مجموعة أحكام النساء | الزكات والصدقة | صفحة خاصة لموسم الحج | مجموعة رمضانية
طباعة أرسل إلى صديق راسل المشرف أرسل تعليق استعراض التعليقات جلب كود html للصفحة
الزكاة تجب على المقرض لا على المقترض
فتاوى بطاقة الصفحة
مرفقات الصفحة ( 2 )
1.
قەرز ئالغان مالنىڭ زاكىتىنى قەرز ئالغۇچى ئەمەس بەلكى قەرز بەرگۈچى ئادا قىلىدۇ.docقەرز ئالغان مالنىڭ زاكىتىنى قەرز ئالغۇچى ئەمەس ...
373.5 KB
قەرز ئالغان مالنىڭ زاكىتىنى قەرز ئالغۇچى ئەمەس بەلكى قەرز بەرگۈچى ئادا قىلىدۇ.docتنزيل مادة: قەرز ئالغان مالنىڭ زاكىتىنى قەرز ئالغۇچى ئەمەس بەلكى قەرز بەرگۈچى ئادا قىلىدۇ.doc
2.
قەرز ئالغان مالنىڭ زاكىتىنى قەرز ئالغۇچى ئەمەس ....pdfقەرز ئالغان مالنىڭ زاكىتىنى قەرز ئالغۇچى ئەمەس ...
111.6 KB
قەرز ئالغان مالنىڭ زاكىتىنى قەرز ئالغۇچى ئەمەس ....pdfتنزيل مادة: قەرز ئالغان مالنىڭ زاكىتىنى قەرز ئالغۇچى ئەمەس ....pdf

 

 

قەرز ئالغان مالنىڭ زاكىتىنى قەرز ئالغۇچى ئەمەس بەلكى قەرز بەرگۈچى ئادا قىلىدۇ

 

105300- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

مەن بىر كىشىدىن 5000 يۇئەن قەرز ئېلىپ  ئىشلەتتىم،  مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن  ئۇ كىشى ماڭا: پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بەرگىن، مەن ئۇ پۇلنىڭ زاكىتىنى بەرمەكچى دېدى، لېكىن مەن بۇ ۋاقىتتا پۇلنى قايتۇرالمىدىم، ئۇ كىشى ماڭا: قەرز بەرگەن پۇلنىڭ زاكىتىنى مىنىڭ بېرىشىم توغرا ئەمەس، سەن بېرىشىڭ كېرەك دېدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ پۇلنىڭ زاكىتىنى مەن ئادا قىلىشقا قىستالدىم، مۇشۇنداق ھالەتتە بۇ پۇلنىڭ زاكىتىنى مەن ئادا قىلىشىم كېرەكمۇ؟.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر.

قەرز بەرگۈچى كىشى ئىككى تۈرلۈك خاتا ئىش قىلدى.

بىرىنچى: ئۇ كىشى ئۆزى بەرگەن قەرزدىن ئارتۇق ھەق تەلەپ قىلدى، قەرز بەرگۈچىنىڭ قەرز ئالغان كىشىدىن مەلۇم مەنپەئەت ياكى ئارتۇق ھەق ئېلىشى توغرا ئەمەس، چۈنكى قەرز بېرىش دېگەن ساۋابنى مەقسەت قىلىپ باشقىلارغا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت، شۇنىڭ ئۈچۈن قەرز بەرگۈچىنىڭ قەرز ئالغان كىشىدىن ئارتۇق ھەق ئېلىشى ياكى تەلەپلەرنى قويۇشى توغرا ئەمەس، بۇنداق قىلىش ئەڭ چوڭ جازانىخورلۇق ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«  مەلۇم مەنپەئەتنى مەقسەت قىلىپ بەرگەن ھەرقانداق قەرز جازانىخور». گەرچە بۇ ھەدىس ھەققىدە بەزەن قاراشلار بولسىمۇ، لېكىن بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشى؛ قەرز بەرگۈچىنىڭ قەرز بېرىش سەۋەبىدىن قەرز ئالغان كىشىنىڭ مېلىدىن مەنپەئەتلىنىشى توغرا ئەمەس.

بۇ كىشىنىڭ قىلغان ئىشى جازانىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئادەم ئاللاھغا تەۋبە قىلىپ قەرزدىن ئارتۇق ھەقنى قايتۇرۇشى كېرەك.(يەنى قەرز ئالغۇچى چىقارغان زاكات مىقدارىنى قايتۇرۇپ، ئۆزى ئۇ پۇلنىڭ زاكىتىنى قايتا چىقىرىشى لازىم).

ئىككىنچى: مالنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلىش پەقەت مالنىڭ ئېگىسىگە كېلىدۇ، باشقىلارغا كەلمەيدۇ، قەرز ئالغان كىشىنىڭ مالنىڭ زاكىتىنى بېرىشى بىلەن  قەرز بەرگۈچىنىڭ زىممىسىدىن زاكات  ئادا قىلىنغان بولمايدۇ، چۈنكى زاكات دېگەن قەرز بەرگۈچىگە پەرز بولۇپ، بۇنى ئادا قىلىش قەرز بەرگۈچىدىن تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۇچىدۇر.

 

 

موضوعات أخرى تشير إلى هذه الصفحة
    مجموعة ملف أحكام الزكاة ( روابط ذات صلة ) - ( عربي )
    مجموعة مجموعة رمضانية ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى وقت إخراج زكاة الفطر ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى حكم الحج قبل قضاء الدين ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
Go to the Top