مجموعة أحكام النساء | الزكات والصدقة | صفحة خاصة لموسم الحج | مجموعة رمضانية
طباعة أرسل إلى صديق راسل المشرف أرسل تعليق استعراض التعليقات جلب كود html للصفحة
أصناف الناس في رمضان
مقالات بطاقة الصفحة
مرفقات الصفحة ( 2 )
1.
ئىنسانلارنىڭ رامىزاندىكى ھالەتلىرى.docئىنسانلارنىڭ رامىزاندىكى ھالەتلىرى
378.5 KB
ئىنسانلارنىڭ رامىزاندىكى ھالەتلىرى.docتنزيل مادة: ئىنسانلارنىڭ رامىزاندىكى ھالەتلىرى.doc
2.
ئىنسانلارنىڭ رامىزاندىكى ھالەتلىرى.pdfئىنسانلارنىڭ رامىزاندىكى ھالەتلىرى
119.5 KB
ئىنسانلارنىڭ رامىزاندىكى ھالەتلىرى.pdfتنزيل مادة: ئىنسانلارنىڭ رامىزاندىكى ھالەتلىرى.pdf


 

ئىنسانلارنىڭ رامىزاندىكى ھالەتلىرى

 

2008-يىلى 08-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

 ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمەنامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا:

"ئۇلۇغ رامىزان ئېيى مۇسۇلمان ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك پۇرسەت، ھەرقانداق شارائىت ئاستىدا زايا قىلىۋەتمەسلىكى لازىم" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.

 رامىزان ئېيى مۇسۇلمان ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋېلىشقا ئەرزىيدىغان ئۇلۇغ بىر مەۋسۇم. ئاللاھ تائالا بىز مۇسۇلمانلارنىڭ شەرىپى ئۈچۈن بۇ رامىزان ئېيىنى نېمەت قىلىپ بەرگەن. رامىزان كۈنلىرىدە، كېچىلەردىكى نامازلار، ياخشىلىققا ئالدىراش ھەتتا ياخشىلىق يولىدا بەس تالىشىش، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بارلىق كۈچى بىلەن تىرىشىش ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئارزۇسىدۇر.

كىشىلەر بۇ ئۇلۇغ رامىزاننى قارشى ئېلىشتا ئوخشاش بولمىغان يوللارنى تاللىغان بولۇپ، بەزىلەرنىڭ رەڭگارەڭ يېمەك -ئىچىملىكلەرنى تەييارلاش، مەخسۇس رامىزانلىق تىلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرۈش، كىچىدە ئۇخلىماي چايخانا، قەھۋەخانىلاردا ئولتۇرۇش بىلەن ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىدىغانغا تەييارلىقىنى قىلىۋاتقانلارمۇ يوق ئەمەس. ئۇنداقلارنىڭ بارلىق غېمى يېمەك-ئىچمەك، پۇل بۇزۇش، ۋاقىت ئىسراپ قىلىش، كۈندۈزى ھەركەت قىلماستىن ئۇخلاپ، كېچىلىرى ھاۋايى ھەۋەسنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ ۋاقتىنى زايا قىلىش، ھەتتا پەرز نامازلار بىلەنمۇ كارى يوق تاماشا قىلىدىغانلار ئىنتايىن كۆپ. ئۇ يىلدىن بۇ يىلغا قۇرئان تىلاۋەت قىلمايدىغانلارمۇ خېلى سالماقنى ئىگەللەيدۇ. رامزاننىڭ ھەقىقىي روھانىي غايىسى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىن غايىپ بولغان بولۇپ تەۋبە-ئىستىغپار قىلىدىغان پۇرسەتنى زايا قىلىشتىن باشقا نەتىجە بولمىغان. لېكىن شۇنداق كىشىلەرمۇ كۆپكى ئۇلار رامزاننىڭ ھەقىقىي غايىسىنى ياخشى چۈشەنگەن، يىلدا بىر كىلىدىغان بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ رامىزان كىرىش بىلەن بەلنى مۇستەھكەم باغلاپ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىبادەتكە بېرىلىدىغان، روھىي دۇنياسىنى بارلىق دۇنيانىڭ غەلىغەشلىرىدىن تازىلايدىغان كىشىلەرمۇ ئاز ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى مەرتىۋىسى ئىنتايىن ئۇلۇغدۇر. ئۇلار بۇ مۇبارەك ئاينىڭ ھەقىقىي پەزىلىتىنى تونۇپ يەتكەنلەردۇر. ئاللاھ بۇ ئۇلۇغ ئاينى سۈپەتلەپ مۇنداق دېگەن: « بۇ رامىزان ئاي شۇنداق بىر ئايكى، ئاللاھ،  كىشىلەر ئۈچۈن ھىدايەت، ھەق-ناھەقنى ئايرىغۇچى ۋە ھىدايەتنى بايان قىلغۇچى قۇرئان كەرىمنى بۇ ئايدا نازىل قىلغان،». ياخشى كىشىلەر بۇ ئايدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەمەل قىلغان ھالدا جان جەھلى بىلەن ئەمەل قىلىدۇ. بۇ ئايدا جەننەتنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىدۇ. جەھەننەمنىڭ دەرۋازىسى يېپىلىدۇ. شەيتانلار زەنجىرلەر بىلەن باغلىنىدۇ.  رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:" رامىزان ئاي كىرسە جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ، جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرى تاقىلىدۇ، شەيتانلار زەنجىرلەر بىلەن باغلىنىدۇ".  بۇ ئاينىڭ پەزىلىتى شۇنداقكى، ئاللاھنىڭ پەزلى-كېرىمى ياغىدۇ، شەيتانلارنىڭ مۆمىنلەرگە مۇسەللەت قىلىنىشى چەكلىنىدۇ. بۇ ئايدا روزا تۇتۇش ئىنساننىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلىشقا سەۋەپ بولىدۇ.  رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام شۇنداق دېگەن: «كىمكى رامىزاندا ياخشى نىيەت، ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ روزا تۇتىدىكەن ئۇنىڭ ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ». كەچۈرۈم قىلىنىدىغان گۇناھلار ئۆلىمالارنىڭ نەزىرىدە كىچىك گۇناھلاردۇر. گۇناھى كەبىرلەر بولسا تەۋبە ئارقىلىقلا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يەنە بىر ھەدىسىدە:« بەش ۋاقىت ناماز، جۈمەدىن يەنە بىر جۈمە ئارىلىقى، رامزاندىن يەنە بىر رامىزانغىچە، ئىشلەنگەن گۇناهلارغا، گۇناھى كەبىرە سادىر قىلمىغان تەقدىردە، شۇ ئىبادەتلەر  گۇناھلارغا كەپپارەت بولىدۇ".

بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ئۇلۇغ رامىزان ئېيىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. رامىزان ئېيى ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىپ، تەۋبىگە كۆپ ئەھمىيەت بىرىدىغان ئايدۇر.  جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام رامىزان ئېيىدا ھەركېچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قېشىغا چۈشۈپ قۇرئاننى ئوقۇتۇپ تۇراتتى.  روزا تۇتقۇچىلار ئەقىللىق كىشىلەردىن سانىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاللاھقا ئىتائەت قىلىپ، ئاللاھنىڭ ھىدايىتىنى تىلەيدۇ. مۆمىنلەر رامىزان ئاينىڭ كىرىشىدىن خۇشاللىق ھېس قىلىدۇ. بۇ ئايدىن مۇكەممەل پايدىلىنىدۇ. ۋاقىتلىرىنى زايا قىلمايدۇ. بىھۇدە ئىشلار بىلەن ئۆزىنى مەشغۇل قىلمايدۇ. روزا تۇتقان كىشى ئاللاھ ئۈچۈن يېمەك-ئىچمىكى، شەھۋىتىنى تاشلايدۇ. ھەرقانچە ئۇسسۇزلۇق ھېس قىلسىمۇ، ئاچلىق ھېس قىلسىمۇ ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن سەبرى قىلىدۇ. بۇ مۆمىنلەر ئۈچۈن بىر ئىمتىھان سىناقتۇر.

موضوعات أخرى تشير إلى هذه الصفحة
    مجموعة ملف شهر رمضان ( روابط ذات صلة ) - ( عربي )
    مجموعة مجموعة رمضانية ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مقالات بلوغ رمضان نعمة عظيمة ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى أخذ الحقن للصائم ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مقالات رمضان شهر الجود والكرم ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مقالات هدية رمضانية لعامة المسلمين ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى هل ينكر على من رؤي يأكل ناسياً في رمضان ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مقالات الأعمال الصالحة في رمضان وأنواعها ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى هل يجوز الجماع خلال شهر رمضان ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مقالات العشر الأواخر وليلة القدر ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مقالات دور شهر رمضان في حياة الإنسان ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى خصائص شهر رمضان ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مقالات شهر رمضان ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى حال المسلم في رمضان ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
Go to the Top