىۋەت ...
1.1 MB
ئىسلامدا ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى چەكلەنگەن مۇناسىۋەت.docتنزيل مادة: ئىسلامدا ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى چەكلەنگەن مۇناسىۋەت.doc
2.
ئىسلامدا ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى چەكلەنگەن مۇناسىۋەت.pdfئىسلامدا ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى چەكلەنگەن مۇناسىۋەت ...
136.6 KB
ئىسلامدا ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى چەكلەنگەن مۇناسىۋەت.pdfتنزيل مادة: ئىسلامدا ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى چەكلەنگەن مۇناسىۋەت.pdf

 

 

ئىسلامدا نامەھرەم ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى چەكلەنگەن مۇناسىۋەت

 

50537  نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

بىر قىزنىڭ ئوغۇل دوستى ئۇنى تاشلاپ باشقا بىرى بىلەن توي قىلدى. ئۇ -يەنە بىر ئەر دوستى-توي قىلىپ بولغان بىرىگە ئۆزى توغرىلىق سۆزلەپ بېرەتتى. نەتىجىدە ئۇلار مۇھەببەتلەشتى، ئۇ ئەردىن قانداق قىلىپمۇ ئۆزىنى تارتالمىدى. ئۇ ئەر ئۇنىڭغا ئايالىنى قويۇۋېتىپ ئۇنى ئالىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى، لېكىن ئانىسى ئۇنىڭ ئايالىنى قويۇۋېتىپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشىغا قوشۇلمىدى. ھازىر ئۇلار سىرتلارغا بىللە چىقىۋاتىدۇ. بۇ دىنىمىزدا توغرىمۇ؟

جاۋاب:

مەدھىيە ئاللاھقا خاستۇر.

بىرىنچى:

سىز تەۋبە قىلىشىڭىز، ئاللاھنىڭ مەغفىرىتىنى تىلىشىڭىز، ئۆزىڭىزگە مەھرەم بولالمايدىغان ئەرلەر بىلەن ئالاقىلاشقانلىقىڭىز، سۆزلەشكەنلىكىڭىز ۋە سىرتلارغا بىللە چىققانلىقىڭىزدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىشىڭىز كېرەك.

سىز بۇ ئىككىنچى ئەر بىلەن بولغان ئالاقىڭىزنى ھېچ ئىككىلەنمەستىن دەرھال ئۈزۈپ تاشلىشىڭىز كېرەك. چۈنكى سىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىڭلار ھارامدۇر.

سىزنىڭ ئۇنىڭ ئايالىنى قويۇۋېتىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قېلىشنى قانداق كۆڭلىڭىز كۆتەردى؟ ئەگەر ئۇ ئايالنىڭ ئورنىدا سىز بولغان بولسىڭىز، ئېرىڭىزنىڭ سىزنى قويۇۋېتىپ، سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا كىرىپ ئائىلەڭلارنى بۇزماقچى بولغان باشقا بىر ئايالنى نىكاھىغا ئېلىشىنى قوبۇل قىلالامتىڭىز؟

ئىككىنچى:

بىز ئەقىللىق بىر ئادەمنىڭ قانداقمۇ ئىلگىرى باشقا بىر ئەر بىلەن ھارام مۇناسىۋەتتە بولغان، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ شۇنداق قىلمىشىدىغان تەۋبە قىلمايدىغان ئايالنى نىكاھىغا ئېلىشنى خالايدىغانلىقىنى ھېچ ئەقلىمىزگە سىغدۇرالمىدۇق.

ئەجەبا ئۇنىڭدا غۇرۇر ۋە كۈندەشلىك يوقمۇ؟ ئۇ ئەرنىڭ ئۆز ھاياتىدا قايتا پەيدا بولۇپ قېلىشىدىنمۇ ئەنسىرىمەمدۇ؟

مۇنداقچە ئېيتقانداق، ئۇ ئايال يا تەۋبە قىلدى، يا تەۋبە قىلمىدى. ئەگەر ئۇ تەۋبە قىلغان بولسا ئۇنىڭ ئەمدى باشقا ئەر بىلەن نىكاھ سىرتىدا مۇناسىۋىتى بولمايدۇ. بۇنىڭدا ئۇ ئايالنى ئېلىشنىڭ ھېچقانداق خاتا يېرى يوق. لېكىن ئۇ ئانىسىنىڭ سۆزىگە بويسۇنۇشى، بىرىنچى ئايالىنى قويۇۋەتمەسلىكى كېرەك.

ئەگەر ئۇ تەۋبە قىلمىغان بولسا ئۇنى ئەمدى ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئەرلەر بىلەنمۇ ھارام مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرمەيدۇ، دېگىلى بولمايدۇ.

شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەمدى سىزگە كەلسەك، سىزنىڭ قانداقمۇ نىكاھنىڭ سىرتىدا باشقا ئاياللار بىلەن ھارام مۇناسىۋەت ئورنىتىدىغان، كۆرۈشۈپ يۈرىدىغان ئەر بىلەن توي قىلغۇڭىز كېلىدۇ؟ ئەگەر ئۇ تەۋبە قىلسا، سىلەر ئەمدى يۈز كۆرۈشمەيسىلەر. ئەگەر ئۇ تەۋبە قىلمىسا، ئۇنىڭدەك ئەرگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ. بەلكىم ئۇنىڭ مەقسىتى پەقەتلا سىز بىلەن كۆڭۈل ئېچىش بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ راستىنلا سىز بىلەن توي قىلماقچى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنى باشقا ئاياللار بىلەن مۇشۇنداق مۇناسىۋەت باغلاشتىن توسۇپ قالالايدىغان ھېچنېمە يوق.

شۇ سەۋەبتىن ھېچ ئىككىلەنمەي ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنى ئۈزىشىڭىز، ئاللاھتىن ۋاقتىڭىزنى ھارام ئىشلارغا سەرپ قىلغىنىڭىز ئۈچۈن مەغفىرەت تىلەپ دۇئا قىلىشىڭىز كېرەك. ئاللاھقا يۈزلىنىڭ، ئاللاھتىن قەلبىڭىزنى پاكلاشنى، دىلىڭىزنى ۋە ئەقلىڭىزنى چىرىكلەشتۈرگەن  ئاشۇ ھارام مۇناسىۋەت قەلبىڭىزدە قالدۇرغان ئىزلارنى پاك-پاكىز تازىلىۋېتىشنى تىلەڭ.

ئەگەر ئاللاھقا چىن قەلبىڭىزدىن تەۋبە قىلسىڭىز، ئاللاھنىڭ سىزگە ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىسىنى نېسىپ قىلىشى، سىزگە شەرىئەت ھۆكۈملىرى بويىچە ئادىل مۇئامىلە قىلالايدىغان، رەببىڭىزنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىشىڭىزگە ياردەم قىلالايدىغان غۇرۇرلۇق ۋە دۇرۇس بىر ئادەم بىلەن توي قىلىشىڭىزنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشى، ئېتىقادلىق بىر ئائىلە قۇرۇپ، سالىھ پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشالىشىڭلار ئۈمىدلىكتۇر.

قەلبىڭىزنىڭ خاھىشىغا قۇلاق سالماڭ. قەلبىڭىزسىزنى بىر قېتىم دۇنيا ھەۋەسلىرىگە باشلاپ قويدى. ئەمدى خاھىشىڭىزنىڭ سىزنى دوزاخقا يېتەكلەپ مېڭىشىغا يول قويماڭ.

ئاللاھقا كۆپ دۇئا قىلىڭ. ئاللاھ ئۆزىگە دۇئا قىلغان ھېچ بەندىسىنى نائۈمىد قويمايدۇ. ئاللاھنىڭ ئالدىدا كەمتەرلىك بىلەن ئاللاھتىن سورىغان ئادەم ھەرگىز خارلانمايدۇ. سىزنى رەببىڭىز تەرەپكە باشلىيالايدىغان سالىھە ئايال دوستلارنى ئىزدەڭ ۋە كۆڭلىڭىزدىكى ئېيتىڭ  شۇلار ئارقىلىق غەم-قايغۇ، شەيتانىي ۋەسۋەسىلەردىن قۇتۇلۇشقا تېرىشىڭ.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

موضوعات أخرى تشير إلى هذه الصفحة
    مجموعة تعدد الزوجات ( روابط ذات صلة ) - ( عربي )
    مقالات مستقبل الإسلام ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مقالات الأعمال المهمة للمرأة المسلمة في رمضان ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى هل يجوز الجماع خلال شهر رمضان ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى حكم إجراء عملية رتق غشاء البكارة ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى قراءة القرآن أثناء الحيض ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى تريد السفر للحج مع حملة دون محرم ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى خسرت حسن عشرة زوجها بسبب علاقتها بغيره ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى النهي عن ذكر محاسن امرأة أخرى عند زوجها ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى الصداقة والعشق بين الرجل والمرأة ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مجموعة مجموعة أحكام النساء ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
Go to the Top