مجموعة أحكام النساء | الزكات والصدقة | صفحة خاصة لموسم الحج | مجموعة رمضانية
طباعة أرسل إلى صديق راسل المشرف أرسل تعليق استعراض التعليقات جلب كود html للصفحة
هل تشاركين بعيد الحب؟
فتاوى بطاقة الصفحة
مرفقات الصفحة ( 2 )
1.
ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئىشتىراك قىلماقچىمۇ؟.docئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئىشتىراك قىلماقچىمۇ؟ ...
435 KB
ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئىشتىراك قىلماقچىمۇ؟.docتنزيل مادة: ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئىشتىراك قىلماقچىمۇ؟.doc
2.
ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئىشتىراك قىلماقچىمۇ؟.pdfئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئىشتىراك قىلماقچىمۇ؟ ...
83 KB
ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئىشتىراك قىلماقچىمۇ؟.pdfتنزيل مادة: ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئىشتىراك قىلماقچىمۇ؟.pdf

 

ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئىشتىراك قىلماقچىمۇ؟

 

سوئال:

يېقىنقى زاماندىن بىرى جەمئىيىتىمىزدە خۇسۇسەن قىز ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئاتالمىش «ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى»نى قۇتلۇقلاش يامراپ كېتىۋاتىدۇ.

بۇ بايرام خرىستىئانلارنىڭ بايراملىرىدىن بولۇپ، يىغىلىشقا قاتناشقۇچىلار ھەممىسى قىزىل رەڭلىك كېيىم كىيىشىدۇ ۋە ئۆز-ئارا قىزىل گۈللەرنى سوۋغا قىلىشىدۇ. سىلىدىن بۇ بايرامغا قاتنىشىشنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىپ بېرىشلىرى بىلەن بىرگە، ئومۇمى مۇسۇلمانلارغا بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلاردا دىققەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا يوليورۇق بېرىشلىرىنى ئۈمىت قىلىمەن.

جاۋاب:

ناھايىتى مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

«ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى»غا ئىشتىراك قىلىش دىنىمىزدا تۆۋەندىكىدەك نەچچە تەرەپلىمىلىك دۇرۇس ئەمەس:

بىرىنچى: بۇ بايرام بىدئەت بولۇپ، ئىسلام شەرىئىتىدە ھېچ قانداق ئاساسى يوق.

ئىككىنچى: بۇ بايرامغا قاتنىشىش دىنىمىزدا چەكلىمە قويۇلغان بىنورمال ئىشىق-مۇھەببەتكە تەرغىب قىلىدۇ.

بۇ بايرامغا قاتنىشىش ئىنسان قەلبىنى سۈننەت ۋە سەلەپ ئالىملارنىڭ ساغلام يوللىرىدىن يىراقلاشتۇرۇپ بىمەنە ئەھمىيەتسىز ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلىپ قويىدۇ.

مۇسۇلمان كىشى  بۇ كۈندە( يەنى 02-ئاينىڭ 14-كۈنى) بايرامغا ئەھمىيەت بەرگەن ئاساستا، يېمەك-ئىچمەك ياكى كېيىم -كېچەك، دوستلار، ساۋاقداشلار ۋە خىزمەتداشلار ئارىسىدا ئۆز-ئارا قۇتلۇقلىشىش ۋە بۇ كۈننى پەرقلىق ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىشى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، مۇسۇلمان ئۆز ئەقىدىسى ۋە دىنى بىلەن پەخىرلىنىشى، شامال چىققان تەرەپكە كىتىۋەرمەستىن ئەقىدىسىدە مۇستەھكەم تۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

جانابى ئاللاھتىن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى ئاشكارا ۋە مەخپى پىتنە-پاساتلاردىن ساقلىشىنى سورايمەن.  

5-11-1420-ھىجرى


 

 

روابط ذات صلة
موضوعات أخرى تشير إلى هذه الصفحة
    مجموعة ملف عيد الحب ( روابط ذات صلة ) - ( عربي )
    فتاوى حكم الاحتفال بعيد الحب ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
Go to the Top