Print Send to your friend Contact the admin Send a comment Display Comments Embed Code
রাকাআত সংখ্যায় সন্দেহ
ফতোয়া পেইজ পরিচিতি
বিষয়ের সংযুক্তিসমূহ ( 2 )
1.
ناماز ئىچىدە  رەكئەت سانىدىن شەكلىنىش.pdfناماز ئىچىدە رەكئەت سانىدىن شەكلىنىش
126.4 KB
ناماز ئىچىدە  رەكئەت سانىدىن شەكلىنىش.pdfDownload Item: ناماز ئىچىدە  رەكئەت سانىدىن شەكلىنىش.pdf
2.
ناماز ئىچىدە  رەكئەت سانىدىن شەكلىنىش.docناماز ئىچىدە رەكئەت سانىدىن شەكلىنىش
280.8 KB
ناماز ئىچىدە  رەكئەت سانىدىن شەكلىنىش.docDownload Item: ناماز ئىچىدە  رەكئەت سانىدىن شەكلىنىش.doc

 

 

ناماز ئىچىدە  رەكئەت سانىدىن شەكلىنىش

 

سوئال نومۇرى: 33624

 

سوئال:

بەزى چاغدا ناماز ئوقۇۋاتقاندا خاتالىشىپ، ئۆزەمنىڭ نەچچە رەكئەت ناماز ئوقۇغانلىقىمنىمۇ بىلەلمەي قالىمەن. بۇنداق چاغلاردا نامازنى توختىتىپ قايتا ئوقۇشۇم كېرەكمۇ، ياكى داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇۋېرىشىم كېرەكمۇ؟

جاۋاب:

 مەدھىيە ئاللاھقا خاستۇر. شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل ئۇسەيمىندىن يۇقارقى سوئال سورالغاندا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەرگەن:

توغرا بولغان قاراشقا ئاساسلانغاندا خاتالىشىش بىلەن ئۇنىڭ نامىزى بىكار بولۇپ كەتمەيدۇ. كىشىلەر دائىم ئىختىيارسىزلا نامىزىدىن شەكلىنىپ قالىدۇ. پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە نامازدا شەكلىنىپ قېلىشقا دائىر شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن. شەك ئىككى خىل بولىدۇ:

بىرىنچى:قانچە رەكئەت ئوقۇغىنىنى بىلەلمەي قېلىش، لېكىن كۆڭلىدە مەلۇم بىر سانغا مايىل بولۇش. بۇنداق ئەھۋالدا شەكلەنگۈچى ئۆزى مايىل بولغان رەكئەت سانىنى مۇقىملاشتۇرۇپ نامىزىنى ئادا قىلىدۇ. سالام بېرىپ نامازدىن چىققاندىن كېيىن ئىككى سەجدە قىلىش بىلەن سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىدۇ.

ئىككىنچى: قانچە رەكئەت ئوقۇغىنىنى بىلەلمەي قېلىش، لېكىن كۆڭلىدە ھېچقايسى بىر سانغا مايىل بولماسلىق. بۇنداق ئەھۋالدا ئۆزى ئىشەنچ قىلغان ئاز ساندىكى رەكئەت سانىنى ئاساس قىلىپ نامىزىنى ئادا قىلىدۇ. چۈنكى بۇنى چوقۇم ئوقۇغان، بۇنىڭدىن كۆپىگە ئىشەنچ قىلالمايدۇ. ئاندىن سالام بېرىشتىن ئىلگىرى ئىككى قېتىم سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىپ ئاندىن نامازدىن چىقىدۇ.

 

সম্মিলিত লিংক
    প্রবন্ধ ইস্তেখারার নামাজ ও তার উদ্দেশ্য ( আনুষঙ্গিক বিষয়সমূহ ) - ( উইগুর )
Go to the Top