مجموعة أحكام النساء | الزكات والصدقة | صفحة خاصة لموسم الحج | مجموعة رمضانية
طباعة أرسل إلى صديق راسل المشرف أرسل تعليق استعراض التعليقات جلب كود html للصفحة
تريد الصيام وهي تكشف الوجه والشعر
فتاوى بطاقة الصفحة
مرفقات الصفحة ( 1 )
1.
يۈزى ۋە چاچلىرى ئوچۇق بولسىمۇ روزا تۇتۇشنى خالايدۇ.docيۈزى ۋە چاچلىرى ئوچۇق بولسىمۇ روزا تۇتۇشنى خالايدۇ ...
472 KB
يۈزى ۋە چاچلىرى ئوچۇق بولسىمۇ روزا تۇتۇشنى خالايدۇ.docتنزيل مادة: يۈزى ۋە چاچلىرى ئوچۇق بولسىمۇ روزا تۇتۇشنى خالايدۇ.doc

 

يۈزى ۋە چاچلىرى ئوچۇق بولسىمۇ روزا تۇتۇشنى خالايدۇ

 

10394-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

چېچىمنى ۋە يۈزۈمنى ئوچۇق قويۇپ روزا تۇتسام روزام توغرا بولامدۇ؟ خىزمەتكە بارغان ۋاقتىمدا چېچىم، بوينۇم ۋە قوللىرىم ئوچۇق قالىدۇ، باشقا جايلىرىمنى يۆگەيمەن بۇ توغرىمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار جانابى ئاللاھغا خاستۇر.

روزىڭىزنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا تولۇق قوبۇل بولىشى ۋە ھەسسىلەپ ساۋاپقا ئىگە بولىشىڭىز ئۈچۈن يات ئەرلەرنىڭ ئارىسىدا تولۇق ھىجابلىق يۈرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. بۇ ئىبادەتنىڭ تەقەززاسى تەقۋالىقنى ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ناماز ۋە باشقا ئەمەللەرمۇ شۇنداق بولىدۇ.

مۇسۇلمان خانىم-قىزلىرىنىڭ ھىجابنى تەرك قىلىپ تۇرۇپ روزا تۇتسىمۇ تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ. ئەمما ھىجابنى تەرك قىلغاننىڭ گۇناھى بولىدۇ. قىز-خانىملارنىڭ چېچىنى ئوچۇق قويۇشى روزىنىڭ بۇزۇلۇشىغا تەسىرى بولمايدۇ. لېكىن تولۇق ھىجابقا كىرمەسلىك ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ ئاللاھ بۇنىڭ جازاسىنى بېكىتكەن.

بىز سىزنى ۋە باشقا قىز-خانىملارنىمۇ ئاللاھنىڭ: «مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرى پۈركەنچە بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن.» ۋە «تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن.» ۋە «لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن.» دېگەن بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشقا نەسىھەت قىلىمىز.

ئاللاھ ھەممىمىزنى بۇ مۇبارەك ئايدىن ھاسىل بولىدىغان تەقۋادارلىققا نائىل قىلسۇن.


 

 

موضوعات أخرى تشير إلى هذه الصفحة
    مجموعة مجموعة رمضانية ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
Go to the Top