مجموعة أحكام النساء | الزكات والصدقة | صفحة خاصة لموسم الحج | مجموعة رمضانية
طباعة أرسل إلى صديق راسل المشرف أرسل تعليق استعراض التعليقات جلب كود html للصفحة
حكم نجاسة لحم الخنزير
فتاوى بطاقة الصفحة
مرفقات الصفحة ( 2 )
1.
توڭگۇز گۆشىغا ئىشلىتىلگەن نەرسىلەرنى قوللانغىلى بولامدۇ؟.docتوڭگۇز گۆشىغا ئىشلىتىلگەن نەرسىلەرنى قوللانغىلى ...
435 KB
توڭگۇز گۆشىغا ئىشلىتىلگەن نەرسىلەرنى قوللانغىلى بولامدۇ؟.docتنزيل مادة: توڭگۇز گۆشىغا ئىشلىتىلگەن نەرسىلەرنى قوللانغىلى بولامدۇ؟.doc
2.
توڭگۇز گۆشىغا ئىشلىتىلگەن نەرسىلەرنى قوللانغىلى بولامدۇ؟.pdfتوڭگۇز گۆشىغا ئىشلىتىلگەن نەرسىلەرنى قوللانغىلى ...
84.9 KB
توڭگۇز گۆشىغا ئىشلىتىلگەن نەرسىلەرنى قوللانغىلى بولامدۇ؟.pdfتنزيل مادة: توڭگۇز گۆشىغا ئىشلىتىلگەن نەرسىلەرنى قوللانغىلى بولامدۇ؟.pdf

 

توڭگۇز گۆشىغا ئىشلىتىلگەن نەرسىلەرنى قوللانغىلى بولامدۇ؟

 

10528- نومۇرلۇق سوئال

مەن توڭگۇز گۆشىنى كەسكەن پىچاق، قازان، تەخسە-قوشۇقلارنى يەتتە قېتىم سۇ بىلەن بىر قېتىم توپا ياكى قۇم بىلەن يۇيۇش كېرەك دەپ ئاڭلىدىم، بۇ توغرىمۇ؟ بۇ قايسى ھەدىستىن ئىلىنغان ھۆكۈم؟ بۇنى سوپۇن بىلەن بىر قېتىم يۇسا پاكىز بولمامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

توڭگۇز گۆشى ھارام بولۇپ بۇ گۆشنى ۋە مايلىرىنى ۋە باشقا ھەممە نەرسىلىرىنى يېيىش چەكلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، چوشقا گۆشىنى يېيىشنى ھارام قىلدى». سۈرە مائىدە 3-ئايەت.

مۇسۇلمانلار توڭگۇزنىڭ ھەممە يېرىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە بىردەك ئىتتىپاقتۇر. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ تەركىبىدە زىيانلىق مىكروبلار ۋە نىجىس-پاسكىنا ماددىلار بولغانلىقتىن ھارام قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئېيتقىنكى، ساڭا ۋەھىي قىلىنغان ئەھكاملار ئىچىدە، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان نەرسە ياكى ئېقىپ چىققان قان ۋە ياكى چوشقا گۆشى- چوشقا نىجىس يېمەكلىكلەرگە ئادەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن چوشقا گۆشى پاسكىنىدۇر». سۈرە ئەنئام 145-ئايەت. چوشقا گۆشى تەركىبىدە كېسەللىكلەر بولۇپ كىشىلەر ئېلىم-مەرىپەتتە تەرەققى قىلغانسېرى چوشقا گۆشىنى يېيىش سەۋەبلىك بارلىققا كىلىدىغان ھەر تۈرلۈك يېڭى كېسەللەرنى بايقاپ چىقتى.

مۇسۇلمان كىشى ھارامدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇنداق پاسكىنا نەرسىلەر ئىستىمال قىلىنىدىغان ئورۇنلاردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك.

ئەمما توڭگۇز گۆشىغا ئىشلىتىلگەن قاچا- قوشۇق ۋە پىچاقلارنى ياخشىلاپ سوپۇن بىلەن بىر قېتىم پاكىزە يۇيۇۋېتىپ قوللانسا بولىدۇ. توڭگۇزنىڭ نىجاسىتى باشقا نىجاسەتلەرگە ئوخشاش بولۇپ بۇنى يەتتە قېتىم سۇ بىلەن بىر قېتىم قۇم-توپا بىلەن يۇيۇش ھەققىدە ئوچۇق دەلىل يوق.

ئاللاھ ھەممىدىن توغرىسىنى بىلگۈچى.


 

روابط ذات صلة
موضوعات أخرى تشير إلى هذه الصفحة
    فتاوى حكم نجاسة لحم الخنزير ( روابط ذات صلة ) - ( عربي )
    مجموعة ملف تحريم لحم الخنزير ( روابط ذات صلة ) - ( عربي )
    فتاوى حكم نجاسة لحم الخنزير ( روابط ذات صلة ) - ( ألماني )
    فتاوى حكم نجاسة لحم الخنزير ( روابط ذات صلة ) - ( هندي )
    فتاوى نصراني يسأل عن سبب تحريم لحم الخنزير ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مقالات خطر(إنفلونزا الخنازير) على العالم ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى حكم نجاسة لحم الخنزير ( روابط ذات صلة ) - ( أردو )
    فتاوى حكم نجاسة لحم الخنزير ( روابط ذات صلة ) - ( صيني )
Go to the Top