مجموعة أحكام النساء | الزكات والصدقة | صفحة خاصة لموسم الحج | مجموعة رمضانية
طباعة أرسل إلى صديق راسل المشرف أرسل تعليق استعراض التعليقات جلب كود html للصفحة
حج المرأة في رفقة نساء دون محرم
فتاوى بطاقة الصفحة
مرفقات الصفحة ( 2 )
1.
ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز ھالەتتە باشقا ئاياللارنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەج قىلىشى توغرىسىدا.docئاياللارنىڭ مەھرەمسىز ھالەتتە باشقا ئاياللارنىڭ ...
975 KB
ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز ھالەتتە باشقا ئاياللارنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەج قىلىشى توغرىسىدا.docتنزيل مادة: ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز ھالەتتە باشقا ئاياللارنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەج قىلىشى توغرىسىدا.doc
2.
ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز ھالەتتە باشقا ئاياللارنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەج قىلىشى توغرىسىدا.pdfئاياللارنىڭ مەھرەمسىز ھالەتتە باشقا ئاياللارنىڭ ...
88.2 KB
ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز ھالەتتە باشقا ئاياللارنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەج قىلىشى توغرىسىدا.pdfتنزيل مادة: ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز ھالەتتە باشقا ئاياللارنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەج قىلىشى توغرىسىدا.pdf

 

ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز ھالەتتە باشقا ئاياللارنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەج قىلىشى توغرىسىدا

 

34380- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

مەن سەئۇدى ئەرەبىستاندا مۇقىم تۇرۇپ خىزمەت قىلىمەن، ئۆتكەن يىلى ئېككى ئايال خىزمەتدىشىم بىلەن مەھرەمسىز ھالدا ھەج قىلدىم، بۇ توغرا بولامدۇ؟

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بۇ ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز ھەج قىلىشى بۇ ھەدىسكە ئاساسەن توغرا ئەمەس، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇتبە سۆزلەپ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئايال كىشىنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى توغرا ئەمەس، دېگەندە. بىر كىشى: يا رەسۇلۇللاھ! مەن جىھادقا چىقىشقا تىزىملاتقانىدىم، ئايالىم ھەجگە بارماقچى ئىدى؟ دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: سەن ئايالىڭ بىلەن ھەجگە بىرگە بارغىن دەيدۇ». بۇخارىي(3006)ۋە مۇسلىم(1341).

ئايال كىشىنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى توغرا ئەمەس، مەھرەم دېگەن: نەسەب ياكى باشقا سەۋەبلەردىن ئۇ ئايال بىلەن توي قىلىشى مەڭگۈلۈك چەكلەنگەن كىشىدۇر، مەھرەم بولغۇچىنىڭ بالاغەتكە يەتكەن، ئەقلى-ھوشى جايىدا بولىشى شەرت قىلىنىدۇ، كىچىك بالا ۋە ئەقلى-ھوشى جايىدا بولمىغان كىشىلەر مەھرەم بولالمايدۇ. بۇنىڭدىكى ھېكمەت قىز-خانىملارنىڭ يۈز-ئابرۇيى ۋە شەرىپىنى قوغداش، ئاللاھتىن قورقمايدىغان ھاياسىزلارنىڭ ناچار قىلىقلىرىغا يول قويماسلىقتىن ئىبارەتتۇر.

قىز-خانىملارنىڭ يالغۇز  سەپەر قىلىشى ياكى ئاياللار بىلەن بىرگە سەپەر قىلىشىنىڭ ھېچ پەرقى يوق، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكى ئاياللار بىلەن بىرگە ئەڭ خاتىرجەم شارائىتتا بولسىمۇ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى توغرا ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايالى ھەجگە بارماقچى بولغان كىشىدىن: ئايالىڭ يالغۇز بارامدۇ ياكى ئاياللار بىلەن بىرگە بارامدۇ دەپ سورىمىدى.

ھازىرقى ۋاقىتتا بەزەن كىشىلەر بۇ مەسىلىگە سەل قاراپ ئايرۇپىلاندا ئاياللارنى مەھرەمسىز يولغا سالىدۇ، بو ئومۇمى دەلىللەرگە زىت كېلىدۇ. ئايرۇپىلاندا قىلغان سەپەرمۇ باشقا سەپەرلەرگە ئوخشاش خەتەرگە دۈچ كېلىدۇ.

ئايالنى مەھرىمى ئايدۇرۇمدا يولغا سالغاندىن كىيىن  ئايال يالغۇز مەھرەمسىز كۈتۈش زالىغا كېرىدۇ، ئايرۇپىلان بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا قوزغىلىشى ياكى مەلۇم سەۋەبلەردىن كېچىكىپ قوزغىلىشى، بەلگىلەن ئايدۇرۇمغا چۈشىشى ياكى باشقا ئايدۇرۇملارغا چۈشىشى مۇمكىن. بۇ ئايالنى كۈتۈۋالىدىغان تۇغقانلىرى ۋاقتىدا ئايدۇرۇمغا يىتىپ كېلىشى ياكى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن كېچىكىپ كېلىشى مۇمكىن، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ھەقىقى ئاللاھتىن قورقۇدىغان ئاياللار ھەجگە ياكى باشقا سەپەرلەرگە مەھرەمسىز يالغۇز چىقماسلىقى كېرەك. ئاللاھ ياردەم بەرگۈچىدۇر.

«ھەج- ئۆمرە پائالىيەتلىرىدە يۈز بېرىدىغان خاتالىقلار» دېگەن كىتابقا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

 

 

موضوعات أخرى تشير إلى هذه الصفحة
    مجموعة صفحة خاصة لموسم الحج ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى نصائح للحاج قبل سفره إلى الحج ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى الحكمة من تشريع الحج مرة واحدة في العمر ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى الحج فرض على المرأة كما هو فرض على الرجل ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى الأخطاء التي تقع في زيارة المسجد النبوي ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى يسأل عن فضل العشر من ذي الحجة ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى محظورات الإحرام ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى صفة العمرة ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى خصوصيات النساء في الحج ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى أثر الحج على نفس المسلم وحياته ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى زيارة المسجد النبوي ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى من فوائد الحج ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى تاريخ الحج ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مقالات فضل لقاصد بيت الله الحرام ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مقالات الحجاج هم ضيوف الرحمن ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مجموعة مجموعة أحكام النساء ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مقالات الحج مكانته ودوره في الإسلام ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
Go to the Top