مجموعة أحكام النساء | الزكات والصدقة | صفحة خاصة لموسم الحج | مجموعة رمضانية
طباعة أرسل إلى صديق راسل المشرف أرسل تعليق استعراض التعليقات جلب كود html للصفحة
أحكام مهمة في الدين بطريقة السؤال والجواب
كتب بطاقة الصفحة
مرفقات الصفحة ( 2 )
1.
دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار.docدىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار
1.1 MB
دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار.docتنزيل مادة: دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار.docفتح: دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار.doc
2.
دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار.pdfدىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار
1007.4 KB
دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار.pdfتنزيل مادة: دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار.pdfفتح: دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار.pdf

     

 بارچە مەدھىيە ۋە گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ۋە مۆمىنلەرنىڭ مەدەتكارى جانابى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

 

ئاللاھ تائالاغا مەۋجۇداتنىڭ سانىچە ھەمدۇ سانا ئېيتىمەن. ھەق دىننى ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنى كۇپرى، زالالەت ۋە ئازغۇنلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىمان، ھىدايەت ۋە ھەقىقەتنىڭ نۇرىغا يېتەكلىگەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە ـ تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ بىزگىچە يەتكۈزگەن ساھابىلىرىگە، شۇنداقلا تا قىيامەتكىچە ھەق يولدا يۈرگەن مۆمىنلەرگە سالام يوللايمەن.

ئىنسان روھى دۇنياسىنى گۈزەل ئەدەپ - ئەخلاق بىلەن زىننەتلىگەندىلا جەمئىيەتتە ئىش - ھەرىكىتى گۈزەل، سۆز - ئىپادىسى گۈزەل، مۇھىتى گۈزەل بولالايدۇ. ئىپپەت - ھايالىق، گۈزەل غايىلىك، قايتماس ئىرادىلىك، چىدام - غەيرەتلىك، سەۋرى - تاقەتلىك، تىرىشچان، سەمىمىي - ساداقەتلىك، كەمتەر، ئىشچان، ئەپۇچان، مۇلايىم، ئېغىر - بېسىق، روھىي دۇنياسى مۇكەممەل ئادەم بولالايدۇ. ئەكسىچە، ئەدەپ - ئەخلاق تەربىيىسىگە سەل قارالسا گۈزەللىك سەتلىككە، ياخشىلىق يامانلىققا ئايلىنىپ ئۆزگىرىدۇ. ئەخلاقسىز ئادەم يامان ئىش، يامان خۇي، يامان ئىللەتنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالىدۇ. مۇنداقلار ئىش - ھەرىكىتى ئەسكى، سۆزلىرى قوپال، بىھايا، پەسكەش، نومۇسسىز، ۋىجدانسىز، رەھىمسىز، ساختىپەز، ۋاپاسىز، يالغانچى، ئالدامچى، ئاچكۆز، نەپسانىيەتچى، مەنمەنچى، چېقىمچى، بېخىل، جېدەلخور .... قاتارلىق يامان يوللارغا كىرىپ قالىدۇ. نەتىجىدە، ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكى، جەمئىيەتنىڭ تەرتىپى بۇزۇلىدۇ. شۇڭا دۇنيادىكى بارچە دىنلار ئەڭ ئاۋۋال كىشىلەرنى گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن زىننەتلىنىشكە چاقىرىپ كەلگەن. مۇسۇلمانلاردا بولسا، گۈزەل ئەخلاق ئىبادەتتىن سانىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «مۇسۇلمان ئادەم گۈزەل ئەخلاقى بىلەن كېچە ئۇخلىماي ناماز ئوقۇغان ۋە كۈندۈزى روزا تۇتقاننىڭ ساۋابىغا ئېرىشەلەيدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغ دەستۇرى قۇرئان كەرىم ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى يورۇتۇپ تۇرىدىغان ئىلاھىي مەشئەلدۇر.

مەرھۇم ئۇستاز مۇھەممەد غازالى «مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى»ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئىمان كىشىنى پەسلىكتىن ساقلىغۇچى ۋە ئۇلۇغلۇققا قوزغاتقۇچى كۈچتۇر. ئۆزلىرىنى دىندارلاردىن سانايدىغان بىر قىسىم كىشىلەر بەزى ئىبادەتلەرنى ئورۇنلاپ قويغىنى بىلەن تەلەپ قىلىنغان ئەخلاقىي ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا سەل قارايدۇ. بۇنىڭ بىلەن قىلغان ئىبادەتلىرىدىن پايدا ئالالمايدۇ. بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: «يا رەسۇلەللاھ! بىر ئايال بار، ئۇ ناماز ئوقۇيدۇ، روزا تۇتىدۇ ۋە سەدىقىنى كۆپ قىلىدۇ. لېكىن قوشنىسىغا تىلى بىلەن ئەزىيەت بېرىدىكەن» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ دوزاخقا كىرىدۇ» دېگەن. ئۇ ئادەم يەنە: «يەنە بىر ئايال بار، ناماز، روزىسى ئاز، سەدىقىنىمۇ ئاز بېرىدىكەن. قوشنىسىغا ئەزىيەت بەرمەيدىكەن» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەن. بۇ جاۋابتا ئېسىل ئەخلاقنىڭ قىممىتىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلگەن. يەنە بىر ھەدىستە: «گۈزەل ئەخلاق خۇددى سۇ قىرونى ئېرىتكەندەك خاتالىقلارنى ئېرىتىدۇ. ناچار ئەخلاق سىركە ھەسەلنى بۇزغاندەك ھەممىنى بۇزىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن.»

دېمەك، ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىدا رەزىللىك چوڭقۇرلىشىپ، يامانلىقى كۆپەيگەنسېرى خۇددى ئادەم كىيىمىدىن ئايرىلغاندەكلا دىن - دىيانەتتىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئىخچاملاپ ئېيتقاندا، ئەخلاق ھەر قانداق ئادەمنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك غەلىبە ياكى مەغلۇبىيىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل.

ھۆرمەتلىك كىتابخان! قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن يېزىلدى. ئەستە قالدۇرۇشقا ئوڭاي بولسۇن ئۈچۈن سوئال ۋە جاۋابلىق قىلىپ، چوڭ - كىچىك، دىنىي مەلۇماتى بار ياكى يوق ھەممە كىشى ئۈچۈن ئاممىباب، چۈشىنىشلىك ھەم ئىخچام، قىسقا قىلىپ تەييارلاندى.

كىتابنى يېزىشتا ئۇلۇغ دەستۇرىمىز قۇرئان كەرىم بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ھەدىسلىرىگە، ئىسلام دۇنياسىدا تونۇلغان ۋە بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان مەشھۇر ئۆلىمالارنىڭ پىكىرلىرىگە ئاساسلاندىم.

موضوعات أخرى تشير إلى هذه الصفحة
    فتاوى حكم حلق الرأس ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى كفارة من جامع زوجته في نهار رمضان ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    كتب الدين والحياة ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    كتب تنبيهات على أهم المهمات ( روابط ذات صلة ) - ( أردو )
Go to the Top