مجموعة أحكام النساء | الزكات والصدقة | صفحة خاصة لموسم الحج | مجموعة رمضانية
طباعة أرسل إلى صديق راسل المشرف أرسل تعليق استعراض التعليقات جلب كود html للصفحة
رمضان والتلفاز ونحن
مقالات بطاقة الصفحة
    الموضوع: رمضان والتلفاز ونحن
    لغة المادة: أيغوري
    تأريخ الإضافة: Dec 31,2007
    الكاتب : ع.قارلوقي
    مراجعة : ن. تمكيني
    مرفقات الصفحة : 2
    نبذة مختصرة: يجب على المسلم اغتنام هذا الشهر الفضيل والإقبال على الله تعالى, وترك مشاهدة القنوات الفضائية والمسلسلات المحرمة التي تنقص أجر الصيام, وتهدم الحياء والعفة والأخلاق الإسلامية, وبهذا يثبت للمسلم إخلاصه لله تعالى ولدينه ولرسوله صلى الله عليه وسلم.
    مرات الاستعراض: 946
    رابط الوصول : http://www.islamhouse.com/tp/70663
مرفقات الصفحة ( 2 )
1.
رامىزان، تېلۋىزور ۋە بىز.docرامىزان، تېلۋىزور ۋە بىز
117 KB
رامىزان، تېلۋىزور ۋە بىز.docتنزيل مادة: رامىزان، تېلۋىزور ۋە بىز.doc
2.
رامىزان، تېلۋىزور ۋە بىز.pdfرامىزان، تېلۋىزور ۋە بىز
59.7 KB
رامىزان، تېلۋىزور ۋە بىز.pdfتنزيل مادة: رامىزان، تېلۋىزور ۋە بىز.pdf

رامىزان، تېلۋىزور ۋە بىز

 

 

كۈنىسىرى يېقىنلىشىپ كىلىۋاتقان رامىزان ئېيىنى قانداق قارشى ئېلىشنىڭ كۈيىدا قىزىق چېپىۋاتقان ئاتا- ئانىلارنىڭ سەزگۈر دېققىتى پەرزەنتلىرىگە تەھدىد سۈپىتىدە تىكىلىپ تۇرىۋاتقان تېلۋىزوردىن ئىبارەت بۇ ۋاستىنىڭ كەلتۈرىدىغان زىيانلىرى ھەققىدە ئانچە- مۇنچە ئويلىنىشقا پۇرسەت بەردىمو يوق، بۇنى بىلىپ بولمايدۇ. لېكىن، بىلمىسەك بولمايدىغان بۇ مەسىلە ھەققىدە نۇرغۇن ئىشلارغا سوغۇق قاراپ ئادەتلىنىپ قالغان خەلقىمىزگە ئانچە- مۇنچە ئەسكەرتىشلەرنى بىرىش ئارتۇقچە بولماس.

پەرۋاسىزلىق قارىشى ھۆكۈمران يەردە، نىجاتلىقتىن ئۈمىد كۈتۈش تولىمۇ قېيىن. بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش مۇبارەك رامىزان ئېيىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، بىز ئۈچۈن "خالىسانە" خىزمەت قىلىۋاتقان رادىئو- تىلۋىزىيە ئىستانسىلىرى "رامىزانلىق" تىلۋېزىيە فىلىملىرىنى ھازىرلاۋاتقان بولۇشى تولىمۇ تەبىئىي. تاللاش ھوقۇقۇڭ بولمىغان يەردە، بىچارىلەرچە ياشاش سېنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكىڭ بولۇپ قالىدۇ. شۇمىكىن، بىز ئەقىدىمىزگە، ئېتىقادىمىزغا، ئۆرپ- ئادەت ۋە مىللىي ئەنئەنىلىرىمىزگە يۈز پرسەنت قارىمۇ قارىشى فىلىملەرنى كۆرۈپ كۆنۈپ كەتتۇق. "غەربكە ساياھەت خاتىرىسى" نى بېخارامان ئولتۇرۇپ سەيىر قىلىش، ئۆزىمىز ۋە پەرزەنتلىرىمىزنى ئۇنى كۆرۈشتىن چەكلىمەسلىكىمىز ئېتىقادىمىزغا بولغان سەمىمىيىتىمىزنىڭ بىۋاستە گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە قەددىنى تىك تۇتۇپ تۇرىۋېتىپتۇ. توغرا، بىزنىڭ تاللاش ھوقۇقىمىز يوق. گەرچە ئاساسىي قانۇندا، مىللىي ئەنئەنە، دېنى ئېتىقاد، تىل ۋە باشقىلارغا ھۆرمەت قىلىنىش ھەققىدە ئۇزۇن- ئۇزۇن جوملىلەر چىرايلىق قىلىپ يېزىلغان بولسىمۇ، بۇ ھۆرمەت بىزنى، يا بىز بۇ ھۆرمەتنى تېپىپ بولالمىدۇق. شۇڭا بىزگىمۇ رامىزاندا كۈنىگە ئون - ئونبەش مىنۇتلۇق رامىزان ھەققىدىكى دىنىي ۋەز- نەسىھەتلەر تىلۋىزور ئىكرانلىرىدا ئەمەس، مەسجىدلەردىمۇ راۋا كۆرۈلمىدى. ئەمما بىزنىڭ تاللاش ھوقۇقىمىز شۇ فىلىملەرنى، كۆپ قىسىملىك تېلۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرمەسلىكتە ئىپادىلەنسە، بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالاغا، ئۇنىڭ دىنىغا، پەيغەمبىرى كۆرسەتكەن تەلىماتلارغا بوي ئەككەن بولساق، مىللىي ئەنئەنە، ئۆرپ- ئادەتلىرىمىزنى بۇ ئارقىلىق قوغداپ قالساق بۇنىڭ نېمىسى يامان؟!! بۇنىڭغا ئەلۋەتتە ئىمكانىمىز بار. رامىزان ھەرگىزمۇ ئويۇن- تاماشانىڭ، كىنو كۆرۈش، ناخشا- مۇزىكا ئاڭلاشنىڭ، ياخشى يەپ- ئىچىشنىڭ ئېيى ئەمەس، قۇرئان ئوقۇيدىغان، تائەت ـ ئىبادەت قىلىدىغان، كۆپ ناماز ئوقۇيدىغان، خەير- ساخاۋەت قىلىدىغان، جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشنى تاشلىمايدىغان، ئىتىكاپ قىلىدىغان ئاي. بىز بىزنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن، ناماز ئوقۇش، قۇرئان ئوقۇشتىن، ئاللاھنىڭ زىكرىدىن توسىدىغان بۇنداق پروگراملاردىن يىراق تورغىنىمىز بىزنىڭ دۇنيا- ئاخىرىتىمىز ئۈچۈن تولىمۇ ياخشى. ئاللاھ ھەممىمىزنى ياخشى ئىبادەت، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن! ئامىن!

گەرچە ياراتقۇچىسنى رامىزاندىلا تونۇپ، باشقا ئايلاردا ئونتۇپ كېتىدىغان لەنەتكە لايىق "سۈنئىي مۇسۇلمان" لارنى ئانچە ياخشى كۆرۈپ كەتمىسەممۇ، مۇشۇ خىل باشلىنىش، بۇنىڭغا ئوخشاش ياخشى كەيپىياتلار بىلەن كۆپ قاتلاملىق تەھدىدكە دۈج كىلىۋاتقان مىللىي، دىنىي مەۋجۇدلىقىمىزنىڭ بىر مىنۇت بولسىمۇ ئۇزۇن ياشىشى ئۈچۈن ئىمكان ھازىرلىغان بولۇپ قالارمىزمىكىن، دېگەن ئۈمىدىم بۇ قۇرلارنى يېزىشقا مېنى زورلاۋاتىدۇ.  ھۆرمەتلىك ئاتا- ئانىلار! پەرزەنتلەرنى ياخشى، ئېتىقادلىق ئىنسان قىلىپ تەربىيلەش سىلەرنىڭ مەجبۇرىيىتىڭلار. سىلەر مەككىدە ياكى مەدىنىدە ئەمەس، بەلكى قەشقەردە، خۇتەندە ئۈرۈمچى، غولجا ... قاتارلىق شەھەرلەردە ياشاۋاتىسلەر، بىزنىڭ بۇ يەردىكى تېلۋىزىيە پروگراملىرىنى ئەركىن- ئازادە ئولتۇرۇپ كۆرگىلى بولمايدۇ. رامىزان ئايلىرىدا، ئىمكان يار بەرسە باشقا ئايلاردىمۇ خەۋەرلەرنى كۆرگەندىن باشقا، ئېتىقادىمىز ۋە مىللىي ئەنئەنىلىرىمىزگە يات بولغان فىلىملەرنى كۆرۈشتىن بالىلارنى توسۇپ قالايلى! بىز بۇنىڭدىن ئىككى خىل پايدا  ئالىمىز؛ بىرى، ئاللاھنىڭ رازىلىقى، ئىككىنچىسى مىللىي مەۋجۇدلىقىمىزنىڭ كاپالىتى.

ئۆزىنى سۆيمىگەنلەر ئۆزگىلەر تەرىپىدىنمۇ سۆيۈلمەيدۇ. مەنچە بولغاندا، ئۆزىنى سۆيۈش ئۆز قەدىر- قىممىتىنى بىلىشتە ئىپادىلەنسە كېرەك. ئۇنداقتا بىزنىڭ قەدرىمىز- قىممىتىمىز زادى قەيەردە؟ ئەجەبا ئۇ بىزنىڭ ئېتىقادىمىز، مىللىي، دىنىي ئەنئەنىلىرىمىزدە ئەمەسمۇ؟! ئەجەبا ئۇ، شۇلارنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا ئەمەسمۇ؟! بىز بۇ يەردە ھەممە ئىشتا ئىندىئانلاردەك مىللىي ئەنئەنە دەپ باشقا ھېچقانداق تەرەققىيات بىلەن كارى بولمايدىغان بىر مىللەت توپىنى داۋا قىلماقچى ئەمەسمىز. ئەمما بىز، بىزنى ئىپادىلەيدىغان، بىزنىڭ كىملىكىمىزنى ئىپادىلەيدىغان تەرەققىياتلارغا مۇھتاجمىز. تەرەققىيات پەقەت سانائەتلىشىشنى كۆزدە تۇتمايدۇ. ئۇنىڭ مەنىۋى تەرىپى بىز ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىم. شۇڭا بۇ يىلقى رامىزان بىز ئۈچۈن بىر ياخشى باشلىنىش بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. ئۆزىمىزنى، پەرزەنتلىرىمىزنى، دىنىي ئېتىقاد ۋە مىللىي ئەنئەنىلىرىمىزنى تېلۋىزوردىن ئىبارەت "دىل بۇزارلار" نىڭ جەھەننەمگە باشلايدىغان ئازازۇل پروگرام ۋە فىلىملىرىنىڭ تەھدىدىدىن ساقلاپ قالايلى.

موضوعات أخرى تشير إلى هذه الصفحة
    مجموعة ملف شهر رمضان ( روابط ذات صلة ) - ( عربي )
    مجموعة مجموعة رمضانية ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى الصيام يوم الشك ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى كيف نستعد لقدوم شهر رمضان؟ ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى البيت ورمضان ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى كيف ينوي المسلم الصوم؟ ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مقالات أصناف الناس في رمضان ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مقالات بلوغ رمضان نعمة عظيمة ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى الزكاة تجب على المقرض لا على المقترض ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى أخذ الحقن للصائم ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مقالات رمضان شهر الجود والكرم ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مقالات هدية رمضانية لعامة المسلمين ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مقالات الأعمال الصالحة في رمضان وأنواعها ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى هل يجوز الجماع خلال شهر رمضان ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مقالات عشرون نصيحة دينية وطبية للصائم ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مقالات العشر الأواخر وليلة القدر ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مقالات كيف نودع شهر رمضان ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مقالات دور شهر رمضان في حياة الإنسان ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى خصائص شهر رمضان ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    مقالات شهر رمضان ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
    فتاوى حال المسلم في رمضان ( روابط ذات صلة ) - ( أيغوري )
Go to the Top