مجموعة أحكام النساء | الزكات والصدقة | صفحة خاصة لموسم الحج | مجموعة رمضانية
طباعة أرسل إلى صديق راسل المشرف أرسل تعليق استعراض التعليقات جلب كود html للصفحة
من حسن إسلام المرء تركه ما لا يعنيه
مقالات بطاقة الصفحة
مرفقات الصفحة ( 1 )
1.
مۇسۇلمان ئىسلامنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى ئۆزلەشتۈرۈشى كېرەك.docمۇسۇلمان ئىسلامنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى ئۆزلەشتۈرۈشى ...
327 KB
مۇسۇلمان ئىسلامنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى ئۆزلەشتۈرۈشى كېرەك.docتنزيل مادة: مۇسۇلمان ئىسلامنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى ئۆزلەشتۈرۈشى كېرەك.doc

 

مۇسۇلمان ئىسلامنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى ئۆزلەشتۈرۈشى كېرەك

 

2009-يىلى 09-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئىمام ئاللاھ تالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا، "مۇسۇلمان ئىسلامنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى ئۆزلەشتۈرۈشى كېرەك" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋادارلىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

مۇسۇلمان ھەر ۋاقىت دىنىدا مۇستەھكەم، ئىسلامىي گۈزەل، ئىمانى توغرا بولۇپ ئەقىلنى توغرا ئىشلىتىشتە پاراسەتلىك كېلىدۇ. مۇسۇلماننىڭ دىنى ئۇنىڭ يول باشچىسىدۇر. ئىسلام دىنى ئىنسانلارنى دۇنيا-ئاخىرەتلىك بەخت-سائادەتكە باشلايدىغان يول باشچىدۇر.

مۇسۇلمان داۋاملىق ئېسىل ئەخلاقنى ئۆلچەم، سېخىلىقنى ھەمراھ، باشقىلارغا ياخشىلىقنى تەشەببۇس قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ بارلىق ئىشلىرىدا ئاللاھ رىزاسىنى بىرىنچى ئورۇندا قويىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلماننىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز سۆز-ھەرىكەتلەرنى تەرك ئەتكىنى نېمىدېگەن ياخشى-ھە!» ئىسلام دىنى بىزلەردىن شەرىئەت بۇيرۇقلىرىنى بىجانىدىل ئىجرا قىلىشنى تەقەززا قىلىپ، شەرىئەت چەكلىگەن ھاراملاردىن قول ئۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىسلامنى سۆيگەن ئادەم تەبىئىي ھالدا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى چەكلىگەن ئىشلارغا يېقىنلاشمايدۇ. ھاراملار، شۈبھىلىك ئىشلاردىن يىراق بولىدۇ. ھەتتا مەكروھ، مۇباھ ئىشلاردىمۇ ئىنسانىيەتكە پايدىسىز ئىشلار بولسا ئۇنىڭدىن قول ئۈزىدۇ. ئەكسىچە بىھۇدە ئىشلار بىلەن قىممەتلىك ۋاقتىنى زايا قىلغانلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر. بىھۇدە ئىشلار دېگەندە كۆپلىگەن ئىشلار بۇ كاتىگۇرىيىگە كىرىدۇ. مەسىلەن: ئىنسانىيەتكە دۇنيالىقتا ياكى ئاخىرەتلىكىگە مۇھىم بولمىغان بىلىملەرنى ئۆگىنىش، دۇنيالىق ياكى ئاخىرەتلىكگە پايدىسىز ئەسەرلەرنى ئوقۇش ئارقىلىق ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىشقا ئوخشىغان ئىشلاردىن ئىبارەتتۇر.

ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىنسانلار قەلبنى تازىلاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى، مەنىۋى بايلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىزدىنىشى، ۋەتەننىڭ مەرتىۋىسىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشى، مىللەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈشى قاتارلىق ئىشلار پايدىلىق ئامىللاردىندۇر. كىشىلەرنىڭ شەخسى تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرگە قىزىقىش، بايلىقلىرىنى بىلىشكە ھەۋەس قىلىش، چىقىملىرىنى تەكشۈرۈش، ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ئىشلار بىلەن ئاۋارە بولۇش بىھۇدە قىلىقلار بولۇپ، ئىسلام شەرىئىتى ئىنساننى بۇنداق ئىشلاردىن چەكلەيدۇ.

ئىنسان ئۆزى بىلمىگەن، ياكى چۈشەنمىگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆزلەش، يەنى  دىندا ئالىم بولمىغان بىر كىشى دىنغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىش ياكى شەرىئەت ئەھكاملىرىدىن پەتىۋا بېرىش، ئۆزىنى بىلىملىك كۆرسىتىپ دىنغا ۋەكىللىك قىلىدىغاندەك سۆزلەش قاتارلىقلار نېمىدېگەن يامان-ھە!.

بەزى ئىنسانلار ئىنسانلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا قىزىقىپ بەزى ئىنسانلارنىڭ ئائىلىسى ياكى شەخسى تۇرمۇشىغا كىرىپ كېتىدۇ. ئىشنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى بىلمەستىن كىشىلەرنىڭ ئېيىپلىرىنى ئېچىشقا ۋە كولاشقا، بەزىدە ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات بولماستىن مۆمىن ئاياللارنىڭ ئىپپەت-نومۇسىغا داغ تەگكۈزىدىغان سۆزلەرنى قىلىشقا تىرىشىدۇ. پاك ئاياللارنى ھەرخىل پاھىشە، جىنايەتلەر بىلەن قارىلايدۇ ۋە باتىلنى خۇددى ھەقىقەتتەك كۆرسىتىپ يالغان سۆزلەرنى تارقىتىش قاتارلىقلار نېمىدېگەن بىمەنىلىك-ھە!.

ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى تەرك ئېتىش دېگەنلىك: پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش، پايدىسىز ئىشلاردىن يىراق بولۇش دېمەكتۇر. مۇسۇلمان ئۆمرىنى نەگە سەرپ قىلغانلىقى، ۋاقتىنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكى، تىلىدا نېمىلەرنى سۆزلىگەنلىكى قاتارلىقلاردىن قىيامەتتە مەسئۇلدۇر ۋە بىرمۇ بىر ھېساب بەرگۈچىدۇر.

ئاللاھ بىزلەرنى بىھۇدە ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇشتىن ساقلىسۇن. دۇنيا-ئاخىرەتتە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشقا نېسىپ قىلسۇن ۋە دۇنيا-ئاخىرەتتە خار قىلمىسۇن. ئامىن!..


 

موضوعات أخرى تشير إلى هذه الصفحة
    مجموعة الزكات والصدقة ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مقالات خلق الإنصاف وأثره في حياة المسلم ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى السبب في تحريم التدخين ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مقالات النميمة وآثارها السيئة ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مقالات تصنيف الناس وآثاره السيئة على الأمة ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    صوتيات الرحمة والشفقة في مبادىء الإسلام ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
Go to the Top