مجموعة أحكام النساء | الزكات والصدقة | صفحة خاصة لموسم الحج | مجموعة رمضانية
طباعة أرسل إلى صديق راسل المشرف أرسل تعليق استعراض التعليقات جلب كود html للصفحة
أختي المسلمة الأويغورية
مقالات بطاقة الصفحة
مرفقات الصفحة ( 2 )
1.
ئۇيغۇر ئىسلام قىزى سىڭىلچىقىمغا.pdfئۇيغۇر ئىسلام قىزى سىڭىلچىقىمغا
64.8 KB
ئۇيغۇر ئىسلام قىزى سىڭىلچىقىمغا.pdfتنزيل مادة: ئۇيغۇر ئىسلام قىزى سىڭىلچىقىمغا.pdf
2.
ئۇيغۇر ئىسلام قىزى سىڭىلچىقىمغا.docئۇيغۇر ئىسلام قىزى سىڭىلچىقىمغا
43.5 KB
ئۇيغۇر ئىسلام قىزى سىڭىلچىقىمغا.docتنزيل مادة: ئۇيغۇر ئىسلام قىزى سىڭىلچىقىمغا.doc

 

  

 

 

ئۇيغۇر قىزى سىڭىلچىقىمغا

 

 

گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھىسسالامغا، ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن بارلىق كىشلەرگە بولسۇن!

ئى ئۇيغۇر قىزى سىڭىلچىقىم! ئى قەلبىدە ئىسلام (يوشۇرۇنغان)ئورۇنلاشقان، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ياخشى كۆرىدىغان، ئاللاھ ئىففەتنى، پاكلىقنى ئەقىلنى ئىنئام قىلىپ بەرگەن، ئاللاھ ئۈچۈن رۇكۇ ۋە سەجدە قىلىۋاتقان، ئاللاھ ئۈچۈن ئىبادەت قىلىۋاتقان ئسىلام قىزى قېرىندىشىم. سىز مۇسلىمە، سىز مۆمىنە، سىز ئسىلام قىزىسىز! سىز پاكسىز ئىففەتلىكسىز! سىزگە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھسسالامنىڭ: «ئاياللارغا ياخشى ۋەسىيەت(نەسىھەت) قىلىڭلار» دېگەن سۆزى بىلەن نەسىھەت قىلىۋاتىمەن. سىز ئەرلەر ھاياتىدا بىر نىسبەتنى ئىگەللىگەن ئىنسانسىز! گاھىدا ئەرلەر ئۈچۈن قېرىنداشسىز ياكى ئەرلەر ئۈچۈن تۇرمۇش ھەمراھىسىز، ياكى ئۇنىڭ قىزىسىز! سىز شۇنچە قەدىرلىكسىز!

ئى پاك ئۇيغۇر قىزى، مىنىڭ سۇئال سورشىمغا رۇخسەت بىرىڭ! ئاللاھ ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سىزنى سۆيۈملۈك رەسۇلىمىز توسقان ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەن ھالىتىڭىزدە كۆرسە، رازىمۇ سىز؟ ئاللاھ ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالا قۇرئان كەرىمدە: «ئى پەيغەمبەر ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى پۇركەنجى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ (ھۆر ئايال ئىكەنلىكى) ئەڭ ئاسان تونۇلىدۇ دە باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ناھايىتى مېھرىباندۇر » دېمىدىمۇ ؟. سۆيۈملۈك رەسۇلىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:«قانداق بىر ئايال خۇش پۇراق نەرسىلەرنى ئىشلەتكەن ھالدا سىرىتقا چىقسا، كىشىلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، ئۇلار ئۇ ئايالنىڭ خۇشپۇراق ھىدىنى پۇرىسا، ئۇ ئايال زىناخوردۇر» دېمىدىممۇ؟. ئائىلىدە ئېرىڭىز ئۈچۈن پەرەنتلىرىڭىز ۋە ئاكا-ئۇكا، ئاياللار ئارىسىدا خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

بۇ يەردە زىكىر قىلىپ ئۆتۈشكە لايىق بولغان مۇھىم نۇقتا، بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدە قىز-خانىملار توي-توركۇن چايلارغا بارسا، ئەڭ گۈزەل كېيىملىرىنى كېيىپ ئالاھىدە گىرىملارنى قىلىپ ئەر-ئايال بىرگە ئولتۇرىدىغان چاي-ئولتۇرۇشلارغا بېرىپ باشقىلارنىڭ كۆزىنىڭ يىغىنى چىقىرىۋېتىپ كېلىدۇ، ئەمما بىچارە ئەرچۇ، ئايالىنى ماي ۋە تەر پۇرايدىغان ۋە ياكى سۈت پۇرايدىغان كىيىملەر بىلەن كۆرىدۇ. ئى سىڭىلچىقىم! بەلكىم سىز ئۇنداق بولماسلىقىڭىز مۇمكىن، ئەمما ئۇنداقلارمۇ ئاز ساننى ئىگەللىمەيدۇ. سىز نېمە ئۈچۈن چىرايلىق كېيىملىرىڭىز، گۈزەل پەدازلىرىڭىز، خۇشپۇراق ھىدلىرىڭىز بىلەن ئېرىڭىزنى كۈتۈپ ئالمايسىز؟! شۇنداق قىلىپ بېقىڭچۇ قېنى ئۇنىڭ نەتىجىسىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە كۆرىسىز. ھۆسن-جامالىڭىز، گۈزەل تۇرقىڭىزدىن زوقلىنىشقا ئەڭ ھەقلىق ئىنسان سىزنىڭ تۇرمۇش يولدىشىڭىز يۇرەك پارىڭىز بولغان باللىرىڭىزنىڭ دادىسىدۇر. سىز باشقىلارغا پۈتۈن گۈزەللىكىڭىزنى كۆرسىتىپ ياسىنىپ يۈرىسىز، مېنىڭچە بۇ، دىن ۋە ئەخلاق، مىللى ئۆرپ-ئادىتىمىزمۇ قوبۇل قىلمايدىغان بىر ئۇقۇم، گەرچە ھازىر نورمال بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالغان بىلەن. ئاللاھنى تونۇماسلىق، رەسۇلۇللاھنىڭ كېم ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىك، نېمە ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىمىز توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزمەسلىك، مەيدانسىزلىق، ئۆزىمىزنىڭ كېم ئىكەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇش..... قاتارلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەر مەۋجۇت. بەلكىم ئۇيغۇر ئىسلام قىزلىرىنىڭ بۇگۈنكى كۈندە ئۆزىمۇ رازى بولمايدىغان بىر ھالەتكە كېلىپ قىلىشىنىڭ مەلۇم سەۋەبلىرىنىڭ بارلىقىنىمۇ كۆزدىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. ئاللاھدىن ئۇلارغا ئىپپەت ۋە ھايا، بۈيۈك ئىمان تىلەيمىز. ئى سىڭىلچىقىم !ئەمدى قاراپ بېقىڭچۇ سىز قانداق قىلغاندا ئىپپەتلىك ئىسلام ئۇيغۇر قىزى دېگەن سۈپەتكە لايىق بولىدىكەنسىز!

بۇ پاك ئىپپەتلىك دېگەن سۈپەت قانداق قىزلارغا لايىق سۈپەت؟ يۇز باشلىرىنى ئورىماستىن سىرتلارغا چىققاندا خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ، ھۆسۈنلىرىنى تۈزەپ، ئاللاھ ئاتا قىلغان گۈزەل جامالىنى يات ئەركەكلەرگە كۆرسىتىپ يۈرگەن قىز-خانىملارغىمۇ؟ ۋە ياكى ئۇزۇن، ئەمما تار كۆڭلەكلەرنى كېيىپ گۈزەل بەدەنلىرىنى باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلغانلارغىمۇ؟ ياكى كالتا ئۇچۇق يوپكىلارنى كېيىپ، كىشىلىك ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەخلاقى بۇزۇلۇشىغا ھەسسە قوشقانلارغىمۇ؟ ياكى ئۆزىچە مەدەنىلەشتۇق دەپ، غەربچە كىيىملەرنى كىيىپ، ئۆز مەدەنىيىتىدىن مىللى ئەنئەنىسىدىن يىراقلاشقان ھالدا، بىر كۆن بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى يەنە بىركۈن قارىسىڭىز؛ دىن، ھەزارەت، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت، تىل.....قاتارلىقلارنى مىڭ يىل باغلاپ قويسىڭىزمۇ بىر يەرگە كەلمەيدىغانلارنىڭ يۇرۇش تۇرۇشىنى دوراپ يۇرگەنلەرگىمۇ؟ قىنى دەپ بېقىڭچۇ سىزنىڭچە مۇشۇلارنىڭ قايسىسى ئىپپەتلىك ئۇيغۇر ئىسلام قىزلىرى دەپ ئېيتالايسىز؟!

ياق ياق مىڭلارچە ياقكى بۇلارنىڭ ھىچ بىرى ئىپپەتلىك ئاياللار دېگەن سۈپەتكە لايىق ئەمەس. ئى ئۇيغۇر قىزى سىڭىلچىقىم! بىلىڭكى ئاللاھ سىزنى ھەر-ۋاقىت ھەر ماكاندا كۆزىتىپ تۇرىدۇ.

ئى ئۇيغۇر ئىسلام قىزى سىڭىلچىقىم! شەيتاننىڭ يوللىرىدىن بىر يولدا مىڭىۋاتقانلىقىڭىزغا رازىمۇسىز؟ ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ ۋە كۇففارلارنىڭ كۆرسەتمىلىرىدە مىڭىۋاتقانلىقىڭىزغا رازىمۇسىز؟

ئەزىز ئۇيغۇر ئسىلام قىزى سىڭىلچىقىم! رەھمان تائالانىڭ غەزىپىگە ، دوزاخقا كىرىشىڭىزگە ۋە دىنىڭىزدا چەكلەنگەن ئىشلارغا سەۋەب بولىدىغان قىلمىشلاردا بولىۋاتقانلىقىڭىزغا رازىمۇسىز ؟

ئى ئۇيغۇر ئىسلام قىزى سىڭىلچىقىم! قەبرە بولسا جەننەت بوستانلىرىدىن باغچا، ياكى دوزاخ ئۆڭكۈرلىرىدىن بىر ھاڭدۇر، سىز قەبرىڭىزنىڭ قايسىدىن بولۇشىنى خالايسىز؟ رەھمان تائالانىڭ جەننىتگە نائىل بولىشىڭىزغا؛ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاسىيلىق قىلىشىڭىز توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

بۇگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزگە قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇر ئىسلام قىزلىرىدا كۆرۈلۈۋاتقان ھەم سەل قارىلىۋاتقان گۇناھ -مەسىيەتلەرنىڭ تۇپ نېگىزى بولسا شەرئى ۋە ئۇيغۇر ئەنئەنىسى بويۇنچە كىيىنمەسلىك،

سىز شۇنى ئۇنۇتماسلىقىڭىز كېرەككى، سىز ئىسلامغا مەنسۇپ!سىز ئۇيغۇر مىللىتىگە مەنسۇپ!سىز ئىسلامنىڭ ئىززىتى! مىللەت ۋە ئانا ۋەتەننىڭ پەخرى!

موضوعات أخرى تشير إلى هذه الصفحة
    مقالات مستقبل الإسلام ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مقالات حجاب المرأة المسلمة يدل على طهارة قلبها ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مقالات نصيحة إلى نساء الأويغور ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مقالات الأعمال المهمة للمرأة المسلمة في رمضان ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مقالات النعم في سورة النحل ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مقالات حاجة العالم إلى الشريعة الإسلامية ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى حكم إجراء عملية رتق غشاء البكارة ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مقالات الفقر وعلاجه في الإسلام ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مقالات أهمية الحوار وحل المشاكل البشرية ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى إذا تزوج زوجي بثانية فهل لي أجر ؟ ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى النهي عن ذكر محاسن امرأة أخرى عند زوجها ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى نصيحة للأخت المقبلة على الزواج ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مجموعة مجموعة أحكام النساء ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى زوجته ضعيفة الدين فماذا يفعل ؟ ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
Go to the Top