مجموعة أحكام النساء | الزكات والصدقة | صفحة خاصة لموسم الحج | مجموعة رمضانية
طباعة أرسل إلى صديق راسل المشرف أرسل تعليق استعراض التعليقات جلب كود html للصفحة
طلب العلم مقدم على الجهاد في سبيل الله
فتاوى بطاقة الصفحة
مرفقات الصفحة ( 1 )
1.
بىلىم ئىلىش، جىھاد قىلشتىن ئۈستۈندۇر.docبىلىم ئىلىش، جىھاد قىلشتىن ئۈستۈندۇر
584 KB
بىلىم ئىلىش، جىھاد قىلشتىن ئۈستۈندۇر.docتنزيل مادة: بىلىم ئىلىش، جىھاد قىلشتىن ئۈستۈندۇر.doc

 

بىلىم ئىلىش، جىھاد قىلشتىن ئۈستۈندۇر

      

128163- نومۇرلۇق سوئال  

سوئال:  

ھازىرقى ۋەزىيەتتە  ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ئەۋزەلمۇ ياكى بىلىم ئىلىپ مىللەتكە پايدا يەتكۈزۇپ، ئۇلاردىكى جاھىللىق ۋە نادانلىقنىڭ كۆتۈرۈلىشىگە تۆھپە قوشۇشمۇ؟، ئاتا-ئانىسىدىن رۇخسەت سورىماستىن جىھادقا چىقىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاپ:

بارلىق ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

ئىلىم تەلەپ قىلىش جىھادنىڭ تۈرلىرىدىن بولۇپ، بىلىم ئىلىش ۋە دىننى چۈشىنىش مۇسۇلمان ئۈچۈن ۋاجىپتۇر. ئەگەر ئاللاھ يولىدا  جىھاد قىلىش شارائىتى ھازىرلانغان بولسا ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىدا «شەرئى» جىھاد  دەپ ئاتالسا، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا جىھادقا ئىشتىراك قىلىش ئەۋزەل ئەمەللەردىن ئىكەنلىكىدە گەپ يوق،  ئەمما سىزنىڭ دىندا بىلىشىڭىز زۆرۈر بولغان ئىشلارنى  ئۆگىنىش ۋە چۈشىنىشىڭىز بولسا جىھادتىن ئۇستۇن تۇرىدۇ. چۈنكى دىنى پرىنسىپلارنى ئۆگىنىش ۋە چۈشىنىش ۋاجىپتۇر. جىھاد بولسا ياخشى كۆرۈلگەن ئەمەللەردىن بولۇپ، پەرزى كۇپايىدۇر. مۇسۇلمانلاردىن بەزىلەر جىھادقا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ئاتلانغان بولسا، باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ گەدىنىدىن ساقىت بولىدۇ. لېكىن ئىنساننىڭ  ئىلىم تەلەپ قىلىشى ۋە دىنىنى چۈشىنىشى بولسا، ناھايىتى مۇھىم ئىشلاردىن سانىلىدۇ. ئەگەر ئاللاھ، كىمنىكى ئىسلام يولىدا جىھاد قىلىشقا مۇيەسسەر قىلپ، ئۇنىڭغا قادىر بولالىسا قاتنىشىشى يوللۇق بولۇپ، ئاتا-ئانىسىنڭ رۇخسىتىنى ئىلىشى كېرەك.

ئەمما «جىھاد پەرز ئەيىن» يەنى مۇسۇلمانلار دۆلىتىگە كاپىرلار ھۇجۇم قىلسا، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا جىھاد بارلىق مۇسۇلمانلار ئۇستىگە ۋاجىپ بولۇپ، (يەنى شۇ يۇرت ئەھلى ئۈچۈن پەرزى ئەيىن، باشقا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پەرزى كۇپايە ھېسابلىنىدۇ) مۇسۇلمانلارنىڭ دۆلىتىنى دۇشمەننىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاش ۋە ئۆز ھەققىنى قايتۇرۇپ ئىلىش ئۇچۇن جىھاد قىلىش، دۇشمەننىڭ يامانلىقىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ھەممەيلەننىڭ ئۇستىگە ۋاجىپ بولىدۇ. ھەتتا ئاياللارنىڭمۇ قادىر بولالىغىنىغا قەدەر دۇشمەندىن مۇداپىئە كۆرۈش ئىشلىرىغا ھەسسە قوشۇشى ۋاجىپ بولىدۇ

ئەمما يۇرتىدىن ئايرىلىپ جىھاد قىلىش بولسا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككىنچى بىر دۆلەتكە يۇرۇش قىلىپ جىھاد قىلىشى بولۇپ، بۇ ئەرلەر ئۇچۇن پەرز كۇپايە ھېسابلىنىدۇ.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى (24\ 74 ) تۈگىدى .


 

موضوعات أخرى تشير إلى هذه الصفحة
    مجموعة ملف المنهجية في طلب العلم ( روابط ذات صلة ) - ( عربي )
    مقالات قيمة العلم ورسالة للمعلمين ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
Go to the Top