مجموعة أحكام النساء | الزكات والصدقة | صفحة خاصة لموسم الحج | مجموعة رمضانية
طباعة أرسل إلى صديق راسل المشرف أرسل تعليق استعراض التعليقات جلب كود html للصفحة
هل يجوز صيام يوم النصف من شعبان؟
فتاوى بطاقة الصفحة
مرفقات الصفحة ( 2 )
1.
شەئبان ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كۈنى (ئاتالمىش تۈنەك كۈنىدە) روزا تۇتۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟.docشەئبان ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كۈنى (ئاتالمىش تۈنەك ...
1.1 MB
شەئبان ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كۈنى (ئاتالمىش تۈنەك كۈنىدە) روزا تۇتۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟.docتنزيل مادة: شەئبان ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كۈنى (ئاتالمىش تۈنەك كۈنىدە) روزا تۇتۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟.doc
2.
شەئبان ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كۈنى (ئاتالمىش تۈنەك كۈنىدە) روزا تۇتۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟.pdfشەئبان ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كۈنى (ئاتالمىش تۈنەك ...
128.6 KB
شەئبان ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كۈنى (ئاتالمىش تۈنەك كۈنىدە) روزا تۇتۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟.pdfتنزيل مادة: شەئبان ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كۈنى (ئاتالمىش تۈنەك كۈنىدە) روزا تۇتۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟.pdf

 

شەئبان ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كۈنى (ئاتالمىش تۈنەك كۈنىدە) روزا تۇتۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

 

49675-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

كۈندۈزى روزا تۇتۇپ كېچىسى ناماز ئوقۇش ئاللاھغا قىلىنىدىغان نەپلە ئىبادەتلەردىن بولۇپ بۇ پەزىلەتلىك ئەمەللەرنىڭ جۈملىسىدىن، " شەئبان ئېيىنىڭ ئۇتتۇرى(ئون بەشىنچى كۈنى) بولغاندا كېچىدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇڭلار، كۈندۈزدە روزا تۇتۇڭلار" دېگەن ھەدىسنىڭ زەئىپ ئىكەنلىكىنى بىلسەكمۇ لېكىن پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى قىلىش ئۈچۈن بۇ ھەدىسكە ئەمەل قىلساق بولامدۇ؟.  

جاۋاپ:

بىرىنچى: شەئبان ئېيىنىڭ ئۇتتۇرى( ئون بەشىنچى كۈنى) بولغاندا كېچىدە ناماز ئوقۇپ كۈندۈزدە روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا سۆزلەنگەن ھەدىسلەر پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان زەئىپ ھەدىسلەرنىڭ جۈملىسىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇ توقۇلما ۋە باتىل، ئەمەل قىلىنمايدىغان ھەدىسلەردىن، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەدىسلەرنى قوبۇل قىلىشقا ۋە ھۆكمىگە ئەمەل قىلىپ پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى قىلىشتا ئۇنىڭغا قىياس قىلىپ ئىبادەت خاراكتىرلىق ئەمەللەرنى قىلىشقا بولمايدۇ.

نۇرغۇن ئالىملار: بۇ مەزمۇندا سۆزلەنگەن ھەدىسلەرنىڭ توقۇلما ۋە ئەمەل قىلىنمايدىغان باتىل ھەدىسلەر ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلدى، ئۇلاردىن:

ئىبنى جەۋزىي ئۆزىنىڭ "موۋزۇئات"(توقۇلما ھەدىسلەر) دېگەن كىتابىنىڭ2- توم 440-445-بەتلىرىدە بۇ ھەقتە بايان قىلىدۇ.

ئبنى قەييىم جەۋزىيە ئۆزىنىڭ "مانارىل مۇنىيپ" دېگەن كىتابىدا 174 -177 نومۇرلۇق ئابزاستا توختىلىدۇ.

ئەبۇ شامەتە ئەششاپىئي "ئەلبائىس ئەلا ئىنكارىل بىدئە ۋەلھەۋادىس" دېگەن كىتابىنىڭ137-124 -بەتلىرىدە بۇ ھەقتە توختالغان .

ئەل ئىراقىي "تەخرىج ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىين" دېگەن كىتابىنىڭ 582-نومۇرلۇق بولۇمىدە بۇ ھەقتە سۆزلەيدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە"مەجمۇئەتىل پەتىۋا» دېگەن ئەسىرىنىڭ 28-138 بەتلىرىدە بۇ توغرىدىكى ھەدىسلەرنىڭ باتىل ئىكەنلىكىگە ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

شەيخ ئىبنى باز(ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن)" شەئبان ئېيىنىڭ ئۇتتۇرى(ئون بەشىنچى كۈنى) بولغاندا كېچىدە يېغىلىشنىڭ ھۆكمى" دە مۇنداق دېدى: ھەقىقەتەن شەئبان ئېيىنىڭ ئۇتتۇرى(ئون بەشىنچى كۈنى) بولغاندا كېچىدە يېغىلىپ ناماز ئوقۇش ۋە باشقا ئىبادەتلەرنى قىلىش، كۈندۈزنى روزا تۇتۇش بىلەن ئۆتكۈزۈش بولسا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا ئىنكار قىلىنىدىغان بىدئەتلەرنىڭ جۈملىسىدىن ۋە پاك شەرىئەتتە بۇنىڭ ھىچ قانداق ئاساسى يوق. يەنە مۇنداق دېدى: شەئبان ئېيىنىڭ ئۇتتۇرى(ئون بەشىنچى كۈنى) بولغاندا خاس ئىبادەتلەرنى قىلىشقا بۇيرۇلغان سەھىھ ھەدىسلەر يوق، ئەمما بۇ مەزمۇندا سۆزلەنگەن ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى توقۇلما ۋە دىندا ئەسلى بولمىغان زەئىپ ھەدىسلەردىن.

بۇ ئادەتتىكى بىر كېچە بولۇپ بۇ كېچىگە خاسلاشتۇرۇپ قۇرئان ئوقۇش، خاس نامازلارنى ئوقۇش ۋە بىر جايغا يېغىلىپ ئىبادەت قىلىش توغرا ئەمەس، ئەمما بەزەن ئالىملارنىڭ بۇ كېچىنىڭ خۇسۇسىيىتى توغرىسىدا دېگەن سۆزلىرى بولسا ئاساسى ئاجىز  سۆزلەر، ئىشنىڭ توغرىسى بۇ كېچىنى مەلۇم ئىبادەتلەرگە خاس قىلىۋېلىش توغرا ئەمەس. "پەتىۋا ئىسلامىيە"4-توم 511- بەت.

ئىككىنچى: ئەگەر بۇ ھەدىسلەرنىڭ توقۇلما ئەمەس بەلكى زەئىپ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغاندىمۇ: ئالىملارنىڭ سەھىھ توغرا سۆزلىرىگە ئاساسەن زەئىپ ھەدىسلەرنى گەرچە پەزىلەتلىك ئەمەللەردە بولسۇن ياكى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش ئىشلىرىدا بولسۇن مۇتلەق قوبۇل قىلماسلىق، زەئىپ ھەدىسلەرگە ئەمەل قىلمىسىمۇ مۇسۇلمانلارنى ئەمەللەردىن بىھاجەت قىلىدىغان سەھىھ ھەدىسلەر ناھايىتى كۆپ، شەئبان ئېيىنىڭ ئۇتتۇرى(ئون بەشىنچى كۈنى)نىڭ كېچىسى ياكى كۈندۈزىنى بىرەر ئىبادەتكە خاس قىلىۋېلىش بولسا ئىسلام شەرىئىتىدە، مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ ۋە ساھابىلارنىڭ قارىشىدىمۇ تونۇلمىغان بىر ئىش.

ئەللامە ئەھمەد شاكىر مۇنداق دەيدۇ: ھۆكۈملەردە ۋە پەزىلەتلىك ئەمەللەردە زەئىپ ھەدىسلەر ۋە شۇنىڭدەك ئاساسسىز ھەدىسلەرنى قوبۇل قىلماسلىقنىڭ ھىچ پەرقى يوق ئوخشاش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ياكى ھەسەن بولغان ھەدىسلەردىن باشقا ھەدىسلەر ھىچ قانداق كىشى ئۈچۈن ھۆججەت، دەلىل بولالمايدۇ. (ئەل بائىسۇل ھەسىس1-توم 278  - بەت).

يەنىمۇ ئارتۇقچە مەلۇمات ئېلىشنى مەقسەت قىلسىڭىز «ئەل قوۋلۇل مۇنىب پى ھۆكمىل ئەمەلى بىلھەدىس ئەززەئىپ» دېگەن كىتابقا مۇراجىئەت قىلىڭ.

توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

       

موضوعات أخرى تشير إلى هذه الصفحة
    مجموعة ملف شهر شعبان ( روابط ذات صلة ) - ( عربي )
    فتاوى الصيام يوم الشك ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى أخذ الحقن للصائم ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مقالات هدية رمضانية لعامة المسلمين ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى هل ينكر على من رؤي يأكل ناسياً في رمضان ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مقالات الأعمال الصالحة في رمضان وأنواعها ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى الأعذار التي تبيح الفطر في رمضان ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى الترغيب في صيام أيام البيض وشهر شعبان ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
Go to the Top